cookie

Ми використовуємо файли cookie для покращення вашого досвіду перегляду. Натиснувши «Прийняти все», ви погоджуєтеся на використання файлів cookie.

avatar

قۇرئان نۇرى

بۇ قانالغا قۇرئاننىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغان ھەر خىل مەزمۇنلار يوللىنىدۇ.  

Більше
Країна не вказанаУйгурська22Релігія і духовність67 845
Рекламні дописи
1 079
Підписники
+224 години
-47 днів
-1330 днів

Триває завантаження даних...

Приріст підписників

Триває завантаження даних...

🌺 مۇھەررەم ئېيىدا روزا تۇتۇش سۈننەت بولغان كۈنلەر ❤️ 7- ئاينىڭ 8 مۇھەررەمنىڭ 2 دۈشەنبە 7 - ئاينىڭ 11 مۇھەررەمنىڭ 5 پەيشەنبە 7 - ئاينىڭ 15 مۇھەررەمنىڭ 9 دۈشەنبە 7 - ئاينىڭ 16 مۇھەررەمنىڭ 10 سەيشەنبە 7 - ئاينىڭ 17 مۇھەررەمنىڭ 11 چارشەنبە 7 - ئاينىڭ 18 مۇھەررەمنىڭ 12 پەيشەنبە 7 - ئاينىڭ 19 مۇھەررەمنىڭ 13 جۈمە 7 - ئاينىڭ 20 مۇھەررەمنىڭ 14 شەنبە 7 - ئاينىڭ 21 مۇھەررەمنىڭ 15 يەكشەنبە 7 - ئاينىڭ 22 مۇھەررەمنىڭ 16 دۈشەنبە 7 - ئاينىڭ 25 مۇھەررەمنىڭ 19 پەيشەنبە 7 - ئاينىڭ 29 مۇھەررەمنىڭ 23 دۈشەنبە 8 - ئاينىڭ 1 مۇھەررەمنىڭ 26 پەيشەنبە https://t.me/islamiybilim
Показати все...
👍 4
Фото недоступнеДивитись в Telegram
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: « قىيامەت كۈنى ھېساب ئۈچۈن تۇرغان چېغىمدا ماڭا بىلدىڭ ئەمما بىلگەنلىرىڭگە ئەمەل قىلمىدىڭ دېيىلىشىدىن قاتتىق قورقىمەن».
Показати все...
👍 2
18:09
Відео недоступнеДивитись в Telegram
🍃قۇرئان بىلەن ھەمسەپەر 2-قىسىم 🍃 https://t.me/quranbilanhamsapar/9
Показати все...
61.59 MB
18:33
Відео недоступнеДивитись в Telegram
🍃قۇرئان بىلەن ھەمسەپەر 1-قىسىم 🍃 ( مۇقەددىمە ئورنىدا ) ئۆزبەكچە تەرجىمە قىلىنغان. https://t.me/quranbilanhamsapar/7
Показати все...
60.72 MB
#قىيامەت_كۈنى_تاغدەك_ئەمەللىرى_بىكار_بولۇپ_كىتىدىغان_كىشلەر ... سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى ؛ رەسۇلۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن ؛ ئۈممىتىمدىن شۇنداق كىشلەرنى بىلىمەنكى ، قىيامەت كۈنى تىھامە تېغىدەك ئاپئاق ياخشى ئەمەللىرى بار ھالدا كىلىدۇ ، اللە ئۇ ئەمەللەرنى ئۇچۇپ يۈرگەن تۇزاندەكلا قىلىۋىتىدۇ ، دىدى . سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇلارنى بىز بىلمەيمىز ، ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ بەلگىلىرىنى دەپ بەرسىلە ، دىدى . رەسۇلۇللاھ : 🔹بىلىپ قېلىڭلاركى _ ئۇلار ، تىرەڭلار ئوخشاش قېرىندىشىڭلار بولۇپ ، ئۇلارمۇ سىلەردەكلا كەچ قىلىدۇ ، 🔹بىراق ئۇلار اللە ھارام قىلغان نەرسە بىلەن يالغۇز قالسا ، شۇ ھارام ئىشنى قىلغۇچىلاردۇر . ئىمام ئەلبانى : سەھىھ ھەدىسلەر 🔹تىلفۇندىن ھەزەر قىلايلى 🔹 T.me//kalbimga_hitab
Показати все...
🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣

ئەي قەلبىم ، ئۆز-ئۆزۈڭگە تەربىيە بىرىشتىن ئاجىز كەلمىگىن ! ئىنسان بالىسىنىڭ ھەر قەدىمىگە ئاچچىق ياكى شىرىن سىناقلار ۋە ياكى كىچىكىپ ھىس قىلىنىدىغان نۇرغۇن ھىكمەتلەر يانداشقان بولىدۇ... ئەقىل ۋە سەبىر كۆزۈڭ بىلەن دائىم تەپەككۇر ۋە ئىبادەت قىل ،، بوشاشما ❣

👍 4
قۇرئان يادلىتىدىغان ئۇستاز قانداق بولىشى كىرەك؟
Показати все...
1.08 MB
#تارىخ_ئەسلىمە ھارام يېمەيدىغان قوشۇن ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇ ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇش يۈرشىدە " قۇشۇن ئۈزۈم ، قىزىل ئالما ۋە كەم ئۇچرايدىغان مېۋىلەر بىلەن تولغان باغ ۋە باغلار بار بىر جايدا ئارام ئالدى !! سۇلتان سېلىم ئۆزىگە: «مېنىڭچە ، ئەسكەرلىرىم مېۋىلىك باغنىڭ ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئالما ۋە ئۈزۈم ئۈزمىدى دەپ ئېيتالامدىم؟»دەپ ئويلىنىپ قالدى دە قۇشۇننىڭ رەھبىرىنى چاقىرىپ ، بارلىق ئەسكەرلەرنى ئاختۇرۇشقا بۇيرۇدى ۋە: «كىم ئۇنىڭ بىلەن مېۋە تاپسا ، ماڭا ئېلىپ كېلىڭ !!» دېدى. قۇشۇن رەھبىرى دەرھال بېرىپ ئەسكەرلەرنى ئاختۇردى ، ئاندىن سۇلتانغا قايتىپ كەلدى ۋە: - سۇلتان ئالىللىرى ، ئەسكەرلەر ئاختۇرۇلدى ، ئۇلاردىن مېۋە تېپىلمىدى ، دەرەخلەردىن مىۋە ئۈزگەننىڭ ئىزلىرىنىمۇ تاپالمىدۇق !! دىدى . سۇلتان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەك خۇشال بولدى ، ئاندىن بىر ئاز نەپەس ئېلىپ ، قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈردى ۋە: ((ئى رەببىم ، بارلىق شان_شەرەپ ساڭا خاستۇر ، ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇن ، چۈنكى سەن چەكلەنگەن نەرسىلەرنى يېمەيدىغان قوشۇن بىلەن مىنى نىئمەتلەندۈرگەن بۈيۈك زاتسەن)) ئاندىن ئۇ قۇشۇن رەھبىرىگە قاراپ: : " چەكلەنگەن نەرسىلەرنى يەيدىغان ۋە خەلقنى بۇلاڭ_تالاڭ قىلدىغان قوشۇن بىلەن خەلقنى يېتەكلەش ۋە ئۇ جايلاردا ئىسلام ئېچىش مۇمكىن ئەمەس !!" دىدى مەنبە: 《ئوسمانلى تارىخىدىكى ئۆلمەس ئىزلار » T.me//kalbimga_hitab
Показати все...
👍 5
قەبرە ئازابى 1996-يىلى دوستۇمنىڭ 21ياشلىق ئىنىسى ناركوتىك(زەھەرلىك چېكىملىك)نى ئۇكۇل قىلىپ پەيلىرى قاتقان ھالەتتە ئۆلۈكى ھاجەتخانىدىن تېپىلىپتۇ.ئەسلىدە ئىسلام شەرىئىتى بۇيىچە ھارام ئەمەلدە (يەنى زىناخورلۇق قىلىپ جۇنۇپلۇقتا ،ھاراق ئىچىپ كەيپلىكتە،زەھەر ئىستىمالىدا ۋاقىتسىز)ئۆلگەن كىشىگە جىنازا نامىزى دۇرۇس بولمايتتى ھەم نامازمۇ چۈشمەيتتى،-دەپ گېپىنى داۋام قىلىدۇ قابىل قارى،-بىراق دوستۇمنىڭ زورى بىلەن يۈز كېلەلمەي نامىزىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم.ئەسىر ۋاقتىدا قەبرىستانلىققا ئېلىپ كېلىپ  يەرلىككە قويۇشقا تەييارلاندۇق.دوستۇم ئېگىزدە تۇرۇپ ئىنىسىنىڭ مېيىتىنى سۇنۇپ بەردى،مەن ئىچ يەرلىك(يەنى-لەھەت)نىڭ ئىچىدە تۇرۇپ مىيىتنى تارتىپ ئالدىم.مىيىت ئورالغان كېگىزنى يېشىپ ئاپئاق كېپەنلىكتىكى مىيىتنى ئاۋايلاپ ياتقۇزدۇم.پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىكىدەك يۈزىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ قوياي دەپ شۇنچە تىرىشساممۇ قېتىپ كەتكەن بويۇن ئۇدۇل كەلمىدى.شۇ ئەسنادا قاراڭغۇ لەھەتنىڭ بۇلۇڭىدىن تۇيۇقسىز بىر جۈپ قىزىل رەڭلىك نۇرنى كۆرۈپ قالدىم-دە يۈرىكىم‹‹قارت››قىلىپ قالدى.ئۆزۈمنى سەل بېسىۋېلىپ سىنچىلاپ قارىسام كىچىك بالىنىڭ بېلىكىنىڭ توملۇقىدا بىر تال قارا رەڭلىك يىلان تۇرىدۇ،قارا تەرگە چۆمۈلدۈم،قىسقا ۋاقىت ئۆزۈمنى يوقاتتىم،ئاخىرى يەنە غەيرەتكە كېلىپ ئىچىمدە ‹‹سەئىدۇل ئىستىغفار››نى ئوقۇپ سىرتقا قاراپ ئاستا سۈرۈلدۈم.شۇ ئەسنادا يەرلىكنىڭ تۆت بولۇڭىدىن يەنە ئۈچ جۈپ‹‹قىزىل نۇر››كۆرۈندى،‹‹دىمەك بۇ يىلانلار ئازئەمەسكەن›› دەپ ئويلىدىم،شۇندىلا كاللامغا‹‹بۇ يىلانلار نىمىشقا باشقا يىلانلاردەك تەرتىپسىز لۆمشۈپ چىقماي،تېنىنىڭ يېرىمى يەر ئارىسىدا يېرىمى ئوچۇقچىلىقتا تۇرىدۇ؟نىمىشقا ماڭا قارىغۇلارچە ھۇجۇم قىلماي خۇددى مېنىڭ چىقىپ كېتىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندەك جىمجىت قاراپ تۇرىدۇ؟بۇلار ئاللاھنىڭ مىيىتنى ئازاپلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئالاھىدە مەخلۇقلىرىمىدۇ -يا؟››دىگەن خىيال كاللامدىن لىپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.نىمىلا بولمىسۇن تېزراق چىقىپ كېتىشىم كېرەك ئىدى.سىرتقا قاراپ ئۆمىلىدىم،كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا يىلانلارغا قارايمەن،سۈرئىتىم ناھايىتى ئاستا ئىدى.يىلانلار ئەمدى رەسمى تۆشۈكلىرىدىن قىمىلداپ چىقىپ مىيىتقا قاراپ سىلجىشقا باشلىدى.مەنمۇ چىقىۋالدىم،بىراق ئېھتىياتسىزلىقىمدىن كەينىدىنراق تارتىپ چىقارغان سول پۇتۇمنىڭ ئوشۇقىغا بىر يىلاننىڭ قۇيرۇقى سەل-پەل تېگىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم.شۇئان تاپىنىمدىن كىرگەن يۇقىرى بېسىملىق توك سوققاندەك  بىر ئاچچىق ئاغرىق مىڭەمدىن چىقىپ كەتتى.قارىسام يىلاننىڭ قۇيرۇقى سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن يەر قىزىرىپ قاپتۇ.دەرھال يۇقىرىدىكىلەرگە كېسەك سۇنۇپ بېرىشنى بۇيرۇدۇم ماڭا سۇنۇپ بېرىشتى.توۋا كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم،لەھەتنىڭ نەلىرىدىن چىققان بولغىيتتى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا بىرەر يۈزدەك يىلان مىيىتنى ئورىۋاپتۇ ھەتتا ئاق رەڭلىك كېپەننىمۇ ئىلغا قىلالمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قاپتۇ.قورققىنىمدىن يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك بولۇپ كېسەكلەرنى ئىتتىك-ئىتتىك قويۇپ كامارنىڭ ئاغزىنى ئەتتىم،ئەجەپلىنەرلىكى بۇ يىلانلار مەن تەرەپكە قاراپمۇ قويماي ئۆلۈكنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىش بىلەن ئالدىراش ئىدى....      ئىخلاس توپىسىنىمۇ سېپىشكە ئۈلگۈرمەي لەھەتنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ گۈرجەك بىلەن ئازراق توپا دۆۋىلەپ قويۇپ يۇقىرىسىغا ئاران چىقىۋالدىم.دوستۇم چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى،نىمە بولغانلىقىنى سوراپ تۇرۇۋالدى.كۆرگىنىمنى دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم،ئۇنىڭغا مۇسىبەت ئازابىمۇ يېتىپ ئاشاتتى.پەقەت يەر ئاستى بەك دىمىقكەن،دېمىم سىقىلىپ كەتتى.››دەپلا قويدۇم ئۆيگە ئاران كېلىۋالدىم.شۇنچە نۇرغۇن مىيىتنى يەرلىككە قويۇپتىمەن،بۈگۈنكىدەك ئەھۋالنى ئۇچراتمىغانىدىم.دوستۇمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن بۇ ئىنىسىنىڭ -كىشىنىڭ ھەققىنى قانداق يىگەنلىكىنى،ئاتا-ئانىسىنى قانداق قاخشاتقانلىقىنى،كەيپ-ساپاغا قانچىلىك بېرىلگەنلىكىنى...ھازىر ئۇ مىيىتنىڭ نىمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمغا ئەكەلدىم.پۇتۇمنى سىلاپ قويدۇم.توختىماي ئىششىۋاتاتتى.ئايالىمغا بولغان ئىشلارنى ئېيتىپ بەردىم.ئايالىم كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:‹‹بىر يىلاننىڭ قۇيرۇقى ئازغىنە تېگىپ كەتكىنىگە پۇتىڭىزنىڭ ئەھۋالى شۇ بولغان بولسا قەبرە ئازابىغا دۇچار بولغان مىيىت يىلانلار تەرىپىدىن جان-جەھلى بىلەن چېقىلغان بولسا ،ئۇ يەردە نىمە كۈن كۆرۈۋاتقاندۇر-ھە؟››دەپ ئۇلۇغ-كىچىك تىندى.     داۋامى بار ⏬⏬ https://t.me/kalgusigunqilaruqun1
Показати все...
👍 2
پۇتۇمدىكى ئىششىق مېنى توپ-توغرا بىر ئاي قىيناپ ئاخىرى يىرىڭلاپ،كەينىدىن قاقاچ تۇتۇپ ئالدىرىماي ساقايدى.شۇ كۈنگىچە جامائەتكە چىقالماي نامازنى ئۆيدە ئوقۇدۇم.ھەر نامىزىمدا ياراتقان ئاللاھنىڭ قۇدرىتى،جازاسى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلدىم.ئەلھەمدۇلىللاھ مانا ھازىر سەللىمازا ساقايدىم.بىراق قەبرە ئازابىنىڭ ئىسپاتى بولغان سول پۇتۇمدىكى يىرىڭلىق ئىز  ماڭا ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرغۇچىدەك يالداما بولۇپ قالدى (كۆچۈرۈلدى ) ئاللاھ بىزلەرنى قەبرە ئازابىدىن ساقلىسۇن ، قەبرىمىزنى كەڭرى نۇرلۇق راھەت قىلىپ بەرسۇن https://t.me/kalgusigunqilaruqun1
Показати все...
Фото недоступнеДивитись в Telegram
Оберіть інший тариф

На вашому тарифі доступна аналітика тільки для 5 каналів. Щоб отримати більше — оберіть інший тариф.