پاساھەت كۇتۇپخانىسى
Open in Telegram
پاساھەت كۇتۇپخانىسى - تور دۇنياسىدىكى ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بىر يەرگە يىغىش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن قۇرۇلغان خالىس بىر قانالدۇر.
Show moreThe country is not specifiedEducation129 392
834
Subscribers
No data24 hours
No data7 days
No data30 days
Posts Archive
Repost from ئىجاد ئىلىم - پەن مەركىزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار:
كېنگۇرۇ ماتېماتىكا مۇسابىقىسىگە تەربىيىلەش سىنىپىغا تىزىملىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!
كېنگۇرۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانى، مەركىزى فرانسىيىدىكى "Association Kangourou Sans Frontieres" دەرنىكىگە قاراشلىق ھالدا، ھەر يىلى مارت ئېيىنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى دۇنيا مىقياسىدىكى 99 دىن ئارتۇق دۆلەتتە، ئالتە مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان خەلقئارالىق ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدۇر. تۈركىيەدە كېنگۇرۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانى توققۇز يىلدىن بۇيان تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقى بىلەن ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەردىكى تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتماقتا.
بىز تۈركىيەدىكى ئەقىللىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭمۇ بۇ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، مۇسابىقىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشىغا ئازغىنە بولسىمۇ تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە بۇ دەرس پروگراممىسىنى يولغا قويدۇق.
بەزى ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
دەرسىمىز 2024–يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىدۇ.
تۈركىيەدە كېنگۇرۇ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
تۈركىيە بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان 2024–يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىنىدۇ.
ئىمتىھاننىڭ شەكلىگە ئاساسەن 1- ۋە 2- يىللىقلار بىر سىنىپ، 5- ۋە 6- يىللار بىر سىنىپ قىلىنىپ، ئىككى سىنىپ ئېچىلىدۇ.
دەرس 11 ھەپتە، جەمئىي 66 سائەت داۋام قىلىدۇ.
دەرس ھەقسىز. پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە ساۋاقداشلارنىڭ كۇرسقا جىددىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن سىمۋول مىقداردا 100 تۈرك لىراسى تىزىملاش ھەققى ئېلىنىدۇ.
قالغان تەپسىلاتلار ۋاتساپ گۇرۇپپىسىدا ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرۇپ تىزىملىتىڭ:
https://forms.gle/S1QYDG7jWxexnpqK9
بۇ ئۇلانمىنى چېكىپ ۋاتسئاپ گۇرۇپپىسىغا قوشۇلۇڭ:
https://chat.whatsapp.com/B6mUHWSBjNQ8Q1fdndtmhZ
تور بەت ئادرېسىمىز:
www.ijadbilim.com
ئىلخەت ئادرېسىمىز:
ijadbilim@gmail.com
تۆۋەندىكى ئۇچۇر پايدىلىق بولغاچ بۇ قانالغا ھەمبەھىرلەندى، پايدىلىنىپ قېلىڭلار👇👇👇
Repost from ئىنگلىزتىلىدىن سىناق
Anybody ___ wants to join us has to fill in the application form.
Repost from ئىنگلىزتىلىدىن سىناق
They are building a new bridge ___ will connect the two halves of the island.
Basic English Grammar
A systematic introduction to grammar for beginning learners
يېڭىدىن باشلىغانلارئىنگلىزتىلى گرامماتىكىسىنى ئۈچۈن سىستېملىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن كىتاب 👇👇👇
https://t.me/uyentest
بۇ قانالغا قېتىلىپ، ئىنگلىزچە قىسقا سوئاللارنى ئىشلەپ، سەۋىيەرىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ ۋە يۈكسەلتىڭ.
