cookie

Sizning foydalanuvchi tajribangizni yaxshilash uchun cookie-lardan foydalanamiz. Barchasini qabul qiling», bosing, cookie-lardan foydalanilishiga rozilik bildirishingiz talab qilinadi.

avatar

ﷻ🖋ھىكمەت خەزىنىسى↭ﷻ๖ۣۣۜ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بۇ قانالدا ھەر خىل مەزمۇندىكى پايدىلىق ئىسلامغا زىت بولمىغان مەزمۇنلار يوللىنىدۇ . 🙂🙂

Ko'proq ko'rsatish
Mamlakat belgilanmaganUyg'ur48Kitoblar18 952Taʼlim100 407
Reklama postlari
472
Obunachilar
-224 soatlar
Ma'lumot yo'q7 kunlar
-330 kunlar

Ma'lumot yuklanmoqda...

Obunachilar o'sish tezligi

Ma'lumot yuklanmoqda...

01:11
Video unavailableShow in Telegram
ئەراپات كۈنىدە قىلىنىشقا تىگىشلىك ئىش
Hammasini ko'rsatish...
5.81 MB
ئۆمۈر مەنزىلى ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەشكەندە ئادەملىك مەناسىنى مەن ، سۆڭۈكۈم تاش كەبى قېتىپ بوپتىكەن . نە ساۋاب نە گۇناھ بىلگەن چېغىمدا ، گۇناھىم ھەقدارغا يېتىپ بوپتىكەن. ‏ دوست بىلىپ سىرىمنى بەرسەم بىرىگە ، ئۇ مېنى ياتلارغا سېتىپ بوپتىكەن . كۆزلىرىم كور ئىكەن كۆرگىنى قۇرسۇن ، غەپلەتتە باھارىم كېتىپ بوپتىكەن . ‏ مەن نادان ، نادانمەن يىللار ئالدىدا ، نەچچە تاڭ مەن ئۈچۈن ئېتىپ بوپتىكەن . ھوشۇمنى تاپقاندا يۈگۈردۈم ئەمما ، كۈن مېنى ساقلىماي پېتىپ بوپتىكەن. ‏ گۈل نىمە؟ نە تىكەن قەدرىنى بىلمەي ، ياخشىلار مېنىڭدىن كېچىپ بوپتىكەن . ئۇلارغا تەلمۈرۈپ قولۇم سۇنغاندا ، يەتمىدى بەك يىراق كېتىپ بوپتىكەن . ‏ سىرلىرىم بارمىكىن دەپتىمەن ئەسلى ، سىرىمنى رەقىپلەر ئېچىپ بوپتىكەن . مەس ئىكەن يۈرەگىم دەرت پۇشايماندىن ، قەدەھلەر تولدۇرۇپ ئىچىپ بوپتىكەن . ‏ تىلەيمەن بىر تىلەك ھەمدۇساناھدىن ، ئۇماڭا كۈچ قۇۋەت بەرسە بوپتىكەن . شۇم بۇيا ،تىكەنزار بولسىمۇ ئىزىم ، سايلارغا بىر كۆچەت تىكسەم بوپتىكەن
Hammasini ko'rsatish...
👍 4😢 2
چۇقۇم ئوقۇش لازىم بۇلغان ئۇيغۇر تارىخى رۇمانلىرى ۋە رەت تەرتىپى تارىخى كىتاپلارنى ئوقۇش تەرتىۋى 630_840 1.باتۇر تەڭرىقۇت 2.ئورخۇن شەجەرىسى 3.بوز دالا 841-1190 4.سۇتۇق بۇغراخان 5.مەھمۇد قەشقەرى 6.قۇتادغۇبىلىك 7.يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1200-1514 8.تارىخى ھەمىدى 9.تارىخى ئەمىنىيە 10.چېڭگىزخان، باتۇخان، ئاخىرقى دېڭىزغا يۈرۈش 3كىتاب بىر تىرىلوگىيە 11.كۆك بۆرە (ياپونىيە ) 12.مىرزا ئابابەكرى 13.سەئىدىخان 14.بەخىتسىز سەئىدىيە 15.باھادىرنامە 16.بابۇرنامە 1515-1755 17.ئابدۇرېشىتخان 18.مەلىكە ئاماننىساخان 19.مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاپپاق خوجا، تورغاق خوجىلار، جاللات خېنىم (ئۈچ كىتاب بىر تىرىلوگىيە ) 20.ئېغىر تېنىقلار (2كىتاب ) 21.تەزكىرە خوجىگان 22.تۇغلۇق تۆمۈرخان 3قىسىم 23. مۇغۇلىستان قۇياشى 1759-1890 24.مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ 25.بەدۆلەت بارسا كەلمەس يول، بەدۆلەت يانغىن قاپلىغان تۇپراق، بەدۆلەت ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى 3كىتاب 26.سادىر پالۋان 27. گۈمبەزلىك قەبرنىڭ سىرى 28.ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە 29.پادىچى ۋاڭ 30.پاكلىق مۇنارى 1910-1933 31.مەمتىلى ئەپەندى 32.ئىز 33.ئويغانغان زېمىن 34.ئۆچمەس ئىزلار 35.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 36.بالدۇر ئويغانغان ئادەم 1933-1960 37.شاۋقۇن 38.ئىلى دولقۇنلىرى 39.جەڭگاھ خاتىرلىرى 40.مەن كەچكەن كېچىكلەر 41.ئانا يۇرت 42.ئاقسۇدا 45-يىل 43.قاينام ئۆركىشى 44.چالا تەگكەن ئوق 45.ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر 46.ئۇنتۇلغان كىشلەر 47.ماناس دەرياسىدىن قايتىش 48.ئۆمۈر داستانى 2قىسىم 49.يىللار شۇنداق ئۆتكەن 50. بەشىنچى كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابى مۇساپىسى 51.ياغاچ مېدال 52.باياۋاندىكى گۈلخان 3قىسىم
Hammasini ko'rsatish...
👍 2
مەن ۋە دادام تۆت ياش : دادام ئەڭ ياخشىسى . ئالتە ياش: دادام جىق ئادەمنى تونۇيدۇ . 10 ياش: دادام ياخشى لېكىن ئەخلاقى جەھەتتە سەل بېكىنمە . 12 ياش: دادام كىچىكىمدە بەك مۇلايىم ئېدى . 14 ياش: دادام بەكلا زىل بولۇپ كەتكىلى تۇردى . 16 ياش: دادام زامانغا ماسلىشالماس بولۇپ قالدى . 18 ياش : دادام مېجەزى چۇس، ئاچچىقى يامان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ . 20 ياش : دادامنىڭ مېجەزىگە بارغانسېرى چىداپ بولالمىغىلى تۇردۇم ، ئانام قانداق چىدىغاندۇ ؟! 25 ياش : دادام كۆرگەنلا ئىشقا قارشى چىقىدىغان بولۇپ قالدى ؟ ! 30 ياش: دادام بىلەن چىقىشماق تەسلىشىپ كەتتى، بوۋاممۇ دادامغا موشۇنداق قىلغان بولغىيمىتى؟! 35 ياش: دادام مېنى نۇرغۇن پىلان قائىدىلەر بىلەن تەربىيلەپتىكەن مەنمۇ بالامنى شۇنداق تەربىيلەي ··· 40 ياش: ھەيرانمەن. دادام بىزنى قانداق بېقىپ، تەربىيلىگەندۇ - ھە ؟! 45 ياش: باللىرىمنى تەربىيلەپ بولالمايۋاتىمىنا؟ ! . دادام بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇچە قانچىلىك جاپا چەككەن بولغىيىتتى ؟ ! 50 ياش: دادام ئۇزاقنى كۆرىدىغان، بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى پىلانلارنى تۈزگەن، ئېسىل، مۇلايىم ئادەم ئېدى· دادام ئۇ - ئەڭ ياخشىسى! تۆت ياش ۋاقىتىمدىكى ”دادام ئەڭ ياخشىسى ” دېگەن باسقۇچقا ئايلىنىپ قايتىپ كېلىشىم ئۈچۈن يەنى دادامنىڭ تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشۇم ئۈچۈن توپ - توغرا 50 يىل ۋاقىت كەتكەن ئېدى . قىسقىسى ، دادىسى ھاياتلار پۈرسەتنى غەنىمەت بىلسۇن ، دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ئۇلار ھەققىدە كۆپرەك دۇئا قىلسۇن .
Hammasini ko'rsatish...
👍 4
خوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن چىققان جىنازا 😢😢😢 دادا، توي قىلىپ يىگىرمە يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بىردىنبىر ئوغلىنىڭ تويىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بارلىق قوشنىلار ئۇ كىشىنىڭ ئوغلىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قۇتلۇق كۈن ئۈچۈن نىزامانلاردىن بىرى تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بۇلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلەتتى. توي كۈنىسى بارلىق خۇلۇن قوشنىلىرىنى چۈشلۈك زىياپەتكە ھازىر بۇلۇشۇپ ھەمداستىخان بولۇشتى، ئەمما ئۇكىشىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن كىچىك ئوغلىدىن باشقا ھېچبىرى كىرمىگەن ئىدى. ئۇ ئوغلىمۇ نەچچە كاپام ئاشنى جىمجىتلا يەپ خوشلاشمايلا غايىپ بولغان ئىدى، بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن دادا ئۇ خوشنىسىنى ئەيىپلەپ ئىچىدە مۇشۇندااق قۇتلۇق كۈنلەردىمۇ يېنىمدا بۇلالمىسا ئۇنى قوشنا ئەمەس بەلكى ئادەم دىگىلى بۇلامدۇ؟ ھېچ بولمىغاندا دادىسى ياكى چوڭ ئوغلى كىرسە بولمامدۇ؟ تېخى ئاۋۇ ئوغلىنىڭ تاماقنى خوشياقمىغاندەك دومسۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئىككى كاپام يەپ گەپ سۆزسىز چىقىپ كىتىشى تېخى.. ئىشقىلىپ ئوغلىنىڭ خۇشاللىق كۈنىگە قاتناشمىغان بۇ قوشنىسىدىن قاتتىق نارازى بۇلۇپ كاللىسىدا قۇرت قوڭغۇز مىچىرلىغاندەك زىددىيەتلىك بىئارام چىلىغى تۇغۇلدى ، توي زىياپىتى تاماملىنىپ كېلىنچەكنى دادىسىنىڭ ئۆيىدىن ئەكىلىش ئۈچۈن بارلىق قۇلۇن خوشنىلار ماشىنا ئەكىلىشكە باشلىدى. شۇ ئەسنادا ، قوشنىسىنىڭ كىچىك ئوغلىمۇ ماشىسىنى ئەكىلىپ قىز كۈچۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشماقچى بولدى، ئەمما ئادەم زاڭلىق ئەتكەندەك چوڭلار ئىشىغا كىچىك بالىلارنى ئەۋەتكەچكىمۇ بۇ دادا بىزار بولۇپ ئۇنىڭ كىلىشىنى رەت قىلىپ « بولدى سەن كەلمىسەڭمۇ بۇلىدۇ، سىلەرسىز بىز يولدا قالمايمىز، بىزدە قىز كۈچۈرۈشكە يەتكىدەك ماشىنىمۇ بار، مەن سىنىڭ قاتنىشىشىڭنى خالىمايمەن دىدى، بالا سۈكۈت قىلىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ماشىنىسىنى ھويلىسىغا توختاتماقچى بۇلۇپ دەرۋازىسىنى قىپاچ ئاچتى، بۇ جەرياندا تۇيى بۇلىۋاتقان يىگىتنىڭ دادىسى قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە ئادەتتىن تاشقىرى غەلىتە ھەرىكەتنى بايقاپ ئۇنىڭدىن سورىماقچى بولغان بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ تويىغا بولغان پاسسىپ پوزىتسىيىسىنى ئېسىگە ئېلىپ ئۆز ئىشىغا ماڭدى. كەچلىك زىياپەت ۋە توي مۇراسىملىرى ئاخىرلىشىپ تويغا تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىشىپ بولغاندىن كېيىن تويى بولغۇچى يىگىتنىڭ دادىسى ئۇدۇلدىكى قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن يىغلاپ ئاللا توۋۋا دەپ ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرمەي ، ئاۋازسىزلا بىر جىنازا چىقىۋاتقىنىنى كۆردى، بۇ ئەھۋالدىن داڭ قېتىپ قالغان ئۇ كىشى دەرھال جىنازا كۈتۈرىۋالغان قوشنىسىنىڭ چوڭ ئوغلىدىن نىمە ئەھۋاللىقى ۋە مېيىتنىڭ كىملىكىنى سورىدى. قوشنىسىنىڭ چوڭ ئوغلى جاۋاپ بىرىپ : جىنازىدىكى دادام ، ئۇ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى ، دەپ جاۋاب بەردى، ئاندىن ئۇلاپلا : دادام سەكراتتا يېتىپ ئۆلۈمنى ھېس قىلغاندا ، بىزگە تەۋسىيە قىلىپ ئارتۇقچە قايغۇرماسلىقنى ئېيتىپ ئەگەر ئۇ ئالەمدىن ئۆتسە ئۆيدە يىغا زارە قىلىپ توي ھارپىسىدىكى قۇلۇن خوشنىلارنى بىئارام قىلماسلىقنى ئېيتقان ئىدى، چۈنكى دادام سىزنىڭ ئۇ يالغۇز ئوغلىڭىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتى، شۇڭا دادام بۇ خۇشاللىقىڭىزنى بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن دەپنە ئىشلىرى توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشىنى ۋەسىيەت قىلغان ئىدى، دىدى. گۈلدۈرمامىدەك ئاڭلانغان بۇ گەپ تۇيى بۇلغان يىگىتنىڭ دادىسىنى ھۇشىدىن كەتكۈزگىلى تاسلا قالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار يامغۇردەك تۈكۈلۈپ ئۈزىنىڭ قوشنىسى ھەققىدە يامان گۇمانلاردا بولغىنىغا قاتتىق ئۆكۈنۈپ ئۈزىنىڭ گۈشىنى ئۈزى يىگۈدەك بولدى، ھەم دىدىكى “ئاللاھ بىلەن قەسىمكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام ھەرگىز بۇنداق قىلالماس ئىدىم، لىكىن بۇندەق يىگىتلىك ۋە ئىسىللىكلەرنى يەنىلە ھەقىقى ئىسىل تېگى پاكلار قىلالايدىكەن دىدى.. ئىبرەت: باشقىلار سىزنىڭ ھەققىڭىزدە خاتالاشسا ، ياكى بىرە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ كۈتكەن يىرىڭىزدىن چىقمىسا ، سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن خالىسانە ئۆزرە ئىزدەڭ، بەلكىم ئۇنى ئۆز ئىرادىسىگە قارشى بىرە جىددى ئىش توختاتقاندۇ، بەلكىم سىزگە دىيەلمەيدىغان باشقا ئۆزرىسى باردۇ ، ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە: «ئى مۆمىنلەر ، نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار ، (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر» دېدى.
Hammasini ko'rsatish...
👍 10 1🔥 1
ئېغىر مەنىلىك سۈرەت
Hammasini ko'rsatish...
Photo unavailableShow in Telegram
ۋەتەن قاچان ۋەيران بولىدۇ؟! نادان قەھۋەخانىدا ئولتۇرسا، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭغا قەھۋە ئەكەلگەندە!
Hammasini ko'rsatish...
😢 3
بىر دۇنياۋىي ئۇرۇش جىنايەتچىسىگە ئەگەشكەنلەر نىمە ئۈچۈن ئەگىشىدۇ!؟ گېتلىرنىڭ نۇتىقى بۈگۈن بىز بۇ يەردە ٬گېرمانىيىلىكلەرنىڭ زىمىنىدا ــ بېرلىندا تۇرۇپتىمىز !ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساپ قانلىرى ۋە غورۇرى بىلەن سۇغۇرۇلغان زىمىندا تۇرۇپتىمىز ! كۆز ئالدىمدا بىر مىللەت ـــ هاقارەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقان بىر مىللەت تۇرۇپتۇ! ئاشۇ ئۇرۇشتىن كېيىن بىزنىڭ بۇ مىللىتىمىزنىڭ مەغرۇرلىقى يوقالدى !ئاشۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر هازىر بىزنىڭ شىللىمىزدە زورلۇق قىلماقتا. بىزنىڭ غورۇرىمىزنى دەپسەندە قەلماقتا ٬ياۋروپا قۇرۇقلىقىدىكى ئەڭ ئېسىل بىر مىللەتنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلماقتا! ماڭا ئېيتىڭلارچۇ ٬سىلەر بېنيامىن ٬مارتىندەك بىر هۆرلۈك جەڭچىسى بولماقچىمۇ ياكى قۇل بولماقچىمۇ؟ !سىلەر بەلكىم : ” گىتلېر ئەپەندىم ! ماڭا بىر كىشىلىك خىزمەت ٬قۇرساق تويغۇدەك بولكا بولسىلا بولدى“دېيىشىڭلار مۈمكىن .شۇنداق ٬سىلەرنىڭ دېگىنىڭلارمۇ توغرا ٬هايات هەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك. بىراق سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى ٬بۇ دۇنيادا هاياتتىنمۇ قىممەتلىك بىر نەرسە بار ٬ئۇ بولسىمۇ هۆرلۈك! ئۇ بولسىمۇ غورۇر ! ئارزاس ۋە لوررېين كۆكلىرىدە فرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپلا تۇرىدىكەن٬ بىزنىڭ غورۇرىمىز دىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ !ئاشۇ فرانسىيىلىكلەر٬ ئەنگىلىيىلىكلەر ۋەتىنىمىزنىڭ زىمىنىدا داۋاملىق زورلۇق ¬ زومبۇلۇق قىلىدىكەن٬ بىزدىكى غورۇردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ! ياۋروپا خەرىتىسىدە گېرمانىيە ئىسىملىك بۇ دۆلەت پارچىلىنىپ ٬مۇشۇنداق شۈمشىيىپلا تۇرىدىكەن بىزدىكى غورۇردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ ! بىزگە كېرەكلىكى بىر پارچە بولكا بولماستىن بەلكى بىر ماكان ٬بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن ياشايدىغان ماكان كېرەك! بۇ ماكانغا بىز يالۋۇرۇپ ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۈرۈپ ئەمەس ئەكسىچە قورال ۋە قان تۆكۆۈشكە تايىنىپ ئېرىشىمىز ! باشقىلار بىزنى بۆزەك قىلسا ٬هەتتاكى ئەڭ ئاجىز مىللەتلەرمۇ كېلىپ بىزنى دەپسەندە قىلسا بىز غىڭشىپ : ”بىز كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز!“ دەپلا يۈرسەك ٬بۇنداق ئادەملەرنى يۇمشاقباش دېسەك بولىدۇ! بۇنداق ئادەملەر پەسكەش ئادەملەردۇر !بىز زەمبىرەكلىرىمىزنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازلىرى بىلەن دۈشمەنلەرنى غال ¬ غال تىترىتىشىمىز ٬ئۇلارنىڭ غورۇرىنى يەنجىۋېتىشىمىز كېرەك ٬ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان ئاجىزلاردىن ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك ! شۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى ٬پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان دۆلەت ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان هۆكۈمەت يۇمشاقباش دۆلەت ياكى هۆكۈمەتتۇر! بىزنىڭ غورۇرىمىز ٬زىمىنىمىز ٬ياشاش ماكانىمىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتىمۇ يەنىلا ئىزا تارتماستىن »نارازىلىق بىلدرۈپ« يۈرگەن هۆكۈمەت بىزگە كېرەك ئەمەس! سىلەر هامان بىر كۈنى ئۇلارنى تاشلىۋېتىسىلەر! شۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمەنكى ٬سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ٬بۇنداق يۇمشاقباشلار يوق دېيەرلىك! مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇۋاتقانلار مىڭ يىللاپ قان ئاققۇزغان بولسىمۇ تىز پۈكمىگەن بىر قوشۇن ! بۇ قانلار ئىلگىرى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تومۇرىدا ئاققان ٬ئۇلار تىز پۈكمىگەن! هازىر بۇ قان بىزنىڭ تېنمىزدە قايناپ تاشماقتا! ئېيتىڭلارچۇ ٬سىلەر بۇ قاننىڭ مۇزلاپ قېلىشىنى خالامسىلەر؟ ! كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان ئىككى نەرسە بار ٬يەنى ٬ئورتاق غايە ۋە ئورتاق جىنايەت. بىزنىڭ گېرمانىيە بايرىقىغا نەقىشلەپ قويغان ئۇلۇغۋار غايىمىز بار ٬بىز بۇ غايىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىزنىمۇ ئايىمايمىز !بۈگۈنكى بېرلىندا هېچقانداق نەرسە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزالمايدۇ ٬پەقەتلا مۇشۇ غايىمىز بار ! ۋېرسال شەرتنامىسى بىز ئۈچۈن غايەت زور هاقارەت ! بىزنىڭ بۇنداق شەرتنامىنى ئىجرالاشنى رەت قىلىش ئىرادىمىز ۋە هەققىمىز بار! ئۆزەڭلارنىڭ ئويلىغىنىنى قىلىڭلار! خۇددى بىنيامېن. مارتىنغا ئوخشاش ٬قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ ٬خۇددى ئۇنىڭ باشلاپ ماڭغان قېرىنداشلىرىدەك هۆرلۈك بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ٬دۈشمەنگە باتۇرلارچە ئېتىلىڭلار !ئەگەر شۇنداق كۈرەشلەرنى قىلىشنى ئويلىغان بولساڭلار كۈرەشكە ئاتلىنىڭلار! شۇنداقتىلا بىز سىلەرنىڭ 70مىليون قۇل ياكى تىز پۈكمەس ئارىئانلار ئىكەنلىكىڭلارنى كۆرىمىز ! ناۋادا شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ ٬پېقىر ئادولف.هىتلېر ٬ئۆزىمىزنىڭ يەنى گېرمانىيەنىڭ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ٬خۇددىي بىنيامېن .مارتىندەك ٬سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭالىسام ٬جەڭدە ئۆلسەممۇ ٬جەننەتكە كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەتكەن بولاتتىم. ئۇيەردە مەن گېرمانىيەنىڭ سەلتەنەتلىك ئەجدادلىرى بىلەن كۆرۈشەتتىم ٬بېشىمنى تىك
Hammasini ko'rsatish...
تۇتۇپ بۈيۈك ئىمپراتور فرېدېرىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ ٬مەغرۇر هالدا ئۇنىڭغا : ”سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ سېنىڭ يۈزۈڭنى تۆكمىدى ٬مەن ئۇلۇغ گېرمانىيە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنىمۇ ئايىمىدىم ٬بىز قۇللۇققا قارشى كۈرەش قىلدۇق! بىز هۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز ماشىنا ياكى هايۋان ئەمەس ٬بىز ئادەم! ئەزەلدىن قەددىمىزنى پۈكمىگەن ئارىئانلار !بىز هۆرلۈك ئۈچۈن ئۇيۇشتۇق !يېڭى ٬ئادالەتلىك بىر دۇنيا ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىزنى قۇل قىلماقچى بولغانلارنى گېرمانىيە تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! غورۇرىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق !كۈنبويى نارازىلىق بىلدۈرۈپلا يۈرمەسلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز ئۆز لەۋزىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز بۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن جەڭ قىلدۇق! بىز ئارىئانلار ٬ئەجدادلىرىمىزنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ٬ئەۋلادلىرىمىزغا مەغرۇر هالدا: بىز ئەزەلدىن تىز پۈكمىگەن ئارىئانلاردېيەلىشىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! “ دېگەن بولاتتىم . قېرىنداشلىرىم! گېرمانىيە شۇنداقلا گېرمانىيە خەلقى ياشىسۇن! ئەركىنلىك ¬ هۆرلۈك ياشىسۇن
Hammasini ko'rsatish...
Boshqa reja tanlang

Joriy rejangiz faqat 5 ta kanal uchun analitika imkoniyatini beradi. Ko'proq olish uchun, iltimos, boshqa reja tanlang.