ئىجاد ئىلىم - پەن مەركىزى
Відкрити в Telegram
ئىجاد ئىلىم - پەن مەركىزىمىزنىڭ تېلېگرام قانىلىغا قېتىلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
Показати більшеКраїна не вказанаОсвіта173 516
491
Підписники
Немає даних24 години
Немає даних7 днів
Немає даних30 днів
Архів дописів
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تىزىملىتىش جەريانىدا كۆپ سورالغان سوئاللارنى چۆرىدەپ، سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە ئىخچام يازما تەييارلىنىۋاتىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ يەردە سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز.
مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى دەرس پروگراممىسى تونۇشتۇرۇش تور يىغىنى بولىدۇ. قالغان تەپسىلاتلارنى شۇ يىغىندا ئۇقتۇرىمىز.
ھەممىڭلارغا رەھمەت.
بۇ دەرس پروگراممىسىغا تىزىملىتىش توختىدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار:
كېنگۇرۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسىگە تەربىيىلەش سىنىپىغا تىزىملىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
كېنگۇرۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانى، مەركىزى فرانسىيىدىكى "Association Kangourou Sans Frontieres" دەرنىكىگە قاراشلىق ھالدا، ھەر يىلى مارت ئېيىنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى دۇنيا مىقياسىدىكى 99 دىن ئارتۇق دۆلەتتە، ئالتە مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان خەلقئارالىق ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدۇر. تۈركىيەدە كېنگۇرۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانى توققۇز يىلدىن بۇيان تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقى بىلەن ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەردىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتماقتا.
بىز تۈركىيەدىكى ئەقىللىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭمۇ بۇ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، مۇسابىقىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشىغا ئازغىنە بولسىمۇ تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە بۇ دەرس پروگراممىسىنى يولغا قويدۇق.
بەزى ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
دەرسىمىز 2024–يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىدۇ.
تۈركىيەدە كېنگۇرۇ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
تۈركىيە بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان 2024–يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىنىدۇ.
ئىمتىھاننىڭ شەكلىگە ئاساسەن 1- ۋە 2- يىللىقلار بىر سىنىپ، 5- ۋە 6- يىللار بىر سىنىپ قىلىنىپ، ئىككى سىنىپ ئېچىلىدۇ.
دەرس 11 ھەپتە، جەمئىي 66 سائەت داۋام قىلىدۇ.
دەرس ھەقسىز. پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە ساۋاقداشلارنىڭ كۇرسقا جىددىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن سىمۋول مىقداردا 100 تۈرك لىراسى تىزىملاش ھەققى ئېلىنىدۇ.
قالغان تەپسىلاتلار ۋاتساپ گۇرۇپپىسىدا ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇپ تىزىملىتىڭ:
https://forms.gle/S1QYDG7jWxexnpqK9
بۇ ئۇلانمىنى چېكىپ ۋاتسئاپ گۇرۇپپىسىغا قوشۇلۇڭ:
https://chat.whatsapp.com/B6mUHWSBjNQ8Q1fdndtmhZ
تور بەت ئادرېسىمىز:
www.ijadbilim.com
ئىلخەت ئادرېسىمىز:
ijadbilim@gmail.com
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توپتىكى ئەزىز قېرىنداشلار ،
ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن 🌹💐❤️
ئىجاد ئىلىم - پەن مەركىزى ۋاتسئاپ توپىغا قوشۇلۇۋېلىڭ!
ئىنشائاللاھ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىپيېڭى مەزمۇن ۋە پائالىيەتلەر بىلەن ھوزۇرۇڭلاردا بولىمىز!
WhatsApp grubuma katılın. https://chat.whatsapp.com/B6mUHWSBjNQ8Q1fdndtmhZ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
"ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى"دىن ئابدۇللاھ مەۋلان، "ئالەم بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك 25 ئاجايىب بىلىم" دېگەن كىتابچىنى ئۆزى بىر قوللۇق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئاداشلىرىغا سۇندى. تۆۋەندىكى بوشلۇقتىن كىتابنىڭ PDF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋالالايسىز.
"بىر مىنۇتتا بىر بىلىم" قىسقا ئىلىم-پەن ۋىدېئولىرى ھوزۇرۇڭلاردا.
"ئىجاد ئىلىم – پەن مەركىزى"نىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر ئۈچۈن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى بويىچە "بىر مىنۇتتا بىر بىلىم" پروگراممىسى تارقىتىلىشقا باشلىدى.
بۇ يۈرۈشلۈك فىلىملەردە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئۇقۇملاردىن تارتىپ، ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ ئۇچ نۇقتىلىرىدا كېتىۋاتقان نىسبەتەن مۇرەككەپ ساھەلەرگىچە بولغان بىلىملەر سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىشىچە ئاممىباب تىلدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلىدۇ.
ۋاقىت بىباھا، قىلىدىغان ئىشلار كۆپ بولغاچقا، ھەر قايسى ساھەدىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويماسلىق ھەم زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق پرىنسىپىمىز بويىچە، ھەر فىلىمدا مەقسەت قىلغان مەزمۇننى بىر مىنۇت ئەتراپىدا يىغىنچاقلاپ، دەل مېغىزىنى يەتكۈزۈشكە دېققەت قىلدۇق.
مەركىزىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن، قانال ۋە سەھىپىلىرىمىزگە ئەزا بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
قېنى ئەمىسە، تۇنجى فىلىمىمىزنى كۆك رەڭ بىلەن باشلاپ كېتەيلى!
