🌹كەلگۈسىمىز ئۈچۈن...🌹
Open in Telegram
سالىھ ئايال _ دۇنيا ماتالىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا نىئمەتتۇر! سالىھ پەرزەنت __ ئۈزۈلمەس سەدىقە ۋە ئۆچمەس ئەجىردۇر !بۇلارغا ئىگە بولغان ئەر ۋە ئائىلە __ دۇنيادا شاھ ۋە ئاخىرەتتە سائادەتمەندۇر!
Show moreThe country is not specifiedReligion & Spirituality39 063
1 762
Subscribers
+124 hours
-27 days
-230 days
Data loading in progress...
Similar Channels
No data
Any problems? Please refresh the page or contact our support manager.
Tags Cloud
No data
Any problems? Please refresh the page or contact our support manager.
Incoming and Outgoing Mentions
---
---
---
---
---
---
Attracting Subscribers
September '26
September '26
+24
in 3 channels
August '26
+94
in 6 channels
Get PRO
July '26
+75
in 5 channels
Get PRO
June '26
+99
in 7 channels
Get PRO
May '26
+52
in 12 channels
Get PRO
April '26
+85
in 8 channels
Get PRO
March '26
+67
in 11 channels
Get PRO
February '26
+41
in 5 channels
Get PRO
January '26
+61
in 4 channels
Get PRO
December '25
+88
in 8 channels
Get PRO
November '25
+50
in 5 channels
Get PRO
October '25
+99
in 4 channels
Get PRO
September '25
+64
in 7 channels
Get PRO
August '25
+81
in 7 channels
Get PRO
July '25
+93
in 6 channels
Get PRO
June '25
+91
in 9 channels
Get PRO
May '25
+132
in 10 channels
Get PRO
April '25
+98
in 7 channels
Get PRO
March '25
+98
in 13 channels
Get PRO
February '25
+70
in 8 channels
Get PRO
January '25
+91
in 9 channels
Get PRO
December '24
+81
in 10 channels
Get PRO
November '24
+94
in 4 channels
Get PRO
October '24
+80
in 5 channels
Get PRO
September '24
+110
in 5 channels
Get PRO
August '24
+184
in 3 channels
Get PRO
July '24
+99
in 3 channels
Get PRO
June '24
+154
in 6 channels
Get PRO
May '24
+198
in 8 channels
Get PRO
April '24
+205
in 6 channels
Get PRO
March '24
+226
in 4 channels
Get PRO
February '24
+56
in 0 channels
Get PRO
January '24
+33
in 1 channels
Get PRO
December '23
+39
in 0 channels
Get PRO
November '23
+25
in 0 channels
Get PRO
October '23
+32
in 0 channels
Get PRO
September '23
+511
in 0 channels
| Date | Subscriber Growth | Mentions | Channels | |
| 10 September | +4 | |||
| 09 September | +3 | |||
| 08 September | +1 | |||
| 07 September | +2 | |||
| 06 September | 0 | |||
| 05 September | +4 | |||
| 04 September | +3 | |||
| 03 September | +2 | |||
| 02 September | +2 | |||
| 01 September | +3 |
Channel Posts
| 2 | No text... | 856 |
| 3 | ❤️🔥❤️🔥❤️🔥 بىزنى ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرىدىغان نان
تېرموفىل ئېچىتقۇ (دروژژى) نىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان سەلبىي تەسىرى
ئادەملەر ھەقىقىي ناننىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمكى دەۋرلەردە ناننىڭ ئادەتتە ئاددىي ئېچىتقۇ بىلەن پىشۇرۇلغانلىقىنىمۇ ئەسلىمەيدۇ. ئاددىي ئېچىتقۇنىڭ بارلىق تەركىبلىرى ئۆسۈملۈكلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئېچىتىش جەريانىنى پەيدا قىلىدۇ.
داڭلىق دېھقانلار ئېچىتقۇسى — «زەكۋاسكا» (خۇمىر، خېمىرغا خىمىك قوشماي تەبىئىي ئېچىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان باشلانغۇچ ئېچىتقۇ؛ ئۇنىڭغا خۇشپۇراق ئۆسۈملۈك، تەبىئىي شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇلغان ئۈزۈم، ئاق ۋە قىزىل مالتى قاتارلىقلار ئىشلىتىلەتتى) — ئارپا، بۇغداي ۋە باشقا دانلىق زىرائەتلەردىن تەييارلانغان. بۇ خىل باشلانغۇچ ئېچىتقۇلار بەدەننى ۋىتامىن، فېرمېنت ۋە بىئولوگىيىلىك غىدىقلىغۇچ ماددىلار بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنداقلا بەدەننىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىگە ياردەم بەرگەن دەپ قارالغان. شۇ سەۋەبتىن ئىنسان بەدىنىنىڭ كۈچلۈك، چىداملىق بولۇپ، سوغۇق ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1940-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن، يەنى ئۇرۇشتىن كېيىن، خېمىر ئېچىتىشتا ئىشلىتىلىدىغان خېمىرتۇرۇچ «زەكۋاسكا»نىڭ ئورنىنى زاۋۇت ئېچىتقۇسى (دروژژى) ئالغان. يازمىدا ئالىملار بۇ ئېچىتقۇنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ ئېچىتىش ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا تەييار خېمىرنىڭ ھەر كۇب سانتىمېتىرىدا 120 مىليون ئېچىتقۇ ھۈجەيرىسى بارلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندە ئېچىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يازمىدا بۇ جەرياندا پەيدا بولغان گازنىڭ مېڭىگە كىرىپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى بۇزىدىغانلىقى، ئەستە تۇتۇش، لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئىجادىي خىزمەت ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىدىغانلىقى دېيىلگەن. يەنە ئېچىتقۇنىڭ ھۈجەيرە دەرىجىسىدە تەسىر قىلىپ، بەدەندە ياخشى ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1990-يىلى پراگادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى دۇنيا ئۆسۈملۈك دورىلىرى قۇرۇلتىيىدا پروفېسسور لاربېرتنىڭ ئېچىتقۇ بىلەن تەييارلانغان ئاق ناننىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق تەسىرى توغرىسىدا ئەندىشە بىلدۈرۈپ سۆز قىلغانلىقىمۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان. بۇ خىل ناننى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش باش ئاغرىش، ئۇيقۇچانلىق، جىددىيلىشىش، ھەزىم قىلىش مەسىلىلىرى، تەپەككۇرنىڭ ئاستىلىشى، جىنسىي پائالىيەتنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ يېزىلغان.
يازغۇچىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئېچىتقۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان سالبى تەسىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن ئالىملار تەتقىق قىلغان. بۇ ھەقتە روسىنى جانفرانكو، گ. باسسى، د. شېرمان، ئاكادېمىكلار ف. ئۇگلوۋ، ب. ئىسقاقوف، ن. دۇبىنن، فرانسىيەلىك پروفېسسور ئېتىيېن ۋولف ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.
نېمە قىلىش كېرەك؟
يازما بويىچە، قەدىمكى زاماندا ۋە يېقىن ئۆتمۈشتە ئىشلىتىلگەن «زەكۋاسكا» ئېچىتقۇسى بىلەن نان پىشۇرۇشقا قايتىش كېرەك.
ئەجدادلىرىمىز: «نان — خۇدانىڭ نېمىتى» دەيتتى. ئەمما ئۇلار ناننى ھازىرقى تېرموفىل ئېچىتقۇ بىلەن پىشۇرمىغان. يازمىدا بۇ خىل ئېچىتقۇنىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇن پەيدا بولغانلىقى ۋە گېرمانىيەدىن ئېلىنغان مەخپىي ماتېرىياللاردا بۇ ئېچىتقۇنىڭ ئادەم سۆڭىكىدە ئۆستۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
قەدىمكى ۋە يېقىن ئۆتمۈشتىكى ئادەملەر نان پىشۇرۇشتا نېمىنى ئىشلەتكەن؟ داڭلىق دېھقانلارنىڭ «زەكۋاسكا»لىرى ئارپا، بۇغداي، سۇلۇ، قارا بۇغداي قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەردىن تەييارلانغان. ھازىرغىچە بەزى يىراق يېزا-قىشلاقلاردا زاۋۇت ئېچىتقۇسىسىز نان تەييارلاش ئۇسۇللىرى ساقلىنىپ قالغان.
يازما بۇ خىل تەبىئىي ئېچىتقۇلارنىڭ بەدەننى ئورگانىك كىسلاتىلار، ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار، فېرمېنتلار، تالالىق ماددىلار، پېكتىن ۋە بىئولوگىيىلىك غىدىقلىغۇچ ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
🍪 ئۇنى تەييارلاشنىڭ سىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆتۈپ كەلگەن. دېگۈدەك ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس رېتسىپى بولغان. تەخمىنەن ھەپتىدە بىر قېتىم قارا بۇغداي، سۇلۇ قاتارلىق ھەر خىل ئۇنلاردىن تەييارلانغان «زەكۋاسكا» بىلەن نان پىشۇرۇلغان.
"شىفا مەسكىنى " قانىلىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ يۆتكەلدى. | 826 |
| 4 | ئىمام شاتىبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:📿
بەندى ئۈچۈن سائادەت (بەخت-سائادەت) ئالامەتلىرىدىن:
❶ ئۇنىڭغا ئىبادەت-ئىتائەتلەرنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشى.
❷ ئەمەللىرىنىڭ سۈننەتكە مۇۋاپىق بولۇشى.
❸ سالىھ كىشىلەر بىلەن ھەمراھ بولۇشى.
❹ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ۋە ئەخلاقىنىڭ گۈزەل بولۇشى.
❺ كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىشى.
❻ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشى.
➐ ۋاقىتلىرىنى قەدىرلىشى ۋە ئۇلارنى ئىنتىزام بىلەن ئۆتكۈزۈشى.
📚 «ئەل-ئىئتىسام» | 461 |
| 5 | نىئمەتلەرنىڭ قولدىن كىتىش سەۋەبى نىمە ؟؟؟
ئويلىنىپ بېقىڭ بۇ ئىللەت سىزدە بار مىكىن ؟؟؟ | 618 |
| 6 | بىز بۇ چاغقىچە بۇ شەكىلدە مۇراجىئەتنامە يازمايتۇق،نۇرغۇن قىيىنچىلىق پەيتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولدۇق، لىكىن ھەر قانچە قىيىنچىلىق ئەھۋاللار بولسىمۇ ئۆزىمىز ۋە ئەتراپتىكى يىقىن قىرىنداشلار بىلەن ۋە شامكەشنى يوللاڭلار دەپ بىزلەرنى بەزىدە سۈيلەپ تۇرۇپ ئۆزلىكىدىن ئىھسان قىلىدىغان بەزى قىرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەن. ئەمما بۇ قىتىم بۇ ئاز پۇل بىلەن ھەل بولمىغاچقا ئامال يوق يىزىپ قالدۇق،توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز، جامائەتتىن سوراشتىن خىجىل بولدۇق، ئالدىنقى قىتىم تىخى قارىئەلىرىمىز ئۈچۈن شۇنداق كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلسا يەنە سوراشقا تىلىمىز بارمىدى ،چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈكى ئىغىر، بىزدە 800ئوقۇغۇچى بولسا ،ئۇلار نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ غىمىنى يىمىسە بولمايدۇ ۋە بىزدىنمۇ قىيىنچىلىقى ئىغىر نۇرغۇن قىرىنداشلار بار، بىزمۇ تىخىمۇ ئىغىرىمىزنى سېلىشنى توغرا كۆرمەي ، باشتا ھەل قىلىشقا تىرىشىپ بىقىپ پەقەت ئامال بولمىغاندا دەيلى دەپ مۇراجىئەتنامە يىزىشنى ئويلاشقان، مۇشۇ مۇراجىئەتنامىنىمۇ يازغىلى نەچچە كۈن بولغانتى، قانالغا يوللاشتىن ئىككىلىنىپ بىر ئامالى بوپ قالارمۇ دەپ توختاپ تۇرۇپ ئاخىرى بۈگۈن يوللىدۇق،بۇ ئىنشائاللاھ قىرىنداشلار ئۈچۈنمۇ بىر ئەجىر ئالىدىغان پۇرسەتكەن، بىزمۇ بۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھنىڭ كالامى ئۈچۈن ۋەخپە قىلىپ ئىشلەتكەنكىن ،قىرىنداشلارغا ئىن شائاللاھ سەدىقە جارىيە بولغىدەك ،راببىم شۇ سەۋەبلىك ئاسانلىق بىرىۋەتسە ،شۇ سەۋەب ئاياللار تىخىمۇ ئىلىمغا يۈزلىنىپ ، قەلبلەر تىخىمۇ نۇرغا تولىشىغا سەۋەب بولسا دىگەن ئۈمىدلەر بىلەن تەۋەككۈل قىلىپ يوللىغان،ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئىككى يىرىم سائەت ئىچىدە 180دوللار يىغىلىپتۇ 😭 بۇ ساننى كۆرۈپ ئاللاھقا شۈكرى سەجدىسى قىلدىم ،توغرا بۇ پۇل ئۆي ئەمەس،ئاددىسى تام چۆرىگىلى قىش ئەكىلىشكىمۇ يەتمەيدۇ، لىكىن ئىن شائاللاھ يەتكىدەك پۇلمۇ يىغىلىپ قالغۇدەك دىگەن بىر ئۈمىد چىرىقىنى قەلبىمىزدە ياقتى، ئىچىمىزدە ياخشىلىققا ئالدىرىغۇچى قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەن بەك كۆپكەن ئاللاھ تىخىمۇ بەرىكەت بەرسۇن، ئاللاھ شۈكۈر قىلغان بەندىسىگە تىخىمۇ زىيادە قىلىدۇ ئىنشائاللاھ، ئۆزىنىڭ يولىدا قەدەم ئالغان بەندىسىنى تاشلاپ قويمايدۇ ، راببمىز بۇ چاقىرىقنى بەركەتلەرگە تولدۇرۇپ بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە قىلىپ بەرسۇن، قىرىنداشلارنىڭ ئىقتىسادىغا بەركەت بەرسۇن 🤲 | 501 |
| 7 | پارلاق قۇرئان يادلىتىش مەركىزىنىڭ شامكەش ئادرىسى | 1 322 |
| 8 | مۇراجىئەتنامە
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن پارلاق قۇرئان يادلىتىش مەركىزىنىڭ توردا داۋام قىلىۋاتقىنىغا 5يىل بولغان بولسا ،يۈز تۇرانە كۇرسلار ئىچىلغىنىغا بىر يىل بولاي دېدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەتىجىلەر چىققان بولدى ھەم چىقىۋاتىدۇ ئەلھەمدۇلىللاھ.
توردا ۋە يۈز تۇرانە بولۇپ 20نەچچەيلەن قارى بولدى ،ۋە 30تىن كۆپ ھەمشىرلەر قۇرئاننى جەملەۋاتىدۇ.
ھەممەيلەن بىلگىنىڭلاردەك قۇرئان دەرسى يۈز تۇرانە بولسا توردىكىدىن نەتىجىسى نەچچە باراۋەر تىز بولىدۇ. قىزغىنلىق تىخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
يۈز تۇرانە ئاياللارغا ۋە بالىلارغا كۇرسلار ئىچىلغاندىن كىيىن بۇنىڭغا ئەمەلى شاھىد بولۇپ تۇرۇپتىمىز. توردا 5يىلدا چىققان نەتىجە 10ئايدىلا ئۇنىڭدىن ئارتۇقى بىلەن چىققان بولدى ئەلھەمدۇلىللاھ
مەقسەتكە كەلسەك كۇرسلىرىمىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ياكى ۋاقىتلىق بېرىپ تۇرغان ئورۇنلاردا بولۇپ كىلىۋاتىدۇ ،بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولدۇق. ئائىلىلىك ئۆيلەردە ئەرلەر بار ۋاقىتتا قولايسىز بولۇش دېگەندەك قىيىنچىلىق بولسا ،باشقا ئاممىۋىي ئورۇنلاردا نەرسىلەر تولا يۈتۈپ كىتىش ،ۋە بىز قىلمىغان بىز يوق چاغدا بولغان ئىشلارغا بىز ئىگە بولۇپ قالدىغان قىلمىغان ئىشنىڭ پۇلىنى تۆلەيدىغان ھەر خىل ئىشلار بولغان بولدى.
ھازىر يۈز تۇرانە كۇرسلاردا ئىككى مەھەللىدىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتىدۇ.
توردىكى بىلەن قوشۇلۇپ 800دىن ئاشىدۇ.
بۇ چاغقىچە گەرچە ئىقتىسادى ئارقا تىرىكىمىز يوق بولسىمۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ھەرخىل يوللار بىلەن قىزىقتۇرۇپ داۋام قىلىپ مۇشۇ كۈنگە كەلگەن بولدۇق ئەلھەمدۇلىللاھ.
مۇقىم ئورۇن قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ لىكىن دائىم ئالدىمىزغا ئىقتىساد قىيىنچىلىقى قارا كۆلەڭگە بولۇپ بىزنى ئامالسىز قويۇپ كەلدى.
مەركەز ئۈچۈن ئورۇن ھەل قىلىشقا پۇلى ئەرزان ياكى ھەقسىز ئورۇن ئىزدەش ئۈچۈن ئىككى ئاينىڭزى تىنىم تاپماي ئىزدەنگەن بولساقمۇ لىكىن ناھايىتى كىچىك بىر ئورۇنلارنىڭمۇ نەچچە مىڭ دوللارنىڭ ئاستىغا ئالغىلى بولمايدىغىنى، ھەقسز ئورۇننى تىپىشنىڭ تىخىمۇ تەسلىكى ،پۇلغا ئالغان تەقدىردىمۇ ئوڭشىماي كىرگىلى بولمايدىغىنى كۆڭلىمىزنى بەك يېرىم قىلدى. نەچچەن مىڭ دوللار پۇل بىزگە نىسبەتەن بەك كۆپ پۇل ئىدى، بۇنى ھەل قىلىش ئاسان ئەمەس دەپ بەك بىشىمىز قاتتى.
ئاخىرى تۇرۇپ بىزلەرنى قىيىنچىلىقتا تاشلاپ قويمايدىغان سىلەردەك مېھىرلىك خەلقىمىز بار، بىزنى يالغۇز قويمايدۇ دەپ ئۈمىد قىلىپ بۇ مۇراجىئەتنامىنى يازدۇق.
بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان ھەممە تاقەتنى ،يىنىمىزدىكى ھەممە ئىقتىسادنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئىش باشلىدۇق.
قىرىنداشلارمۇ ھەر بىرەيلەن ئۆزىنىڭ تاقىتىنى چىقىرىپ ياردەم قىلسا بۇ ئىنشائاللاھ ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن سەدىقە جارىيە بولۇپ قالغۇسى ،شۇ ئورۇندا قانچە ئۇزۇن ۋاقىت قۇرئان دەرسى قىلىنسا سىلەرگىمۇ ئەجرى يىتىپ بارىدۇ ئىنشائاللاھ.
ھەر بىرەيلەننىڭ ئاز بولسىمۇ تاقىتى يەتكەننى چىقارغىنى بەلكىم قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى ئۈچۈن، سەن بۇ يولدا نىمە قىلدىڭ دىگەن چاغدا بىرىدىغان جاۋابى ئۈچۈن بىر ئىسپات بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، بىزلەرنىڭ بۇ كۈنىگىچە قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزدىن سىلەر تولۇق خەۋەردار، ئىقتىسادنى قانداق ئورۇنغا ئىشلىتىدىغىنىمىزنىمۇ ياخشى بىلىسىلەر، ئازنى ئاز كۆرمەي بىر سىنىت بولسىمۇ تۆھپىڭىزنى قوشۇشنى ئۇنۇتماڭ ،بۇ سىز ئۈچۈن بەلكىم قىيامەت كۈنى تاغدەك ياخشىلىققا ئايلىنىشى مۇمكىن.
ھېچقايسىغا قادىر بولالمىسىڭىز ھېچبولمىسا
تۆۋەندىكى شامكەشنى ۋە بۇ ئۇچۇرنى ئۆزۈڭىزدە بار توپلارغا ياكى يىقىنىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ ، ۋە بىزنىڭ ئىشەنچلىك ئورۇن ئىكەنلىكىمىزنى ئۇقتۇرۇڭ،ياخشىلىققا ۋەسىلە بولغۇچى، قىلغۇچى بىلەن ئوخشاش ئەجىرگە ئىرىشىدۇ ئىنشائاللاھ.
_ھۆرمەت بىلەن پارلاق قۇرئان يادلىتىش مەركىزىدىن | 1 424 |
| 9 | No text... | 1 026 |
| 10 | رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:
«ئايال بىر ئايالغا يېقىنلىشىپ، ئۇنى كۆرۈپ، كېيىن ئېرىگە ئۇ ئايالنى خۇددى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغاندەك سۈپەتلەپ بەرمىسۇن.»
📚 مەنبە: سەھىھۇل بۇخارى، 5240-ھەدىس
بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئاياللار بىلىمسىزلىك، بىپەرۋالىق ياكى بۇ ئىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى سەزمىگەنلىكتىن، دوستلىرىنى ياكى باشقا ئاياللارنى ئۆز ئېرىگە سۈپەتلەپ بېرىدۇ:
«بۇنداق ئىكەن، ئۇنداق ئىكەن…» دەپ ئۇ ئايالنىڭ قىياپىتى، بەدىنى ياكى گۈزەللىكىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
بۇنداق قىلىش جايىز ئەمەس.
چۈنكى سىز «پەقەت سۆزلەپ قويدۇم» دەپ ئويلىسىڭىزمۇ، بۇ سۆزلەر ئېرىڭىزنىڭ ئۇ ئايالغا بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىشى، ھەتتا ئۇنى خىيالىدا تەسەۋۋۇر قىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى بار.
شۇڭا مۇسۇلمان ئايال ھايا، ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلسۇن.
ھىجاب پەقەت كىيىنىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئەۋرەت ۋە شەخسىي سۈپەتلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق، باشقىلارنى ئېرىگە سۈپەتلەپ بەرمەسلىكمۇ ھايانىڭ بىر قىسمىدۇر.
ھايا ــ مۇسۇلمان ئايالنىڭ زىننىتى.
ئەقىل ــ ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى.
سۆزگە ئېھتىيات قىلىش ــ ئۇنىڭ پاكلىقىنىڭ بەلگىسى! | 1 326 |
| 11 | يالغاننىڭ ئەڭ خەتەرلىكى — ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئېيتقان يالغىنىدۇر.
«ئەتە باشلايمەن» — دەپ، بۈگۈننى قولدىن بەرمەڭ.
«ۋاقتىم يوق» — دەپ، مۇھىم ئىشلارنى كېچىكتۈرمەڭ.
«قولۇمدىن كەلمەيدۇ» — دەپ، تىرىشماي تۇرۇپلا ۋاز كەچمەڭ.
«مەن ياخشى» — دەپ، قەلبىڭىزدىكى ئازابنى يوشۇرماڭ.
«بىر قېتىمدىن نېمە بولاتتى؟» — دەپ، خاتالىقىڭىزنى ئاقلىماڭ.
بەزىدە بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ توساق — ئۆزىمىزگە ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان باھانىلىرىمىزدۇر.
⏳ بۈگۈن قىلىشىڭىز كېرەك بولغان ئىشنى ئەتەگە قالدۇرماڭ.
چۈنكى بىر كۈن كېلىپ،
«ئەتە» دېگەن كۈنلەرنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ...
ئۆزىڭىزگە سەمىمىي بولۇڭ. 🌷
قەدىمىڭىزنى بۈگۈندىن باشلاڭ. 🌹 | 788 |
| 12 | سېغىنمىغانلار😭😭😭
نەشىيد
(ئازغىنە مۇزىكىسى بار ئىكەن ، سۈزىۋېتىلدى) | 1 116 |
| 13 | پەرزەنت تەربىيسىنىڭ باشلىنىشى
ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئىمراننىڭ ئايالى: ‹ئى رەببىم! قورسىقىمدىكى بالىنى (دۇنيانىڭ بارلىق ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىپ، ساڭا نەزىر قىلدىم. مەندىن قوبۇل قىلغىن! شۈبھىسىزكى، سەن دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى، نىيەتلەرنى بىلگۈچىسەن› دېگەن ئىدى.»
(ئال ئىمران سۈرىسى، 35-ئايەت)
ئۇلار بالىنىڭ تەربىيەسىنى تېخى ئادەم بولۇپ دۇنياغا كەلمىگەن، ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا باشلايتتى!
ئۇ ۋاقىتتىلا بالىغا دىنغا بولغان غەم-غورۇرنى سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلاتتى، ئۇنىڭدىن ياخشى ئۈمىد ۋە گۈزەل نىيەتلەر قىلاتتى.
ھەتتا ئۇنى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا دۇنيا مال-مۈلكىگە بېرىلىپ كەتمەيدىغان، ئاللاھ ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن خالىي بولغان بىر قۇل بولۇشقا تەييارلايتتى.
ئۇ تېخى قورسىقتىلا ۋاقىتتىن باشلاپ، ئاللاھنىڭ ئاڭلىغۇچى ۋە ھەممىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئېتىقاد بىلەن ئۇنىڭغا يول ئاچاتتى...
مانا شۇنداق تەربىيەنىڭ نەتىجىسىدە مەريەملەر، ئۇلاردىن بولسا قىيامەتكىچە ئىنسانىيەتكە ھىدايەت ۋە نىجاتلىقنىڭ سەۋەبچىسى بولغان ئىيسالار دۇنياغا كەلگەن بولاتتى! | 1 041 |
| 14 | سەئيد ئىبنى مۇسەييب رەھىمەھۇللاھقا ئېيتىلدى:
— ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى تەلىھە ۋاپات بولدى.
ئۇ كىشى سورىدى:
— قانداق ۋاپات بولدى؟
— ئۆي ئۈستىگە چۈشۈپ كەتكەن، ئۇ كىشى ئۆينىڭ ئىچىدە ئىكەن.
— ياق! بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئۇنداق زاتلارنى بۇنداق ئۆلۈم بىلەن دۇنيادىن كېتىشىگە يول قويمايدۇ!..
ئادەملەر چۈشكەن ئۆينىڭ قالدۇقلىرىنى قېزىپ، خاراب بولغان نەرسىلەرنى ئېلىپ تاشلىدى ۋە ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەدنى تىرىك ھالدا چىقىرىۋالدى. قارىسا، ھېچ يېرى سۇنمىغان ۋە بەدىنىدە بىرەر سۈرلۈشمۇ يوق ئىدى!
سەئيد ئىبنى مۇسەييب رەھىمەھۇللاھدىن سورىدى:
— ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى قەيەردىن بىلگەنتىڭىز؟
ئۇ كىشى جاۋاب بەردى:
— چۈنكى ئۇ قېرىنداشلىق رىشتەسىنى مەھكەم باغلىغۇچى (سىلە-رەھم قىلغۇچى) ئىدى. سىلە-رەھم قىلغۇچى ئىنساننى يامان ئۆلۈم تاپمايدۇ.
مەنبە:
«ئەل-بايان ۋە ئەت-تابيىن» / ئەل-جاحىز (3/121) | 1 351 |
| 15 | No text... | 990 |
| 16 | 🏝108. مۇسەننا ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
بۇ ساھابە توغرىسىدا ئاڭلىغانمۇ سىز؟؟؟ | 902 |
| 17 | No text... | 1 035 |
| 18 | No text... | 833 |
| 19 | No text... | 869 |
| 20 | No text... | 775 |
