ru
Feedback
ئىجاد ئىلىم - پەن مەركىزى

ئىجاد ئىلىم - پەن مەركىزى

Открыть в Telegram

ئىجاد ئىلىم - پەن مەركىزىمىزنىڭ تېلېگرام قانىلىغا قېتىلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

Больше
Страна не указанаОбразование173 516
491
Подписчики
Нет данных24 часа
Нет данных7 дней
Нет данных30 дней
Архив постов
دەرس پروگراممىسىغا ئائىت كۆپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب.pdf

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىزىملىتىش جەريانىدا كۆپ سورالغان سوئاللارنى چۆرىدەپ، سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە ئىخچام يازما تەييارلىنىۋاتىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ يەردە سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىمىز. مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى دەرس پروگراممىسى تونۇشتۇرۇش تور يىغىنى بولىدۇ. قالغان تەپسىلاتلارنى شۇ يىغىندا ئۇقتۇرىمىز. ھەممىڭلارغا رەھمەت.

بۇ دەرستە ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسىمى.
بۇ دەرستە ئىشلىتىدىغان ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسىمى.

بۇ دەرس پروگراممىسىغا تىزىملىتىش توختىدى. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار: كېنگۇرۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسىگە تەربىيىلەش سىنىپىغا تىزىملىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز! كېنگۇرۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانى، مەركىزى فرانسىيىدىكى "Association Kangourou Sans Frontieres" دەرنىكىگە قاراشلىق ھالدا، ھەر يىلى مارت ئېيىنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى دۇنيا مىقياسىدىكى 99 دىن ئارتۇق دۆلەتتە، ئالتە مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان خەلقئارالىق ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدۇر. تۈركىيەدە كېنگۇرۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانى توققۇز يىلدىن بۇيان تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقى بىلەن ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەردىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتماقتا. بىز تۈركىيەدىكى ئەقىللىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭمۇ بۇ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، مۇسابىقىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشىغا ئازغىنە بولسىمۇ تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە بۇ دەرس پروگراممىسىنى يولغا قويدۇق. بەزى ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە: دەرسىمىز 2024–يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىدۇ. تۈركىيەدە كېنگۇرۇ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. تۈركىيە بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان 2024–يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىنىدۇ. ئىمتىھاننىڭ شەكلىگە ئاساسەن 1- ۋە 2- يىللىقلار بىر سىنىپ، 5- ۋە 6- يىللار بىر سىنىپ قىلىنىپ، ئىككى سىنىپ ئېچىلىدۇ. دەرس 11 ھەپتە، جەمئىي 66 سائەت داۋام قىلىدۇ. دەرس ھەقسىز. پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە ساۋاقداشلارنىڭ كۇرسقا جىددىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن سىمۋول مىقداردا 100 تۈرك لىراسى تىزىملاش ھەققى ئېلىنىدۇ. قالغان تەپسىلاتلار ۋاتساپ گۇرۇپپىسىدا ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇپ تىزىملىتىڭ: https://forms.gle/S1QYDG7jWxexnpqK9 بۇ ئۇلانمىنى چېكىپ ۋاتسئاپ گۇرۇپپىسىغا قوشۇلۇڭ: https://chat.whatsapp.com/B6mUHWSBjNQ8Q1fdndtmhZ تور بەت ئادرېسىمىز: www.ijadbilim.com ئىلخەت ئادرېسىمىز: ijadbilim@gmail.com

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توپتىكى ئەزىز قېرىنداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن 🌹💐❤️

ئىجاد ئىلىم - پەن مەركىزى ۋاتسئاپ توپىغا قوشۇلۇۋېلىڭ! ئىنشائاللاھ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىپيېڭى مەزمۇن ۋە پائالىيەتلەر بىلەن ھوزۇرۇڭلاردا بولىمىز!

قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم "ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى"دىن ئابدۇللاھ مەۋلان، "ئالەم بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك 25 ئاجايىب بىلىم" دېگەن كىتاب
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم "ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى"دىن ئابدۇللاھ مەۋلان، "ئالەم بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك 25 ئاجايىب بىلىم" دېگەن كىتابچىنى ئۆزى بىر قوللۇق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئاداشلىرىغا سۇندى. تۆۋەندىكى بوشلۇقتىن كىتابنىڭ PDF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋالالايسىز.

DeneYap تەجرىبىخانىلىرى ھەققىدە https://ijadlab.com/?p=2410

"بىر مىنۇتتا بىر بىلىم" قىسقا ئىلىم-پەن ۋىدېئولىرى ھوزۇرۇڭلاردا. "ئىجاد ئىلىم – پەن مەركىزى"نىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر ئۈچۈن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى بويىچە "بىر مىنۇتتا بىر بىلىم" پروگراممىسى تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ يۈرۈشلۈك فىلىملەردە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئۇقۇملاردىن تارتىپ، ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ ئۇچ نۇقتىلىرىدا كېتىۋاتقان نىسبەتەن مۇرەككەپ ساھەلەرگىچە بولغان بىلىملەر سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىشىچە ئاممىباب تىلدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلىدۇ. ۋاقىت بىباھا، قىلىدىغان ئىشلار كۆپ بولغاچقا، ھەر قايسى ساھەدىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويماسلىق ھەم زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق پرىنسىپىمىز بويىچە، ھەر فىلىمدا مەقسەت قىلغان مەزمۇننى بىر مىنۇت ئەتراپىدا يىغىنچاقلاپ، دەل مېغىزىنى يەتكۈزۈشكە دېققەت قىلدۇق. مەركىزىمىزنى قوللاش يۈزىسىدىن، قانال ۋە سەھىپىلىرىمىزگە ئەزا بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. قېنى ئەمىسە، تۇنجى فىلىمىمىزنى كۆك رەڭ بىلەن باشلاپ كېتەيلى!

FotosintezDown.pdf53.36 MB