فۇرقان دەۋەت مەركىزى
Open in Telegram
كىم ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرسە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. http://mujtehid.com/
Show moreThe country is not specifiedReligion & Spirituality93 497
633
Subscribers
No data24 hours
-37 days
-830 days
Posts Archive
بۇ خىل گۇناھ جارىيەدىن يانمامسىز؟
خېلى دىندار دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىمۇ يۈز-كۆزى، بويۇن باشلىرى ئوچۇق، يېرىم-يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىم-ۋىديولىرىنى توردا قورقماي ھەمبەرلەپ تارقىتىۋېرىدىغان ھالەت تۈگىمەيۋاتىدۇ. يۈز-كۆزى، ئۈستى بېشى، بېلەك، پاچاقلىرى ئوچۇق، ياكى ھىجاپ كىيىۋالغاندەك قىلسىمۇ بەدەن ئەزالىرى بىلىنىشىپ قالىدىغان قىز-ئاياللارنىڭ رەسىم ياكى ۋىديولىرىنى تورغا يوللاش گۇناھ. بۇنى قىلغۇچى گۇناھكار بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «كۆزىڭ زىناسى قاراشتۇر» دېگەن. بۇ خىل ئاياللارنىڭ رەسىم-ۋىديولىرىنى تورغا يوللىغۇچىلار كىشىلەرنىڭ كۆز زىناسى قىلىشىغا يول ئاچقۇچىلاردۇر. بۇ قىلمىشى كىشىگە تاكى سەمىمىي تەۋبە قىلىپ، قۇربىتى يەتكەن تەقدىردە چىقارغان نەرسىسىنى ئۆچۈرۈپ يوق قىلمىغۇچە گۇناھ جارىيە بولۇپ يېزىلىپ مېڭىۋېرىش خەتىرى بار. قېرىنداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە دىققەتلىك بولۇشىنى، توردا ياكى ئەمەلىيەتتە ھەر بىر قەدەمنى ئويلىنىپ بېسىشىنى، دىنغا زىت ئىشلاردىن ھەر دائىم ئۇزاق تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ خىل رەسىم ۋىديولارغا دۇچ كېلىپ قالغان قېرىنداشلارغا «نامەھرەمگە قاراشتىن كۆزۈڭنى يۇم» ھەدىسىنى ئەسلىتىمىز.(سەھىھ جامىئۇس سەغىر) قېرىنداشلارنىڭ ئۆزى دىققەت قىلىشى بىلەن بىرگە، ئائىلە، بالا-چاقىلىرىغا، دوست-بۇرادەرلىرىگە بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.—مۇجتەھىد تورى
