cookie

We use cookies to improve your browsing experience. By clicking «Accept all», you agree to the use of cookies.

avatar

OkuginTM

مەخسۇس دىنىي ئوقۇ ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار يوللىنىدۇ.

Show more
The country is not specifiedUighur104Education69 365
Advertising posts
325
Subscribers
No data24 hours
No data7 days
No data30 days

Data loading in progress...

Subscriber growth rate

Data loading in progress...

Photo unavailableShow in Telegram
Photo unavailableShow in Telegram
2023/2024. ئوقۇش يىلى يازلىق تەتىللىك ۋە يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئېلان قىلىندى ئالاقە تېلېفون: 05365656444 ۋاتىسئاپ: https://wa.me/+905365656444 بۈيۈكچەكمەجە ئوغۇللار تارمىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشى: https://youtu.be/xtFBBdfzeQc ساپاكۆي قىزلار تارمىقىنىڭ تارمىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشى: https://youtu.be/0GJQEFB9lrY
Show all...
ھەتتا پەرزەنتلىرىمىز ئىچىدە يۇرتتىكى نەتىجىلىرى ياخشى بولغاندىن سىرت، دۆلەت مەكتىپىدىكى نەتىجىلىرىمۇ ئالاھىدە ياخشى، ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇۋاتقان بالىلارمۇ خېلى بار ئىكەن. يۇرتتىكى كۈندىلىك پائالىيەت پىروگراممىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كەلسەك، بالىلارنىڭ يۇرتتا سەھەردە بامدات نامىزىغا ئويغىنىش ۋاقتى، ناشتا قىلىش ۋاقتى، ناشتىدىن كېيىن مەكتەپكە مېڭىپ بولغۇچە قۇرئان دەرسلىرى ۋە مەكتەپكە مېڭىش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ مەكتەپتە يەيدىغان تاماقلىرىغىچە، مەكتەپتىن قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىت، كەلگەندىن كېيىنكى پائالىيەتلەر، دەم ئېلىشلار ۋە كەچلىك دەرسلەر ھەتتا كەچتە ئۇخلايدىغان ۋاقىتلارغىچە بولغان كۈندىلىك پائالىيەتلىرى ناھايىتى ئىنچىكە، ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئۇيقۇسى ۋە دەم ئېلىشىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغىمۇ دىققەت قىلىنىپتۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىمۇ جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بالىلارنىڭ تاماق ۋە غىزالىنىش ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ھەپتە ئىچىدە بەش كۈندە ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە خىلمۇخىل تاماقلارنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇپ، پەرزەنتلىرىمىز شۇ بويىچە غىزالىنىۋېتىپتۇ. يەنە چۈش ۋاقتىدا يېيىشى ئۈچۈن يۇرتتىن ئاتايىن تاماق تەييارلىنىپ، يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن. بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ - كېلىشى ئۈچۈنمۇ مۇلازىمەت ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىشلارنىمۇ ئوقۇغىن مائارىپى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دەرسلەرگە ۋاقتىدا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ. ئاندىن يۇرتتىكى بالىلارنىڭ دەرس ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەلىجان مۇئەللىم يۇرتتىكى كۈندىلىك دەرس پىروگراممىلىرىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى يىللىقلار بويىچە دەرس پىروگراممىسىنىڭ قانداق شەكىلدە تۈزۈلگەنلىكى ۋە بۇ پىروگراممىنى قانداق شەكىلدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئەلىجان مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە، يۇرتنىڭ كۈندىلىك دەرس پىروگراممىسىدا بالىلارنىڭ دۆلەت مەكتىپىدىكى دەرسلىرى ۋە مەكتەپتىكى دەرسلەرگە ۋاقتىدا قاتنىشىشى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، يۇرتتىكى قوشۇمچە دەرسلەر شۇنىڭغا قارىتا بېكىتىلىپتۇ. ئالدى بىلەن مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەر ئىچىدىن بالىلارغا سەل تەس كېلىدىغان دەرسلەر تەكرار قىلدۇرۇلىدىكەن، ئاندىن شۇ دەرسلەرنى كۈچەيتىدىغان قوشۇمچە دەرسلەر ئۆتۈلىدىكەن، ئاندىن قۇرئان دەرسلىرى ۋە باشقا دىنىي دەرسلەر، ئەدەپ - ئەخلاق دەرسلىرى ئۆتۈلىدىكەن. ھەرقايسى يىللىقلار بويىچە تۈزۈلگەن دەرس پىلانىغا كەلسەك، بالىلارنىڭ 5 - ۋە 6 - يىللىقلاردا تۈركچە، ماتېماتىكا، ئىنگلىزچە ۋە پەن بىلىملىرى دېگەندەك ئاساسىي پەنلەر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، قايسى ئوقۇغۇچى قايسى پەندە ئاجىز بولسا، شۇ پەندىكى ئاجىزلىقىنى تولۇقلاش؛ 7 - يىللىقتا ئىنگلىزچىگە بولۇپمۇ ماتېماتىكىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ماتېماتىكا ئاساسىنى پۇختىلاش؛ 8 - يىللىققا چىققاندا بارلىق قوشۇمچە دەرسلەرنى توختىتىپ، نورمال مەكتەپ دەرسلىرىدىن باشقا مەخسۇس «تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش ئىمتىھانى» (LGS) غا تەييارلىق قىلدۇرۇش پىلانى بويىچە تۈزۈلۈپتۇ. ئاندىن بالىلارغا قۇرئان، باشلانغۇچ دىنىي بىلىملەر ۋە ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگىتىشكە مەسئۇل ئوقۇتقۇچى ئابدۇراھمان قاراجىم سۆز قىلىپ بالىلارنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقى، يۇرتتىكى ۋە مەكتەپتىكى ئۆزئارا مۇئامىلىلىرى، ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلىرىغا بولغان پوزىتسىيەلىرى ھەققىدە توختالدى ۋە بالىلارنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى؛ ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش دېگەندەك دىنىي ئەمەللەرگىمۇ ناھايىتى قىزغىن ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ مۇشۇ ساھەدە ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەشكە قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىلارنىڭ مۇشۇنداق مەدرىسە ھاياتىنىڭ بالىلارغا ئۆمرىنىڭ ھالقىلىق پەيتلىرىدە چوقۇم تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئەمەلىي مىسالىنىمۇ سۆزلەپ بەردى. ئاخىرىدا ئوقۇغىن مائارىپىنىڭ ئىلمىي گۇرۇپپا يېتەكچىسى خۇمارگۈل خانىم بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى ۋە قانداق تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئۇيغۇر بالىلىرى بىرگە يېتىپ - قوپىدىغان، بىرگە ئوينايدىغان، بىرگە مەكتەپكە بېرىپ - كېلىدىغان ۋە بىرگە ئوقۇيدىغان بۇنداق بىر مۇھىتنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن تېپىلماس پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
Show all...
بۇنىڭغا ئاتا - ئانىلارنىڭمۇ ئائىلىدە بالىلارنى ئامال بار ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇشقا، ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشقا ۋە ئۇيغۇرچە يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشىنىڭمۇ زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. يىغىن ئاخىرلاشقاندا، ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدىكى تەكلىپ - پىكىرلىرى ئېلىندى. ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ - پىكىرلەر قىسقىچە مۇزاكىرە قىلىنىپ، مەسئۇل ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار بۇ ھەقتە لايىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا يۇرتتىكى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم قىسقىچە سۆھبەتلىشىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ۋە يۇرتتىكى ئەھۋالى، ئىمتىھان نەتىجىلىرى، ئۆگىنىشتىكى ئىپادىلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتى. تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا ئاڭلىدى، ئۆزلىرىمۇ ئاتا - ئانىلاردىن پەرزەنتلىرى ھەققىدە كۈتىدىغان بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن ئاتا - ئانىلار ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ھەممەيلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىلىرىدىن ۋە ئەدەپ ئەخلاقىدىن مەمنۇن بولدى، دەپ ئويلايمەن. ئەمەلىيەتتە، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ - تۆت بالىنىمۇ جايىدا يېگۈزۈپ، جايىدا كىيىندۈرۈپ، مەكتەپلەرگە جايىدا ئەۋەتىپ، جايىدا تەربىيەلەش ۋە جايىدا بېقىشمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغىن يۇرتىدىكى خىلمۇخىل مۇھىتتىن، باشقا - باشقا ئۆيدىن، ھەر خىل - ھەر ياڭزا خۇي - مىجەز بىلەن كەلگەن 70 − 80 بالىغا نىسبەتەن ئۆيدىكى ئىككى - تۆت تال بالا ھېچ گەپ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بىز ئاتا - ئانىلار ئاشۇ ئىككى - ئۈچ پەرزەنتىمىزنىمۇ جايىدا تەربىيەلىيەلمەي شۇنچىۋالا جاپالارنى تارتىۋاتىمىز. شۇنچە جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتقىنىمىزغا تۇشلۇق ئەمەلىي نەتىجىسىنى كۆرەلمەي، تېخىمۇ پەرىشان بولۇۋاتىمىز. مۇشۇنىڭغا قاراپمۇ بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى دەپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىۋاتقان ئاشۇ ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنىڭ قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلماق ئانچە تەس بولمىسا كېرەك. شۇڭا، مەن ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق ئاتا - ئانىلار نامىدىن ئاشۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلار ئۈچۈن چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. شەخسەن مەن پەرزەنتىمنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ۋە ئەدەپ ئەخلاقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم. ئاللاھ تائالا پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن كېچە - كۈندۈزلەپ جاپا چېكىۋاتقان ئاشۇ ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارغا ھەسسىلەپ ئەجىر - مۇكاپات ئاتا قىلغاي! پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مائارىپ ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي! ئۇلارنى دىنىمىزغا، مىللىتىمىزگە، ۋەتىنىمىزگە ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلغاي! ئاللاھ ھەممىمىزگە ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقىنى كۆرسەتكەي! تەپسىلاتى: 👇👇👇 https://m.facebook.com/story.php?story_fbid=pfbid02UmCWpV6kaBs6NUD7oVZPqRCDjZmQZpnfkBecFJz4W18ruWw3kfLdYey2sQnRecKNl&id=100069455388777&mibextid=qC1gEa
Show all...
Log in or sign up to view

See posts, photos and more on Facebook.

بۇ مەۋسۇم بېشىدا ئېچىلىشى پىلانلىنىپ، يەر تەۋرەش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن تۈپەيلى كېچىكتۈرۈلگەن ئاتا-ئانىلار يىغىنى 12. مارت يەكشەنبە كۈنى سائەت 10:00 دا ئوقۇغىن كۇتۇپخانىسىدا ئېچىلدى. يىغىندا مەكتىپىمىزنىڭ نىشانى، ئوقۇتۇش مېتودى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ھەققىدە، ئاتا - ئانىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. يېغىننىڭ مەزمۇنى ھەققىدە، يىغىندىن كېيىن مەلۇم ۋەلىيىمىزنىڭ يازغا خۇلاسە تەسىراتىنى، سىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتۇق. ئوقۇغىن مائارىپى ئاتا - ئانىلار يىغىنىدىن قىسقىچە خۇلاسە ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. يولباشچىمىز، ئىككى دۇنيالىق رەھبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكە قەدەر شۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان بارلىق مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن! بۈگۈن يەنى يەكشەنبە، 2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا ئوقۇغىن مائارىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قېتىملىق ئاتا ئانىلار يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا تەخمىنەن 40 − 50 ئەتراپىدا ئاتا - ئانىلار قاتناشقان ئىدى. مەنمۇ ئاشۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاتا - ئانىلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يىغىندىن ئالغان تەسىراتىمنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ يېزىۋاتىمەن. يىغىن ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئاندىن ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىدارىسىدە بولۇپ 40 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە، ھازىرقى ئوقۇغىن مائارىپى بۈيۈكچەكمەجە يۇرتىنىڭ ئىدارە مەسئۇلى، تەخمىنەن 70 ياشلار چامىسىدىكى مويسىپىت ئۇستاز سالىھ غوجا (تۈرك ئۇستاز) ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مەزكۇر يۇرتتىكى خىزمىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىلگىرىكى ئۆمرۈممۇ مۇشۇنداق ئۆسمۈر پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەپ، يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۆتكەن ئىدى. خىزمىتىمدىن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ئاللاھ مېنى بۇندىن كېيىنكى ئۆمرۈمدىمۇ 10 − 15 بالىغا تەلىم - تەربىيە بېرىپ، يېتىشتۈرۈشكە نېسىپ قىلسا دەيدىغان تىلىكىم بار ئىدى. ئاللاھ تىلىكىمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەردى ھەتتا مېنىڭ ئارزۇيۇمنى نەچچە ھەسسە قاتلاپ ئىشقا ئاشۇرۇپ بەردى. ھازىر 70 نەپەردىن ئارتۇق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەلىم - تەربىيەسى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مەن بۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تۇرسام، خۇددى ئۆزۈمنى ئۈرۈمچىدىن، قەشقەردىن كەلگەندەكلا ھېس قىلىمەن؛ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ، خىزمەتداشلىرىمنىمۇ ياخشى كۆرىمەن؛ مەن سىلەر ئۈچۈن، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ خىزمەت قىلالىغىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن...». ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىچىدە ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى مۇنۇ جۈملىلەر بولدى: «بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتىمىز ياراتقان ئىگىمىز ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قانداق قولغا كەلتۈرىمىز؟ ئاللاھ تائالا ئەڭ ھۆرمەتلىك قىلىپ ياراتقان مەخلۇقاتى ئىنسانلارنىڭ، مۇشۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ياراتقان ئىگىسى تەرەپكە يېتەكلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىمىز. بىز مۇشۇ ئاڭ بىلەن بۇ يولغا ئاتلاندۇق ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز ھەم ئاخىرغىچە شۇنداق قىلىشقا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمىز». قىلىۋاتقان ئىشىنى ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ۋە قىلىدىغان كىشى ئۈچۈن باشقا گەپ قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ئۇستاز بالىلارغا بەك كۆيىنىدىكەن، بالىلارمۇ ئۇنىڭغا ئامراق ئىكەن. ئاللاھ تائالا ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەرگەي. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇرتنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىغا ۋە دۆلەت مەكتەپلىرى بىلەن بولغان ئالاقىگە مەسئۇل ئادىلجان مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتتىكى ۋە مەكتەپتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى ھەمدە بالىلارنىڭ يۇرتتىكى كۈندىلىك پائالىيەت پىروگراممىسىنى بىر قاتار تونۇشتۇردى. ئادىلجاننىڭ دېيىشىچە، بالىلار دەسلەپ يۇرتقا چىققان ئۆتكەن بىر مەۋسۇم ئىچىدە يۇرتنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگىمۇ ئانچە رىئايە قىلىپ كەتمەيدىغان، دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ تولا قاقشىتىدىغان، خېلىلا تەرتىپسىز ۋە ئىنتىزامسىز ئىكەن؛ ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ، تىللىشىدىغان ئىشلارمۇ خېلىلا ئېغىر ئىكەن. ھەتتا بىز ئۆتكەن يىلى دۆلەت مەكتىپى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق ئاتا - ئانىلار يىغىنىغا چىققاندىمۇ مەكتەپتىكى ھەربىر ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ بالىلىرىمىزدىن ئايرىم - ئايرىم قاقشاپ چىققان ئىدى. ئەمما، ھازىر بالىلارنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق ۋە يۈرۈش - تۇرۇشلىرىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ. مەكتەپنىڭ ۋە يۇرتنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىگىمۇ ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ھالەتكە كەپتۇ. دۆلەت مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھازىر ئۇلاردىن خۇرسەن ئىكەن.
Show all...
ئوقۇغىن تەلىم ۋە تەربىيە ۋەخپى(سافاكۆي) https://youtu.be/0GJQEFB9lrY
Show all...
ئوقۇغىن تەلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى (سافاكۆي)

قۇرئاننى چۈشىنىش ھاياتىڭىزنى، كەلگۈسىڭىزنى ۋە بارلىق ئىشلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ. تور بېكەت ئادرېسىمىز:

https://www.okugin.biz

فەيسبۇك بەت ئادرېسىمىز:

https://www.facebook.com/OkuginTM

تىۋىتتېر ئادرېسىمىز:

https://twitter.com/OkuginTM

ۋاتىسئاپ توپ ئادرېسىمىز:

https://chat.whatsapp.com/EAXlypA7TPc6UXhSbAxC6M

تېلېگرام قانال ئادرېسىمىز:

https://t.me/OkuginTM

«قۇرئان ئۆگەنگەن ياش» قارىيلىق پروگراممىسى (كونىيا) ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھىجرەت دىيارلىرىدا ئىلىم-پەن بىلەن قوراللىنىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا، دىنىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن يېتەكچىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى بىر مىللەتتە دىن بىلەن پەن تەڭ بىرلەشكەن ۋاقىتتىلا، ئىككى دۇنيادا بەخىت-سائادەتكە ئېرىشەلەيدىغان ئۈممەت مەيدانغا كېلىدۇ. دىنىي بىلىملەرنىڭ بېشىدا، دىنىي دەستۇرىمىز ۋە يېتەكچى قانۇنىمىز بولغان قۇرئان كەرىم بار بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا ھەدىيەسىدۇر. قۇرئان كەرىم ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ۋە يادلاش ھەرىكىتى ساھابىلەردىن بىزگە مىراس قالغان، ئاللاھنىڭ قۇرئاننى قوغداشتىن ئىبارەت ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان، شۇنداقلا بۇ ئۈممەتنى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ كاتتا خۇسۇسىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تارىختىن بۇيان ھەر ساھەدە يېتىشكەن ئالىملىرى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ ئوقۇيالايدىغان قارىيلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىنى يورۇتۇپ كەلدى. قەلبلىرىمىزگە ھۇزۇر بېرىدىغان ئاشۇ تىلاۋەتلەر، زۇلۇم ئاستىدىكى ئازابلىق ئىڭراشلىرىمىزغا مەلھەم بولدى. شۇ سەۋەبتىن پەرزەنتلىرىنى قارىي قىلىش ئىشتىياقى ۋە ئارزۇسى بولمىغان كىشىلەرنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىمىز. يۇقىرىقى نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ھىجرەت دىيارىدا ئىلىم-پەندىن يىراقلاشمىغان ھالدا قۇرئان ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ۋە زامانىۋى مېتودلار ئارقىلىق قۇرئان كەرىمنى يادلاپ چىقىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىنىي مائارىپىدىكى بىر بوشلۇقنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تولۇقلاش مەقسىتىدە«سەمىمىي ياشلار قۇرئان ئاكادېمىيەسى» قۇرۇلدى. ئۇلۇغ ئاللاھ خىزمىتىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغاي. ئامىن. ئاكادىمىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى: 1. ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 2. دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى دەرسلىرىگە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 3. ئانا تىل ۋە دىنىي دەرسلەردە قوشۇمچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 4. قىرائەت ۋە ئاۋاز سەنئىتىدە خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە تەربىيەلىنىدۇ. 5. خەلقئارالىق قۇرئان مۇسابىقىلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. 6. ئىلمىي ئۇسۇل ۋە زامانىۋى مېتود ئىشلىتىلىدۇ. 7. ھەرخىل تەنتەربىيە ۋە دالا پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. 8. ئاكادېمىيە سۇنغان بارلىق خىزمەتلەر ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتى: 1. قۇرئان كەرىمگە قىزىقىدىغان بولۇش 2. دۆلەت مەكتەپلىرىدە 5- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بولۇش 3. دۆلەت مەكتەپلىرىدىكى نەتىجىسى ياخشى بولۇش 4. ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە ئۇچرىشىش ۋە سىناقتىن ئۆتكەن بولۇش تىزىملاش ۋاقتى: 2023- يىل 1- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە. ئالاقىلىشىش نومۇرى: 05055656666 ۋاتىسئاپ: https://wa.me/+905055656666 قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى: 15 نەپەر ھۆرمەت بىلەن: سەمىمىي ياشلار قۇرئان ئاكادېمىيەسى ‏جۈمە ‏، 2023‏-يىل 13‏-يانۋار
Show all...
Photo unavailableShow in Telegram
«ئوقۇغىن مەدرىسە پىلانى» ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىسلامىي ئىلىملەر ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈن مەخسۇس يولغا قويۇلغان پروگرامما بولۇپ، شۇئان تۆۋەندىكى سىنىپلار داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئالاقە تېلېفون:+905050033777 ۋاتىسئاپ: https://wa.me/+905050033777
Show all...
Choose a Different Plan

Your current plan allows analytics for only 5 channels. To get more, please choose a different plan.