🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣
رفتن به کانال در Telegram
ئاڭلا ، ئۆز-ئۆزۈڭگە تەربىيە بىرىشتىن ئاجىز كەلمىگىن‼️ ئىنسان بالىسىنىڭ ھەر قەدىمىگە ئاچچىق ياكى شىرىن سىناقلار ۋە ياكى كىچىكىپ ھىس قىلىنىدىغان نۇرغۇن ھىكمەتلەر يانداشقان بولىدۇ ... ئەقىل ۋە سەبىر كۆزۈڭ بىلەن دائىم تەپەككۇر ۋە ئىبادەت قىل ،،، بوشاشما ☔️❣
نمایش بیشتر1 936
مشترکین
اطلاعاتی وجود ندارد24 ساعت
+267 روز
+9630 روز
در حال بارگیری داده...
کانالهای مشابه
هیچ دادهای
مشکلی وجود دارد؟ لطفاً صفحه را تازه کنید یا با مدیر پشتیبانی ما تماس بگیرید.
ابر برچسبها
هیچ دادهای
مشکلی وجود دارد؟ لطفاً صفحه را تازه کنید یا با مدیر پشتیبانی ما تماس بگیرید.
اشارات ورودی و خروجی
---
---
---
---
---
---
جذب مشترکین
ژوئیه '26
ژوئیه '26
+196
در 4 کانالها
ژوئن '26
+172
در 5 کانالها
Get PRO
مه '26
+116
در 5 کانالها
Get PRO
آوریل '26
+86
در 4 کانالها
Get PRO
مارس '26
+100
در 4 کانالها
Get PRO
فوریه '26
+93
در 5 کانالها
Get PRO
ژانویه '26
+177
در 3 کانالها
Get PRO
دسامبر '25
+165
در 5 کانالها
Get PRO
نوامبر '25
+150
در 3 کانالها
Get PRO
اکتبر '25
+73
در 2 کانالها
Get PRO
سپتامبر '25
+156
در 3 کانالها
Get PRO
اوت '25
+123
در 2 کانالها
Get PRO
ژوئیه '25
+93
در 0 کانالها
Get PRO
ژوئن '25
+105
در 7 کانالها
Get PRO
مه '25
+55
در 2 کانالها
Get PRO
آوریل '25
+66
در 1 کانالها
Get PRO
مارس '25
+55
در 2 کانالها
Get PRO
فوریه '25
+43
در 5 کانالها
Get PRO
ژانویه '25
+80
در 3 کانالها
Get PRO
دسامبر '24
+42
در 1 کانالها
Get PRO
نوامبر '24
+36
در 1 کانالها
Get PRO
اکتبر '24
+74
در 2 کانالها
Get PRO
سپتامبر '24
+79
در 1 کانالها
Get PRO
اوت '24
+83
در 5 کانالها
Get PRO
ژوئیه '24
+192
در 4 کانالها
Get PRO
ژوئن '24
+147
در 4 کانالها
Get PRO
مه '24
+102
در 2 کانالها
Get PRO
آوریل '24
+113
در 4 کانالها
Get PRO
مارس '24
+643
در 2 کانالها
| تاریخ | رشد مشترکین | اشارات | کانالها | |
| 31 ژوئیه | +4 | |||
| 30 ژوئیه | +4 | |||
| 29 ژوئیه | +9 | |||
| 28 ژوئیه | +5 | |||
| 27 ژوئیه | +6 | |||
| 26 ژوئیه | 0 | |||
| 25 ژوئیه | +7 | |||
| 24 ژوئیه | +20 | |||
| 23 ژوئیه | +4 | |||
| 22 ژوئیه | +2 | |||
| 21 ژوئیه | +6 | |||
| 20 ژوئیه | +8 | |||
| 19 ژوئیه | +4 | |||
| 18 ژوئیه | +4 | |||
| 17 ژوئیه | +4 | |||
| 16 ژوئیه | +9 | |||
| 15 ژوئیه | +2 | |||
| 14 ژوئیه | +5 | |||
| 13 ژوئیه | +2 | |||
| 12 ژوئیه | +4 | |||
| 11 ژوئیه | +2 | |||
| 10 ژوئیه | +7 | |||
| 09 ژوئیه | +9 | |||
| 08 ژوئیه | +8 | |||
| 07 ژوئیه | +8 | |||
| 06 ژوئیه | +9 | |||
| 05 ژوئیه | +11 | |||
| 04 ژوئیه | +4 | |||
| 03 ژوئیه | +9 | |||
| 02 ژوئیه | +8 | |||
| 01 ژوئیه | +12 |
پستهای کانال
| 2 | كېتىدۇ
جاھان بۇ، ھەركىمى كېلىپ كېتىدۇ،
باي-گاداي ھەممىنى ئېلىپ كېتىدۇ.
بىر كۈنلەر ئۇنىڭغا پاتمىغان بىرى،
كۈن كېلەر تۇپراققا كىرىپ كېتىدۇ.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن، جاھان ۋاقىتلىق،
دېسەڭ گەر، سۆزۈڭگە كۈلۈپ كېتىدۇ.
پەيغەمبەر جېنىدا قالمىغان باقى،
دېسەڭ گەر، قاپاقنى تۈرۈپ كېتىدۇ.
ئەسلى بۇ مۇشۇنداق رەھىمسىز جاھان،
بىل دوستۇم، ھەر جانلىق كېلىپ كېتىدۇ.
ھەر كېسەل شىپاسىن تاپقان ھېكىممۇ،
ئامال يوق، بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدۇ.
چىڭگىزدەك جاھانغا پاتمىغان سەركە،
مۇ ھەتتا ئەلەمدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
قارۇندەك كاتتىباش، نوچى بايلارنىڭ،
مۇ قارنى تۇپراققا تولۇپ كېتىدۇ.
پادىشاھ ۋە ھەتتا تىلەمچىلەرمۇ،
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ كېتىدۇ.
كىملەردىن كىملەرگە قالغان بۇ جاھان،
يوق ۋاپا ھەتتاكى كۆرۈپ كېتىدۇ.
بىرلىرى قولىدا كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن،
ئۇنىڭدا دەۋرانلار سۈرۈپ كېتىدۇ.
ئۆزگىرىپ ئۇ جاھان، تەلەي قاچقاندا،
خار بولۇپ ئاچلىقتا يۈرۈپ كېتىدۇ.
سېنىڭ مېنىڭ ئۇنىڭ ئەمەس بۇ جاھان،
تالاشما، ھەممىسى توزۇپ كېتىدۇ.
ئەمەل-مەنسەپ، مائاش، دۇنيا لەززىتى،
«مەن-مەن» دېگەنلەرنى بۇزۇپ كېتىدۇ.
باقما سەن بىراۋنىڭ ئورنى، رىزقىغا،
يۈرىكىڭ ھەسرەتتىن چىرىپ كېتىدۇ.
نە قىلسا پايدىسىز ھەسەتخور ئۇ دەم،
ئەمەللىرى چۈنكى ئىرىپ كېتىدۇ.
بىراۋنىڭ كەينىدىن غەيۋەت، گۇماندا،
ئۆمرۈڭ، ھاياتىڭ، بەختىڭ كېتىدۇ.
ئاھ ئۇرۇپ ھەر كۈنى ئېغىر ھەسرەتتە،
ئىززىتىڭ، نۇمۇسۇڭ، تەختىڭ كېتىدۇ.
بىراۋنى ماختاپ سەن، بىرنى مات قىلىپ،
يۈرسەڭ بىل، دۈشمەنلەر كۈلۈپ كېتىدۇ.
سەن تالاش-تارتىشتا يۈرگەن شۇ دەمدە،
بىل، مىللەت زۇلۇمغا كۆنۈپ كېتىدۇ.
بۆلۈنۈپ تۆت تەرەپ، يەتتە باش بولسا،
جاھاندا بۇ مىللەت قۇرۇپ كېتىدۇ.
مەنمەنلىك، جاھىللىق، شۇم نىفاق قۇرتى،
بىرلىكنىڭ جەۋھىرىن يۇتۇپ كېتىدۇ.
ئۆز-ئارا غاجىشىپ تۈگىمەس جەڭدە،
بۇ ئەلنىڭ ئابرۇيى سۇنۇپ كېتىدۇ.
مىللەت چۈن بولماسسا تىنغان تىنىقلار،
مەنپەئەت ۋىجداننى يۇتۇپ كېتىدۇ.
جاھالەت ئۇيقۇسى باسقاندا ئەلنى،
ئىستىقلال ئۈمۈدىن ئۈزۈپ كېتىدۇ.
دەرۋەقە بىر باش ۋە بىر مۇش بولمىسا،
ئۈمىدنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ كېتىدۇ.
مىللەتنىڭ ھالىنى ئەسلىسەڭ بىر ئاز،
كۆزۈڭمۇ ياشقا لىق تولۇپ كېتىدۇ.
شەخسىيەت، مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن،
ھەر سائەت، بۇ مىللەت ئۆلۈپ كېتىدۇ.
«مەن»نى تاشلاپ، «مىللەت» دەپ ياشىساڭ گەر،
يۈرىكىڭ كۈل بولۇپ كۆيۈپ كېتىدۇ.
ھەممە گەر "مىللەت" دەپ ئاققۇزسا قان-تەر،
بۇ زۇلۇم ۋە خارلىق ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئالدىڭغا باقمىساڭ ئۇچۇر دەۋرىدە،
بىرلىرى ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىدۇ.
باقمىساڭ جاھانغا، ئۇ ساڭا باقماس،
قالدۇرۇپ قىرغاقتا، ئۈزۈپ كېتىدۇ.
نادان، جاھىل، ھورۇن، بىلىمسىز مىللەت ،
جاھاندىن نامسىزلا كۆچۈپ كېتىدۇ .
پىلانسىز،ھەرىكەتسىز،كۈتۈپ ياتقانلار،
تارىخ بەتلىرىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ.
شانلىق تارىخىمىز مەلۇم ھەممىگە،
دۈشمەنلەر قورقۇدىن تەرلەپ كېتىدۇ.
ئەجداتلار قالدۇرغان ئالتۇن پۈتۈكتە،
مىللەتنىڭ روھى ھەم ئۆرلەپ كېتىدۇ.
باشنى بىر قىلسا گەر مىللەت يېڭىدىن،
قارا تۇمان باشتىن قېچىپ كېتىدۇ.
غەلبە ناخشىسىنى ئاڭلىتىپ باھار،
بىز ئۈچۈن گۈل-چېچەك چېچىپ كېتىدۇ.
ئون بەشى قاراڭغۇ گۈزەل ئاينىڭمۇ،
ۋە لېكىن ئون بەشى يورۇپ كېتىدۇ.
دەيدۇلەر: خارلانغان ئەزىزمۇ بولۇر،
دىللار تۈگۈل دۇنيا يورۇپ كېتىدۇ.
مانا بۇ جاھاننىڭ، ھاياتنىڭ ھالى،
ياشىغان مىڭ يىل ھەم ئۆلۈپ كېتىدۇ.
يېگانە ئىلاھنىڭ مۇبارەك يۈزى—
دىن باشقا ھەممىسى سولۇپ كېتىدۇ.
جلال الدين ئۇيغۇر ✍✍
2026/07/03
لازىقىيە
T.me//kalbimga_hitab | 426 |
| 3 | بۇ سۇ مۇسۇلمانلارغا ھارام ...
T.me//kalbimga_hitab | 485 |
| 4 | زىكىر قىلىڭ .... دۇئا ئىجابەت ۋاقىتلاردا تۇرۇپتىمىز ...
T.me//kalbimga_hitab | 457 |
| 5 | ئۇنۇتمىغىنكى ...
T.me//kalbimga_hitab | 482 |
| 6 | بىراۋلارغا ئازار بەرسەڭ، كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋەتسە _ < يەڭدىم > دەپ ئويلىمىغىن ! ئۇنىڭ سەن يىڭەلمەيدىغان رەببى تىخى كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋەتكىنى يوق❗️❗️❗️
T.me//kalbimga_hitab | 794 |
| 7 | كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشىپ بىرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ئەجىرگە تەڭ شىرىك بۇلايلى 😊😊😊😊😊
@rohiyuzok | 273 |
| 8 | ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مۆھتىرەم قېرىنداشلا ، ئۇشبۇ ۋاختىڭلار خەيرىلىك بولسۇن ،
مەخسەت : روھىي ئوزۇق قانالنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇيۋېتىپ سالدىم 😢
ۋە بۇ قانالنى ئەمدى قايتا قۇردۇم ،
خەۋرىڭلاردا بولغىنىدەك قانالغا ،
دەئۋەت، قۇرئان ، ھەدىس ، ۋە تۈرلۈك ياخشى مەزمۇندىكى يازمىلار ، يوللىنىدۇ ، ۋە ئاندۇ مۇندۇ قىزقارلىق ۋىدىولارنى مۇ يوللاپ قويىمەن 😅
قانالنى تارقىتىپ قويساڭلا 1200 ئادەملەرنى قايتىدىن بىر يەرگە جەملەشنى نىشان قىلىپ قايتا قۇردۇم 🤲
ھۆرمەت بىلەن: روھىي ئوزۇق ، قانىلىدىن 😊
@rohiyuzok | 238 |
| 9 | كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشىپ بىرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ئەجىرگە تەڭ شىرىك بۇلايلى 😊😊😊😊😊
@rohiyuzok | 93 |
| 10 | ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز مۆھتىرەم قېرىنداشلا ، ئۇشبۇ ۋاختىڭلار خەيرىلىك بولسۇن ،
مەخسەت : روھىي ئوزۇق قانالنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇيۋېتىپ سالدىم 😢
ۋە بۇ قانالنى ئەمدى قايتا قۇردۇم ،
خەۋرىڭلاردا بولغىنىدەك قانالغا ،
دەئۋەت، قۇرئان ، ھەدىس ، ۋە تۈرلۈك ياخشى مەزمۇندىكى يازمىلار ، يوللىنىدۇ ، ۋە ئاندۇ مۇندۇ قىزقارلىق ۋىدىولارنى مۇ يوللاپ قويىمەن 😅
قانالنى تارقىتىپ قويساڭلا 1200 ئادەملەرنى قايتىدىن بىر يەرگە جەملەشنى نىشان قىلىپ قايتا قۇردۇم 🤲
ھۆرمەت بىلەن: روھىي ئوزۇق ، قانىلىدىن 😊
@rohiyuzok | 85 |
| 11 | ئەتىراپىمىزدا نىمە ئۈچۈن كومشالار جىق ؟ جاۋابى تىپىلدى ! 😂
چەتئەللىك ھايۋاناتشۇناش ئالىملار مۇنداق بىر تەجىربە ئىلىپ بارغان . بەش مايمۇننى بىر قەپەزگە سولاپ ، ئۈستىگە بىر باغلام باناننى ئىسىپ قويغان . ئەمما قايسى مايمۇن بۇ باناننى ئىلىشقا ئۇرىنىدىكەن ، ئاپتوماتىك قۇرۇلمىدىن سۇ چۈشۈپ. بۇ مايمۇنلارنى ھۆل قىلىۋەتكەن . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مايمۇنلار ئۆزئارا كىلىشىم ھاسىل قىلغان يەنى ھىچقايسىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقىپ باناننى ئۈزگىلى قويمىغان . بولمىسا قالغان مايمۇنلار سۇ ئاستىدا قالىدۇ . كەينىدىن ئالىملار قەپەس ئىچىدىكى بىر كونا مايمۇننى قەپەستىن چىقىرىپ يىڭى بىر مايمۇننى قەپەس ئىچىگە كىرگۈزگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ Aمايمۇن قەپەس ئۈستىدىكى باناننى كۆرۈپ ئۇنى ئالماقچى بولۇپ توروسقا ياماشقاندا ، قالغان تۆت مايمۇن ئىتىلىپ بىرىپ ئۇنى راسا دۇمبالىغان . شۇنىڭ بىلەن Aمايمۇن تاياق ئاستىدا قالغان . ئۇ ھەرقىتىم باناننى ئالماقچى بولۇپ ، توروسقا ئىسلغىنىدا توختىماي تاياق يىگەن . كىيىن تەجىربە خادىملىرى قەپەس ئىچىدىكى يەنە بىر كونا مايمۇننى قەپەستىن چىقىرىپ ، يىڭى بىر B مايمۇننى قەپەس ئىچىگە كىرگۈزگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ Bمايمۇن توروستىكى باناننى كۆرۈپ دەرھال ئۇنى ئىلىش ئۈچۈن توروسقا ياماشقان . تۆت مايمۇن ئىتىلىپ بىرىپ ئۇنى تازا دۇمبالىغان . بۇنىڭ ئىچىدە Aمايمۇن ئۇنى باشقا مايمۇنلارغا قارىغاندا بەكىرەك دۇمبالىغان . 😂 كەينىدىن تەجىربە خادىملىرى قالغان ئۈچ كونا مايمۇننىمۇ يەڭگۈشلەپ ، ھەممىسىنى يىڭى مايمۇن قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بۇلار بىر بىرسىنى ئۆزئارا تاياققا قويغان . ئۇلار نىمە ئۈچۈن بۇ باناننى ئالسا بولمايدىغان سەۋەبىنى مەڭگۈ بىلەلمىگەن . پەقەت كىم قول ئۇزۇتسا شۇنى تاياق بىلەن ئۇرۇپ دۇمبالاشنىلام بىلگەن .
نەتىجە ؛
ئالدىنقى كونا مايمۇنلارنىڭ ئۆزىلىرى قەپەستە بولسىمۇ ، ئىدىيىسى قەپەس سىرتىدا ، كىيىنكىلىرى بولسا ، ئۆزى ھەم كاللىسمۇ ئوخشاش قەپەس ئىچىدە . شۇڭا ئەتىراپىمىزدا كومشالار جىق !
T.me//kalbimga_hitab | 512 |
| 12 | 2025_يىلدىكى بۇ ھىكايە نىمىدىگەن قورقۇنچلۇق😱
ئامىركىنىڭ ئەسكىرى مەكىتىۋىدە ئوقۇتۇلغان خوراز بىلەن تۈلكىنىڭ ھىكايىسى
سىنىپتا ئوقۇغۇچىلا مۇئەللىمنىڭ كىرىشىنى كۈتىۋاتقان بىر پەيتتە چىراقلار ئۈچۈرۈلۈپ داسكىدا بىر قوچاق ڧىلمى قويۇلۇشقا باشلاپتۇ، ڧىلمنىڭ ئىسمى "كىچىك توخا" ڧىلىمدە بىر قەپەس، قەپەسنىڭ ئىچىدە بىرمۇنچە توخا، ياش ۋە كىچىك خورازلار بىرگە يوغان خوراز باركەن، قەپەسنىڭ تېشىدا بىر تۈلكە ئايلىنىۋېتىپتۇ.
قەپەسنىڭ ئىچىدىكى قېرى ۋە يوغان خوراز قەپەسنىڭ ئېشىكىنى چىڭ ئىتىپ كىچىك توخا ۋە خورازلارنىڭ تاشقىرىغا چىقىشىغا توسالغۇ بولۇپ تۇرۇپتۇ. چۈجە خوراز ۋە توخۇلار تاشقىرىغا چىقالمىغانلىقى ئۈچۈن بەكمۇ ئۇرۇقلاپ كېتىپتۇ، قېرى يوغان خوراز ھەر كۈنى ئۇلارغا ئۆلۈپ كەتمىگىدەك مىقتاردا دان تاشلاپ بېرىدىكەن، قەپەسكە كىرەلمىگەن تۈلكە قەپەستىن كىچىك بىر تۈشۈك ئېچىپ ياش خورازلاردىن بىرىنى چاقىرىپ ئازراق دان تاشلاپ بېرىپتۇ، داننى يىگەن بۇ كىچىك خوراز ھەر كۈنى كېلىپ تۈلكىدىن دان ئېلىپ يىيشكە باشلاپتۇ، بىر كۈنى تۈلكە ياش خورازغا ئۆزىدىنمۇ ئاشىدىغان مىقتاردا دان تاشلاپ بېرىدىكەن، ياش خوراز بۇ دانلارنى ئۆزى يەپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغانلىرىنى دوستلىرىغا تارقىتىپ بىرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن قەپەستىكى قېرى ۋە يوغان خورازنىڭ كۈچى كۈندىن كۈنگە ئاجىزلاپ ئەتراپىدىكى خوراز ۋە توخۇلارنىڭ سانىمۇ ئازلاپ كېتىدىكەن، ياش خورازنىڭ ئەتراپى كۈن ئۆتكەنسىرى كۆپۈيىشكە باشلايدىكەن، بۇ پەيتتە تۈلكە ھېچ كىمگە كۈرۈنمەي قەپەسنىڭ ئالدىغا قوناق دانىلىرى تاشلاپ قويىدىكەن، قەپەسنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن قوناقلارنى كۆرگەن قەپەسنىڭ خوراز ۋە توخا ئاھالىسى ئارىسىدا قەپەسنى ئىچىش ياكى ئاچماسلىق ھەققىدە تالاش تارتىش مەيدانغا كېلىدىكەن، ئاخىرىدا ئىشىكنى ئاچايلى دېگەنلەرنىڭ ئاۋازى كۆپ بولغانلىقىدىن ئىشىكنى ئېچىپ ناھايتىتى فەم بىلەم، دىققەت ۋە
شەپىسىز ھالدا دانلىرىنى يىيىشىپ قەپەسلىرىگە قايتىپ كىرىدىكەن ۋە ھېچكىمگە بىر نېمە بولمايدىكەن، قەپەستىكى توخۇلارنىڭ قورقۇسى يىنىكلەپ راھەتلەيدىكە
بىر كېچىسى تۈلكە قەپەسنىڭ ئالدىدىكى ھويلىغا كۆپ مىقتاردا قوناق تۆكۈدىكەن، قورقمايدىغان ھالغا كەلگەن خوراز ۋە توخۇلار ياش خورازنىڭ قوماندانلىقىدا قەپەسلىرىدىن چىقىپ راھەت بىر شەكىلدە دانلارنى يەپ تەكرار قەپەسلىرىگە كىرىدىكەن.
قەپەستىكى توخۇلار كۈنسىرى دانلىنىپ، يەملىنىپ، سەمىرىپ كېتىدىكەن، ئاخىرىدا تۈلكە بىر كېچە قەپەسنىڭ ئالدىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئۇۋۇسىغا قەدەر تېخىمۇ كۆپ دان تۆكۈدىكەن، ئەتىگەندە قورقۇسىز ھالدا قەپەسلىرىدىن چىققان توخا ۋە خورازلار قەپەسنىڭ ئالدىدىن باشلاپ دانلىنىپ – دانلىنىپ تاكى تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرىگە قەدەر بارىدىكەن، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۆتۈپ تۇرغان تۈلكە ئۇلار ئۆڭكۈرگە كىرە كىرمەيلا ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكىنى ئىتىۋېتىدىكەن.
قوچاق فىلمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدىكەن.
چىراقلار يانغاندىن كېيىن مۇئەللىم ئۈستەلگە ئولتۇرۇپ: كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۈچۈنجى دۇنيا خەلقى مانا موشۇنداق باشقۇرىلىدۇ، - دەپ دەرسكە باشلايدىكەن.
سۇئاللار:
1- قەپەس قايسى جاي؟
2- قېرى ۋە ياشىنىپ قالغان خورازلار كىملەر؟
3- ياش خوراز كىم؟
4- ئۇ مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
5- ھەممىدىن مۇھىمراقى ئۇ تۈلكە كىم؟
T.me//kalbimga_hitab | 695 |
| 13 | كەلگۈسى ئون يىلدا قايسى بايلىقلار ياشايدۇ، قايسى بايلىقلار يوقىلىدۇ؟ — AI دەۋرىدىكى مەبلەغ سېلىش يولى
«بايلىق يوقاپ كەتمەيدۇ، پەقەت بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە كۆچىدۇ.»
ھەر بىر چوڭ تېخنىكا ئىنقىلابى بايلىقنىڭ قايتا تەقسىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دېھقانچىلىق دەۋرىدە يەر بايلىق ئىدى.
سانائەت ئىنقىلابىدا زاۋۇت، تۆمۈر يول ۋە ماشىنا بايلىققا ئايلاندى.
ئىنتېرنېت دەۋرىدە مىكروسوفت، گۇگۇل، ئامازون ۋە ئالما دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرگە ئايلاندى.
بۈگۈن بولسا، دۇنيا سۈنئىي ئەقىل (AI) دەۋرىگە كىردى.
«قولىمىزدىكى بايلىق ئون يىلدىن كېيىنمۇ بايلىقمۇ؟ ياكى پەقەت بىر خاتىرەمۇ؟»
بايلىقنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى — ئۆزگىرىش
چارلى مانگېر مۇنداق دېگەن:
«چوڭ خاتالىق، ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا كونا قائىدىلەر بىلەن ياشاش.»
بۇرۇن ئۆي سېتىۋالساڭ باي بولاتتىڭ.دۇكان ئاچساڭ ئۈچ ئەۋلادنى باقاتتى.ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرسەڭ ئۆمۈرلۈك خىزمەت تاپاتتىڭ.بۈگۈن بۇ قائىدىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ
ئۆي-مۈلۈك: ئالتۇنمۇ؟ يۈكمۇ؟
ئۆي سېتىۋېلىش خاتا ئەمەس.ئەمما ھەر قانداق ئۆي ياخشى مەبلەغ دېگەن قاراش خاتا.نوپۇس ئازىيىۋاتقان، ياشلار كۆچۈپ كېتىۋاتقان، ئىش پۇرسىتى چەكلىك شەھەرلەردە ئۆي باھاسى يىللار بويى ئۆرلىمەسلىكى مۇمكىن.ئەمما ئىقتىساد كۈچلۈك، خىزمەت كۆپ، نوپۇس كىرىۋاتقان رايونلاردا ئۆي يەنىلا قىممىتىنى ساقلىشى مۇمكىن.مەبلەغ سالغاندا «ئۆي»نى ئەمەس، «ئورۇن»نى سېتىۋېلىڭ.
دۇكان: كىشىلەر بۇرۇنقىدەك دۇككانمۇ دۇككان چوگىلەيدىغان ئەمەس، ئېكرانغا قاراپ ماڭىدىغان دەۋر،بۇرۇن ياخشى كوچىدىكى بىر دۇكان بايلىق ئىدى.
ھازىر كىشىلەرنىڭ قولىدىكى تېلېفون نۇرغۇن دۇكاننىڭ ئورنىنى ئالدى.ئەمما ھەممە دۇكان يوقىلىپ كەتمەيدۇ.ئاشخانا، دوختۇرخانا، گۈزەللىك مۇلازىمىتى، بالىلار مائارىپى، كۈندىلىك تۇرمۇشقا بىۋاسىتە باغلانغان مۇلازىمەتلەر يەنىلا ئېھتىياجغا ئىگە.
ئىنتېرنېت ئالماشتۇرالمايدىغان كەسىپلەرنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
دىپلوم: قەغەزمۇ؟ ياكى ئىقتىدارمۇ؟
سۇنئى ئەقىل دەۋرىدە كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجى
«قايسى مەكتەپنى پۈتتۈردىڭ؟» دەپلا قالمايدۇ.
بەلكى:نېمە قىلالايسەن؟قانداق مەسىلىنى ھەل قىلالايسەن؟قىممەت يارىتالامسەن؟
دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ.
دىپلوم باشلىنىش بولالايدۇ، ئەمما داۋاملىق ئۆگىنىش بولمىسا، ئۇنىڭ قىممىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ.
ماشىنا: بايلىق ئەمەس، خىراجەت
ماشىنا ئادەتتە كىرىم ئەمەس، چىقىم يارىتىدۇ.
سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ كۆپىنچە ماشىنىلارنىڭ باھاسى چۈشۈشكە باشلايدۇ.
شۇڭا ماشىنىنى «مەبلەغ» دەپ ئەمەس، «تۇرمۇش قورالى» دەپ قاراش تېخىمۇ مۇۋاپىق.
ھەقىقىي بايلىق نېمە؟
رەي دالىيو مۇنداق دەيدۇ:
«نەق پۇل پادىشاھ ئەمەس؛ ئەمما قىيىن ۋاقىتتا نەق پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان مۈلۈك ناھايىتى قىممەتلىك.»
بىر مىليون دوللارلىق ئۆيىڭىز بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما ساتقىنىڭىزدا ئالتە ئاي سېتىلمىسا، بۇ بايلىقنىڭ سۇيۇقچانلىقى تۆۋەن.
ئەكسىچە، سۈپەتلىك شىركەتلەرنىڭ پايلىرى، مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىنغاندا، زۆرۈر بولسا بازاردا تېزرەك نەق پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
شۇڭا مەبلەغ سېلىشتا پەقەت «قىممەت»نى ئەمەس، «سۇيۇقچانلىق»نىمۇ ئويلاش كېرەك.
كەلگۈسى ئون يىلنىڭ ئۇتقۇچىلىرى كېم ؟ئىنقىلاب ھەر قېتىم يېڭى رەھبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ساھەلەر:سۈنئىي ئەقىل (AI)، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئۆزەك، سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى، بۇلۇت ھېسابلاش ،ئېلېكتىر تورى ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ،بىئوتېخنىكا ۋە داۋالاش ،ماشىنا ئادەم ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى.پاي تاللىغاندا
ياخشى ساھەنى تاللاش يېتەرلىك ئەمەس؛ ياخشى شىركەتنى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىش تېخىمۇ مۇھىم.
ۋاررېن باففېتنىڭ مەشھۇر سۆزى:
«ئادەتتىكى شىركەتنى ئەرزان باھادا سېتىۋالغاننىڭ ئورنىغا، ئەلا شىركەتنى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋالغان ياخشى.»ئەڭ ياخشى مەبلەغ بولساپاي بازىرى چۈشۈشى مۇمكىن.ئۆي باھاسى چۈشۈشى مۇمكىن.
ئالتۇنمۇ بەزى ۋاقىتتا باھاسى تۆۋەنلەيدۇ.
ئەمما بىر مەبلەغ ھەرگىز زايا كەتمەيدۇ:
ئۆزىڭىزگە سالغان مەبلەغ.بىلىم،ساغلاملىق،تىل،كەسپىي ماھارەت،
توغرا تەپەككۇر،ئىنتىزام،سەۋر…
بۇلار سىزنىڭ ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان بايلىقىڭىز.
بازار ھەمىشە ئۆزگىرىدۇ.تېخنىكا توختىماي يېڭىلىنىدۇ.
بىر دەۋردە بايلىق ھېسابلانغان نەرسە، كېيىنكى دەۋردە يۈككە ئايلىنىشى مۇمكىن.
شۇڭا ئەقىللىق مەبلەغ سالغۇچى
«بۇ مۈلۈكنىڭ بۈگۈن قىممىتى بارمۇ؟» ئەمەس.
«ئون يىلدىن كېيىنمۇ كىشىلەر بۇنىڭغا ئېھتىياج سېزىمدۇ؟»دىگەن قارارى كەلگۈسىدىكى بايلىقنى بەلگىلەيدۇ.
«مەبلەغ سېلىشتا بۈگۈنكى باھاغا ئەمەس، ئەتەكى ئېھتىياجغا مەبلەغ سېلىڭ؛ چۈنكى بايلىقنى باھا ئەمەس، ئېھتىياج بەلگىلەيدۇ.»
T.me//kalbimga_hitab | 427 |
| 14 | ئىنسان قەلبىدىكى ئەڭ ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ بىرى — بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلماسلىقتۇر. بۇ كېسەل، سۇسىز گۈلگە ئوخشايدۇ؛ سىرتتىن گۈزەل كۆرۈنسىمۇ، ئىچىدىن قۇرۇپ بارىدۇ.
ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«قىيامەت كۈنىدە ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قورقۇنچۇم — ماڭا: "ئى ئەبۇ دەردائ، سەن بىلەتتىڭ، ئەمما بىلگەنلىرىڭ بىلەن نېمە قىلدىڭ؟"دەپ سورىلىشىدۇر».
https://t.me/dawatlar99 | 560 |
| 15 | ئۆمۈرلۈك توي ئىشىدا خاتا تاللاش — ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ سىناقلاردىن بىرى. ئىسلامدا بۇ مەسىلەگە ناھايىتى جىددىي قارالغان. چۈنكى توي پەقەت ھېسسىيات ئەمەس، بەلكى ئىمان، ئەخلاق ۋە ھايات يولىنىڭ شېرىكلىكىدۇر.
خاتا تاللاشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى
1. روھىي ۋە قەلبى ئازاب
دائىملىق تالاش-تارتىش، تىنچسىزلىق
مۇھەببەتنىڭ ئورنىغا نەپرەت، سەۋرنىڭ ئورنىغا زېرىكىش كېلىدۇ، قەلبتە ھۇزۇر يوقىلىدۇ؛
2. ئائىلەنىڭ پارچىلىنىشى
ئەر-ئايالنىڭ ماس كەلمەسلىكى سەۋەبىدىن داۋاملىق توقۇنۇش، ئاخىرىدا تالاش-تارتىش، ھەتتا ئاجرىشىش كېلىپ چىقىدۇ. بالىلار كۆپ زىيان كۆرىدۇ؛
3. بالىلارنىڭ تەربىيەسىگە زىيان
مۇھىت تىنچ بولمىسا بالىنىڭ دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيەسى ساغلام بولمايدۇ؛
4. دىنىي ۋە ئەخلاقىي ئاجىزلاش
ناچار ھەمراھ: ناماز، ھىجاب، ئىبادەتكە توسالغۇ بولىدۇ ياكى گۇناھقا يېتەكلەيدۇ.
پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دېگەن: «المرء على دين خليله»
(ئادەم دوستى/ھەمراھىنىڭ دىنىدا بولىدۇ).
5. ھاياتنىڭ قىيىنلىشىشى
خاتا تاللاش → توختىماي سەۋر قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟
چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر:
پەقەت گۈزەللىك ياكى بايلىققا قاراپ تاللايدۇ؛ ئىمان ۋە ئەخلاقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويمايدۇ.
پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دېگەن:
«فاظفر بذات الدين تربت يداك»
«دىنى بارىنى تاللا، بەخت تاپىسەن».
توغرا تاللاش قانداق بولىدۇ؟
✔ ئىمانى بار
✔ ئەخلاقى ياخشى
✔ مەسئۇلىيەتچان
✔ سەۋرچان ۋە ھۆرمەتلىك بىرسىنى تاللاش بىلەن بولىدۇ.
خۇلاسە
خاتا تاللاش: قەلبنى ئازابلايدۇ، ئائىلىنى بۇزىدۇ، بالىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، دىنىي ھاياتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
توغرا تاللاش بولسا: دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
https://t.me/dawatlar99 | 500 |
| 16 | 🧥 تون👕
ھەقىقىي ئەركەكلەر دائىم سىرتتا كىيدىغان __ بوران-چاپقۇن ۋە شىددەتلىك بېسىملارغا قارشى تۇرالايدىغان <قاتتىق>تونىنى ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە ئۇچىسىدىن سېلىۋىتىدۇ_دە ...
ھەركۈنى دەرۋازىنىڭ يېنىغا سەپ قويۇپ كىتىدىغان _ مۇلايىملىق، كۆيۈنۈش شۇنداقلا كەڭ-قورساقلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان <يۇمشاق > تونىنى ئالماشتۇرۇپ كىيىۋالىدۇ ...
ۋە كۆزلىرىدىكى ئاچچىق ئەلەم ۋە لىغىلداپ قالغان ياش تامچىلىرىنى ئىچىگە يۈتىۋىتىپ تۇرۇپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىشىكتىن شۇنداق دەپ كىرىپ كىتىدۇ :
< قايغۇلىرىڭ ۋە تەشۋىشلىرىڭ بىلەن ئۇلارنى ھەم غەمكىن قىلىشىڭغا يول قويمايمەن دۇنيا ... چۈنكى قارشىڭدا روبىرو تۇرۇپ، بارچە ئېغىرچىلىقىڭ ئالدىدا ، قالقان كەبى چىداپ ياشىشىمنىڭ سەۋەبى دەل _ ئۇلارنىڭ ماڭا كۈچ بېغىشلايدىغان مىھىرلىك كۈلكىسىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇنۇتما!!!>
پىنھان ✍️
T.me//kalbimga_hitab | 628 |
| 17 | مەككار كافىرلارنىڭ سۈيقەستى ... !!!
كۈنىمىزدە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدە كۆرۈلۈشكە باشلانماقتا ....
https://t.me/kalbimga_hitab | 533 |
| 18 | ھەدىسلەر ھەقىقىي (سەھىھ) ۋە بۇخاري-مۇسلىمدا كەلگەن.
### ئاساسىي ھەدىسلەر
1. ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) رىۋايەت قىلغان:
> «قىيامەت كەلمەيدۇ، تاكى فۇرات دەرياسى ئالتۇن تاغنى ئاشكارا قىلىپ چىقارمىغۇچە. ئۇنىڭ ئۈستىدە كىشىلەر ئۇرۇشىدۇ. ھەر يۈز كىشىدىن توقسان توققۇز ئۆلىدۇ. ھەر بىرى: “بەلكىم مەنلا قۇتۇلۇپ قالارمەن” دەيدۇ.»
(سەھىھ مۇسلىم 2894، سەھىھ بۇخارى، رىيادۇس سالىھىن 1822)
2. يەنە بىر رىۋايەت:
> «فۇرات دەرياسى يېقىندا ئالتۇن خەزىنە ياكى ئالتۇن تاغنى ئاشكارا قىلىدۇ. كىم شۇ ۋاقىتتا بار بولسا، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە ئالماسلىقى كېرەك.»
(سەھىھ بۇخارى 7119، سەھىھ مۇسلىم 2894)
بۇ ھەدىسلەر مۇتەفەققۇن ئەلەيھى (بۇخارى ۋە مۇسلىم ئىككىسى بىرلىكتە كەلتۈرگەن) دەرىجىسىدە. پەيغەمبەر ﷺ ئۇنىڭدىن ئالماسلىقنى ئوچۇق بۇيرۇغان، چۈنكى ئۇ چوڭ فىتنە ۋە قان تۆكۈش سەۋەبى بولىدۇ.
### ھازىرغىچە كۆرۈنگەن ئالامەتلەر ۋە ئىلمىي ئەھۋال
فۇرات دەرياسى ھازىر ئېنىق تۆۋەنلەۋاتىدۇ. ئاساسلىق سەۋەبلەر:
- تۈركىيە، سۇرىيە ۋە ئىراقتا قۇرۇلغان چوڭ تامغىلار (دەم) سۇنى كۆپ ئالىدۇ.
- كىلىمات ئۆزگىرىشى، يامغۇرنىڭ ئازىيىشى، قۇرغاقچىلىق.
- سۇ ئىشلىتىشنىڭ كۆپىيىشى (يېزا ئىگىلىكى ۋە نوپۇس).
ئىراق سۇ بايلىقلىرى مىنىستىرلىكى 2022-يىلى ئاگاھلاندۇرغان: ئەگەر تەدبىر ئېلىنمىسا، فۇرات 2040-يىلىغا بارغاندا قۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن. 2020-يىللاردا دەريا ياتقىسىدا قەدىمكى خارابىلەر، ساراي قالدۇقلىرى ۋە باشقا ئورۇنلار ئاشكارا بولغان. 2024–2025-يىللاردىمۇ سۇ سەۋىيىسى داۋاملىق تۆۋەن بولۇپ، كۆلچەكلەر ۋە زاپاس سۇلار كەمەيگەن.
بۇ ھەدىستىكى «يحسر» (سۇنىڭ چېكىنىپ، ئاستىنى ئاشكارا قىلىشى) دېگەن سۆزگە ماس كېلىدۇ. لېكىن ھەقىقىي ئالتۇن تاغ ھېلىچە چىقمىدى. ھەدىس ئۇنى قىيامەت بەلگىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسىتىدۇ، شۇڭا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېيىنكى ۋاقىتلارغا قالىدۇ.
### ئىلىم-پەن بىلەن ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈش
- سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى: كۆپ ئالىملار (مەسىلەن، ئىبنى ھەجەر، نەۋەۋىي قاتارلىقلار) بۇنى ھەقىقىي ئالتۇن تاغ دەپ چۈشىنىدۇ. فۇراتنىڭ سۇيى تۆۋەنلىگەندە ئاستىدىن چوڭ مىقداردىكى ئالتۇن ياكى بايلىق چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە قانلىق ئۇرۇش بولىدۇ.
- مەجازىي چۈشەندۈرۈش: بەزى زامانىۋى ئالىملار ۋە يازغۇچىلار (مەسىلەن، نېفىت رايونلىرىدىكى «قارا ئالتۇن») نېفىت ۋە بايلىق ئۈچۈن بولغان ئۇرۇشلارنى كۆزدە تۇتقان دەپ قارايدۇ. چۈنكى نېفىت «ئالتۇن» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇرۇش بولغان. بىراق بۇ چۈشەندۈرۈش ھەدىسنىڭ سۆزىگە تولۇق ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ھەدىس «جبل من ذهب» (ئالتۇن تاغ) دەپ ئېنىق دەيدۇ ۋە فۇراتتىن چىقىدىغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ.
- ئىلمىي جەھەتتىن: فۇرات ۋادىسىدا ئالتۇن كانى بارلىقى ھەققىدە كەڭ ئىلمىي دەلىل يوق. لېكىن دەريا ياتقىسىنىڭ ئاشكارا بولۇشى ۋە قۇرغاقچىلىق ھەدىستىكى «سۇنىڭ چېكىنىشى»نى ھازىرقى ۋاقىتتا كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ «يوشك» (يېقىندا) دېگەن سۆزى بىلەن ماس كېلىدۇ.
### ئۇنىڭدىن ئالماسلىق توغرىسىدىكى ھەدىس
پەيغەمبەر ﷺ ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغان:
> «كىم شۇ ۋاقىتتا بار بولسا، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە ئالماسلىقى كېرەك.»
سەۋەبى: ئۇ چوڭ فىتنە، 99% كىشى ئۆلىدۇ، ھەممە ئادەم «مەنلا قۇتۇلۇپ قالارمەن» دەپ ئويلايدۇ. بۇ بايلىقنى ئېلىش ئىماننى سىنايدۇ ۋە ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلارغا تەۋسىيە: دۇنيا مال-مۈلكىگە بەك چاپلىشىپ قالماسلىق، فىتنەدىن يىراق تۇرۇش.
خۇلاسە: ھەدىسلەر سەھىھ. فۇراتنىڭ تۆۋەنلىشى ھازىر كۆرۈلۈۋاتىدۇ ۋە ئىلمىي جەھەتتىن دەلىللەنگەن. لېكىن ئالتۇن تاغنىڭ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئۇرۇش كېيىنكى بەلگە. پەيغەمبەر ﷺ نىڭ بۇيرۇقى ئېنىق: ئۇنىڭدىن ئالماڭ. بۇ دۇنيا مال-مۈلكىنىڭ ۋاقتىنچە ئىكەنلىكىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
T.me//kalbimga_hitab | 599 |
| 19 | بدون متن... | 704 |
| 20 | ھەي ... تۇرمۇش 💔💔💔
T.me//kalbimga_hitab | 1 |
