cookie

We use cookies to improve your browsing experience. By clicking «Accept all», you agree to the use of cookies.

avatar

ئىبرەتلىك ۋە تەسىرلىك دەۋەتلەر

بۇ قانالغا ئىبرەتلىك ۋە تەسىرلىك ۋېدىيۇ ۋە ئاۋازلىق دەۋەتلەر يوللىنىدۇ 👏🌷🌷🌷🌷🌷🌷 ھەمبەھىرلەپ قويغايسىلەر 📢📢📢📢📢📣📣📣📣📣🔊🔊🔊🔊📯📯📯ئاللاھ مەنفەئەتلىك قىلسۇن!!!!!!! 🌷🌷🌷🌷

Show more
The country is not specifiedUighur89Religion & Spirituality78 476
Advertising posts
349
Subscribers
No data24 hours
+37 days
+230 days

Data loading in progress...

Subscriber growth rate

Data loading in progress...

يەتتە تۈرلۈك ئۇيقۇ 1- غافىللار ئۇيقۇسى : ئۇلار ئاللا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى زىكىر قىلىنىۋاتقان ئۇرۇندا ئۇخلايدىغانلار . 2- شەقى (بەدبەخ ) لەر ئۇيقۇسى : ئۇلار ناماز ۋاختىدا ئۇخلايدىغانلار . 3- مەلئۇنلار ئۇيقۇسى : ئۇلار بامدات نامىزى ۋاختىدا ئۇخلايدىغانلار .يەنە بىر رىۋايەتتە «كىمىكى ئۈچ كۈن بامدات نامىزىنى قازا قىلسا مۇناپىقلار بىلەن ھەشىر قىلىنىدۇ ». 4-ئازاپلانغۇچىلار ئۇيقۇسى : ئۇلار ئىككى تاڭ ئارىسىدا يەنى بامدات ئەزانى بىلەن قۇياش چىقىش ئارىسىدا ئۇخلايدىغانلار ، بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇ ئارلىقتا ئۇخلىغان شەخس پىئلىي ئازاپقا دۇچار بولىدۇ ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك رىزقى ۋە بەركىتى تەقسىم قىلىنىدۇ ،شۇنداقلا ئۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتتۇر . 5-راھەت ئۇيقۇسى : بۇ ئۇيقۇ ئىنساننى بەخىتلىك قىلىدۇ ،قانداق بىر چۈش كۆرسە ھەقىقەتەن رىئاللىق بۇلىدۇ . 6-رۇخسەت ئۇيقۇسى : ئۇ ناماز شام بىلەن ناماز خۇپتەندىن كىيىنكى ئۇيقۇدۇر . 7- ھەسرەت ئۇيقۇسى : ئۇ جۈمە يۇر كىچىسىدىكى ئۇيقۇدۇر، بۇ كىچە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە قارايدىغان كىچە بولۇپ ، ئۇ كىچىنى زىكرى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ناھايىتى ياخشىدۇر .
Show all...
قۇرئانغا قاراپ بېقىڭ؟ قارىدىڭىزمۇ؟…قانچە بەت باركەن؟…مىنىڭچە چوقۇم قاراپ باقتىڭىز…ئۇنداقتا ياخشى…سۆزىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى:قۇرئان 600 بەت بولسا 30 كۈندە قانچە بەتتىن توغرا كېلىدۇ؟…بولدى ھېساپلايمەن دەپ ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ…تولىمۇ ئاددى…600÷30=20 بەت . ئەمەلىيەتتە بۇ بەكمۇ ئاسان…يەنى كۈنىگە 20 بەتتىن توغرا كېلىدۇ…          بىزنىڭ يەنە كۈندە 5 ۋاق نامىزىمىز بار…ھېلىقى 20÷5=4 بەت قالىدۇ…شۇنداق بولغاندا ھەر نامازدىن كىيىن 4 بەت قۇرئان ئوقۇسىڭىز بىر ئايدا قۇرئاننى كەڭ-كۇشادە تولۇق ئوقۇپ بولىسىز…ئالدىرماڭ ، خېتىم تېخى تۈگىمىدى ، سىزگە ھازىرلا كۆرسىتىمەن…ئاخىرغىچە تولۇق ئوقۇڭ:ئەگەر سىز بۇ يازمىنى قېرىنداشلىرىڭىز ۋە دوسلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىگە ئەۋەتسىڭىز ، ئۇلار سىز سەۋەپلىك قۇرئاننى تامام قىلسا ، ئۇنداقتا سىز ئېرىشىدىغان ساۋاپنىڭ مىقدارىنىڭ  قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟!!!          يا ئاللاھ …!!!          ئۇلارنىڭ ھەربىرى ھەر قېتىم قۇرئاننى تامام قىلسا ئۇنىڭ ئەجرى سىزگىمۇ يېزىلىدۇ!!! ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان بۇ ئىشنى نىمىشقا قىلمايسىز؟!!!          نىمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ سىزنىڭ سەۋەبىڭىز بىلەن قۇرئاننى تامام قىلىشىغا سەۋەپ قىلمايسىز؟!!!ئىككىلىنىۋاتامسىز؟ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام مۇنداق دەيدۇ: << الدال على الخير كفاعله >> << ياخشىلىققا  باشلىغۇچى ئۇنى قىلغۇچىغا ئوخشاشتۇر >> ئەگەر بۇ ھەدىس سىزگە تەسىر قىلغان بولسا ئۇنى چوقۇم تارقىتىڭ…ياخشىلىققا باشلىغۇچى ئۇنى قىلغۇچىغا ئوخشاشتۇر!!!
Show all...
دائىم ياخشى گۇماندا بولۇڭ! بىر ئايال دېدى : _ خۇدا خالىسا، مەن ئەلۋەتتە سالىھ ئىنسانغا تۇرمۇشقا چىقىمەن... ئېيتقىنى بولدى. ئەر كاتتا تۆھمەتكە قېلىپ قامالدى. دېدىلەر: _ئېرىڭ تۆھمەتكە قېلىپ قامالدى، يېقىن ئارىدا چىقمىسا كېرەك، ئۇنىڭ پەقەت ئۆلىگى چىقىدۇ، _دېدى. دېدى : _ياق ، خۇدا خالىسا، ئەلۋەتتە چىقىدۇ. مەن ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق كۈتىۋالىمەن. ئېيتقىنى بولدى. ئېرىنىڭ قانداق چىققىنىغا ھەممىسى ھەيران قالدى. بىر كىشى دېدى : _مەن ئىشتىن ھەيدىلىشىمدىن قورقىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشسىز قالىدىغان كۈنلىرىمگە ھەم پۇل يىغىشىم كېرەك! ئېيتقىنى بولدى. ئىشتىن بوشىتىلدى. نىمىگە بىزنىڭ ئېيتقىنىمىز روياپقا چىقىدۇ؟ چۈنكى اللە تائالا : _ بەندەم مېنى قانداق ئويلىسا، شۇنداق مەن! _دېدى. ئەگەر اللە ھەققىدە چىرايلىق گۇمان قىلسا، ئۆزىگە ياخشى. يامان ئويلىسا، ئۆزىگە يامان.
Show all...
ئالدىراپ توي قىلىشقا بولمايدىغان نەچچە خىل ئايال 1: ئەرلەرنىڭ ئىماكانى يىتەمدۇ يەتمەمدۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق ئەرلەرگى ئاسمان پەلەك شەرت قۇيۇپ تۇرۋالىدىغان ئايال ، بۇنداق ئاياللارنىڭ نەپسىنى كىچىكرەك ئىشلار بىلەن قاندۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ . ئۇلار ھەر زامان سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈڭىزنى پۇل خەجلەپ بىرىش سۇۋغات بىرىش ئارقىلىق ئىپادىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇنۇتماڭكى سىزنى ھەقىقىي سۈيىدىغان ، سىز بىلەن توي قىلىپ بىرگە ياشاش ئۇيى بار ئايال سىزنى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئىمكانىڭىز يار بەرمەيدىغان ئىشلارغا زورلىمايدۇ . 2: ئەركىشى چۇقۇم بەدەل تۈلىشى كىرەك دەيدىغان ئايال ، تويدىن كىيىنمۇ ئۇ سىزدىن ھەر ۋاقىت بەدەل تۈلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ، نىكاھ ياكى مۇھەببەتتە بىرلا تەرەپ بەدەل تۈلەپ بەخىتلىك بولغىلى بولمايدۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق بەدەل تۈلىگەندە بەخىتلىك ئائىلە قۇرغىلى بۇلىدۇ . 3: سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك پۇل خەجلەپ بەرگىنىڭىزگە قاراپ توختىماي ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان ئايال ، بۇنداق ئاياللارغا سىز كۆپ پۇل خەجلەپ بىرەلىسىڭىز سىز گوياكى بىر پادىشاھ پۇلىڭىز بولمىغاندا سىز ئۇنىڭغا يۈك ، 4: ھەر زامان ئازارلىشىپ قالغاندا سىزنىڭ قىزىل سىزىقىڭىزدىن ئۈتۈپ سەۋرىڭىزگە جەڭ ئىلان قىلىدىغان ئايال ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۈزى مەڭگۈ خاتالاشمايغان تېپىلغۇسىز دانا ئىنسان بارلىق خاتالىق سىزدىلا .
Show all...
ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە لايىق - مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرى : (1)مۆمىن پۈتۈن ئىشلىرىدا ئىخلاس قىلىدۇ. (2) مۆمىن تەۋھىدتە ئىخلاسمەندۇر . (3) مۆمىن ئىشىدا ئىخلاسمەندۇر. 2- مۆمىن دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدۇ. 3- مۆمىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدۇ، تەقدىرگە رازى بولىدۇ. 4- مۆمىننىڭ ھەۋىسى ئازدۇر. 5- مۆمىن كۆڭلى باي قانائەتچاندۇر . 6- مۆمىن ئىپپەتلىكتۇر . 7- مۆمىن كەمتەردۇر . 8- مۆمىن مۆمىنلەرگە مۇلايىم ۋە مىھرىباندۇر . 9- مۆمىن كافىرلارغا شەپقەتسىزدۇر . 10- مۆمىن گۈزەل ئەخلاقلىقتۇر . 11- مۆمىن ئاللاھ ئۈچۈن دوسلىشىدۇ. 12- مۆمىن زۇلۇم قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلىدۇ، مەھرۇم قىلغانغا بىرىدۇ، ئۇرۇق - تۇققانچىلىقنى ئۈزگەن كىشىگىمۇ ئۇرۇق - تۇققانچىلىقنى يەتكۇزىدۇ . 13- مۆمىن ئاچچىقىنى يۇتۇشنى بىلىدۇ. 14 - مۆمىن سەۋىرچاندۇر . 15- مۆمىن مۇلايىم ۋە تەمكىندۇر . 16 - مۆمىن ھەقنى سۆزلەپ ، ھەق بىلەنلا ياشايدۇ. 17- مۆمىن ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدۇ . 18- مۆمىن ئۆزىدىن ھىساپ ئىلىپ تۇرىدۇ ، ئۆزىنى ئاقلىمايدۇ . 19- مۆمىن ماختالغاندىمۇ ، سۆكۇلگەندىمۇ ئوخشاشتۇر . 20- مۆمىن ھاراملاردىن ساقلىنىدۇ. 21- مۆمىن باشقىلارنى مەسخىرە قىلمايدۇ ، كەمسىتمەيدۇ . 22- مۆمىن راسچىلدۇر . 23- مۆمىن ئەستايىدىل ۋە ئالىي ھىممەتلىكتۇر . 24- مۆمىن قولى ئوچۇق سېخىدۇر . 25- مۆمىن ئوتتۇرھالدۇر . 26- مۆمىن پەرھىزكاردۇر . 27- مۆمىن ئاللاھ يولىدا پىداكاردۇر. 28 - مۆمىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ. 29- مۆمىن ھەقتە مۇستەھكەم تۇرىدۇ. 30 - مۆمىن نام - ئاتاققا ھەۋەس قىلمايدۇ. 31- ئەمەل - مەنسەپكە ھىرىسمەن بولمايدۇ. ئەمەل - مەنسەپتىن قاچىدۇ. 32- مۆمىن ھەسەتخور بولمايدۇ. 33 - مۆمىن مەغرۇر بولمايدۇ . 34- مۆمىن تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ. 35 - مۆمىن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ . 36 - مۆمىن ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. 37 - مۆمىن قىلغان ئىشلىرىدىن ئاللاھتىن ساۋاپ كۈتىدۇ . 38 - مۆمىن داۋاملىق تەۋبە - ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرىدۇ.
Show all...
Choose a Different Plan

Your current plan allows analytics for only 5 channels. To get more, please choose a different plan.