مەشئەل قانىلى
رفتن به کانال در Telegram
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار . قانىلىمىزغا (ئاكتىپ ئېنىرگىيە)نى ئاساس قىلغان ئۇسلۇبتا ھەرخىل قول يازمىلار ، ئۆلىمالىرىنىڭ ھېكمەت دۇردانىلىرى ، ھەمدە ئۆزىمىز قېرىنداشلارغا پايدىلىق دەپ قارىغان مەزمۇنلار يوللىنىدۇ . ئاللاھتىن ھىدايەت سورايمىز .!
نمایش بیشترکشور مشخص نشده استدین و مذهبی52 615
1 173
مشترکین
-324 ساعت
-27 روز
+730 روز
آرشیو پست ها
1 170
Repost from ھىدايەت يولى
جىنلاردىن بولغان شەيتانلار باغلانغان بولسىمۇ،
ئادەملەردىن بولغان شەيتانلاردىن ۋە نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر دائىم ئاللاھنىڭ بىزنى مۇھاپىزەت قىلىشىغا موھتاج بولىمىز.
ھىدايەت يولى قانىلىغا مەرھەمەت!
تارقىتىپ ئەجىرگە ئېرىشىڭ!
(أن الدَّالَّ عَلَى الْخَيْرِ كَفَاعِلِهِ) الحديث .
https://t.me/hidayatyoli
1 170
أَيَّامًا مَّعْدُودَاتٍ
(بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر.
سۈرە بەقەرە 184-ئايەت
https://t.me/mashel2021
1 170
فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ
🚫 سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛
سۈرە بەقەرە 185-ئايەت
☑️https://t.me/mashel2021
1 170
✅🔥ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇبارەك ئاي بولغان رامىزان ئىيىغا ساق - سالامەت ھالدا ئۇچراشقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ، ھەمدە ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنى ئەمەل - ئىبادەتكە ھەسسىلەپ ساۋاپ بېرىلىدىغان بۇ مۇبارەك ئايدا سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشقا ۋە ئىزىلىۋاتقان ، ئاجىز مۇسۇلمانلار ھەققىدە ( خاسسەتەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى شۇ مەزلۇملار ھەققىدە) كۆپلەپ دۇئادا بولىشىغا چاقىرىمىز .
ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھتىن بىزلەرنى بۇ ئايدا غاپىل بولغۇچىلاردىن قىلماسلىقىنى ۋە ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز .
🔘https://t.me/mashel2021
1 170
تىلگىرام ئالدىنقى نەشىرى يېڭىلانغاندىن كىيىن بىر تۈركۈم قانال ۋە توپلار ھەتتا شەخسى ھىساۋاتلار توڭلىتىلغان ئىدى. سۈرىيە مەلۇمات بىخەتەرلىك ئورگىنى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، يېڭىلانغان تىلگىرامدا يوچۇق بايقىلىپ شۇ سەۋەپلىك بىر تۈركۈم باش سۈرەتكە قانۇنسىز ۋە سىياسىي تۈسنى ئالغان رەسىم توغىرلىغان قانال ۋە توپلار ۋە شەخسىي ھېساۋاتلارنىڭ توڭلىتىلۋىتىلگەنلىكى ئۇقتۇرغان ئىدى.
تىلگىرامنىڭ تۈنۈگۈنكى يىڭىلىنىشىدا، ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە تېلېگرام 230,000 دىن ئارتۇق قانال ۋە توپلارنى چەكلەپ قويدى 🔴
● ھازىرغىچە چەكلەش سەۋەبلىرى ھەققىدە رەسمىي ئىزاھات يوق ⌛
1 170
⚠️ دىققەت ⚠️
يىقىنقى كۈنلەردە بەزى توپلارغا شەھۋانىي مەزمۇنلۇق ئۇلانمىلار يوللىنىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ يوللىنىپ كىتىش سەۋەبى؛ بەزى ساختا ئىلان تەشۋىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلانمىلارنى بىسىپ سىلىش بىلەن بولىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى. قېرىنداشلارغا ئۆزى نىمە ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلمىگەن ھەرقاندا ئۇلانما ئادرىسىنى بىسىپ سىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمىز.
ئۇلانما بىسىلىپ كەتكەن ھامان تىلگىرامىڭىز ئۇلانما يوللىغۇچى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، تىلگىرامىڭىزدا با بولغان بارلىق توپلارغا توختىماي شەھۋانى مەزمۇن يوللىنىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى : تىلگىرامنى ئۆچۈرۈلگەن ھىساۋات قىلىۋىتىش.
قەدەم باسقۇچلار :
1- تىلگىرامنىڭ ئورگان توربىتىدىن تەمىنلەنگەن ھىساۋات يۇيۇش توربىتىغا كىرىڭ
https://my.telegram.org/auth
2-كىرگۈزۈش رامكىسىغا تىلگىرام ئالغان تىلفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ جەزىملەڭ.
3- نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن تىلگىرامغا ئىنگىلىزچە ھەرپلەر بىلەن يىزىلغان كود كىلىدۇ. شۇ كودنى كىرگۈزۈپ مۇقۇملاشتۇرغاندىن كىيىن تىلگىرام ھىساۋاتىڭىز ئۆچۈرۈلگەن ھىساۋات بولىدۇ.
ھەرقايسى توپلارنى باشقۇرىۋاتقان قېرىنداشلارغا :
توپىڭىزغا ھەر ۋاقىت قاراپ بولامماسلىقىڭىز مۇمكىن، شۇڭلاشقا توپىڭىزغا ، توپقا يوللانغان ھەر قانداق ئۇلانمىلارنى ئاپتۇماتىك يۇيۋىتىدىغان بوتتىن بىرنى قوشۇپ قويۇڭ.
قەدەم باسقۇچلار:
1- @AntiHyperlinkBot.
مەزكۇر بوتنى توپىڭىزغا قوشۇڭ.
2- بوتنى قوشقاندىن كىيىن ، بوتنى باشقۇرغۇچى قىپ قويۇڭ.
شۇ ئارقىلىق سىز توردا بولمىسىڭىزمۇ توپىڭىزغا كەلگەن ھەرقاندا ئۇلانمىلار ئاپتۇماتىك يۇيۇلىدۇ.
⚠️ ئەسكەرتىش
@AntiHyperlinkBot
بۇ بوتنىڭ كىم تەرەپتىن ياسالغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ھازىرقى كاشىلىنى ھەل قىلىشقا بەك مۇۋاپىق، شۇ سەۋەپتىن قېرىنداشلارغا ھەمبەھىرلەپ قويدۇم.
ئاللاھ بارچىمىزنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلسۇن ۋە ھەق ئۈستىدە سابىت قىلسۇن.
ھۆرمەت بىلەن :
@mashel2021
1 170
ئىي دوستۇم ھەر گىمگە بەك كۆپ سۆزلىمە،
ئالدىراپ بىراۋدىن قۇسۇر ئىزدىمە.
ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى زېرەك چاغلىساڭ،
كىشىنىڭ ئەيىبىنى كىشىگە دېمە.
https://t.me/mashel2021
1 170
خورازلار بولسىمۇ ئۇرۇشتا چاققان ،
مىس تىرناق لاچىنغا قاچان جەڭ ئاچقان .
مۈشۈك شىر بولىدۇ چاشقان ئالدىدا ،
لىكىن ئۇ يولۋاسنىڭ ئالدىدا چاشقان .
https://t.me/mashel2021
1 170
⭐#ئەللامە_ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ :
《 ئاللاھ ئىلىمنى قەلبلەرگە زېمىنغا مۇھىم بولغان يامغۇردەك قىلدى .
خۇددىكى زىمىننىڭ ھاياتى يامغۇر بىلەن بولغىنىدەك ، قەلىبلەر پەقەت ئىلىم بىلەن ھايات بولىدۇ . 》
📣 مفتاح دار السعادة ( 168/1 )
🔗https://t.me/mashel2021✅
1 170
ئافغانىستان/
ئەمىرۇلمۇئمىنىين شەيخ ھەيبەتۇللاھ ئاخۇنزادە، ئافغانىستاننىڭ بارلىق ۋالىيلىرىغا قار كۆپ ياغقان رايونلاردىكى قۇشلارنىڭ دان تېپىپ يىيشى ئۈچۈن قار ئۈستىگە ئۇرۇق ۋە يېمەكلىك چېچىپ قۇيۇشنى بۇيرۇدى.
تارىم خەۋەرلىرى
1 170
سەبىر تىپىلغان ۋاقىتتا نۇسرەت كىلىدۇ ، سەبىرسىز نۇسرەت بولمايدۇ . كىمكى قىيىنچىلىق ۋە تىكەنلەر بىلەن تولمىغان داغدام يول ئارقىلىق دىنغا ياردەم بەرمەكچى بولسا ، بۇ مۇمكىن ئەمەس .
#شەيىخ_سۇلايمان_ئۇلۋان
https://t.me/mashel2021
1 170
نە پايدىسى ئۆلگەن چاغدا ئەسلىگەننىڭ ،
ھايات چاغدا قىلتاق قۇرۇپ قەسلىگەننىڭ .
قايسى كەتمەس بۇ جاھاندىن ئەجەل يەتسە ،
بىر-بىرىنىڭ باشلىرىغا دەسسىگەننىڭ.
---R---
@mashel2021
1 170
📝 #ئىبنى_قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ :
دىن ، ئەخلاق ۋە ئەقىل بۇ ئۈچى بولسا ئاللاھ ئۆز بەندىس ھۆرمەتلىك قىلغان ئەڭ كاتتا خىسلەتتۇر .
ئاللاھ بۇ ئۈچ خىسلەت ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى دۈشمەننى قىلدى . ئۇ بولسا :
ھاۋايى - ھەۋەس ، شەيتان ۋە يامانلىققا بۇيرىدىغان نەپىس .
جەڭ بۇلار ئوتتۇرسىدا ئىزچىل ۋە داۋامى بولىدۇ .
﴿ وما النصرُ إلا من عندِ اللهِ العزيز الحكيم ﴾
نۇسرەت پەقەت غالىپ ھېكمەتلىك ئاللاھ تەرەپتىن بولىدۇ.
📔 روضة المحبين (1/12)
•┈┈┈┈• ✎ 🌙 ✐ •┈┈┈┈•
@mashel2021
1 170
سالىھ دەمەشىقىي ئۆز ئوغلىغا مۇنداق دېگەن ئىكەن :
《 ئىي ئوغلۇم ، ئەگەر سەن تولۇق بىر كۈننى ئۆز دىنىڭدا ، جىسمىڭدا ، مىلىڭدا ۋە ئەھلى باللىرىڭ ئىچىدە ساق - سالامەت ئۆتكۈزگەن بولساڭ . ئۇنداقتا ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ - سانا ئېيتقىن .
چۈنكى شۇ كۈندە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دىنىدىن ئايرىلغان ، مال - مۈلىكى تارتىۋىلىنغان ، ئىپپەت نۇمۇسى دەپسەندە قىلىنغان . ۋالبۇكى سەن خاتىرجەلىك ئىچىدە
@mashel2021
1 170
📝 #فۇزەيىل ئىبنى ئىياز - رەھىمەھۇللاھ - بىر كىشىدىن سورىدى:
- قانچە ياشقا كىردىڭ؟
- ئاتمىشقا.
- ئاتمىش يىلدىن بېرى رەببىڭنىڭ دەرگاھىغا كېتىۋىتىپسەن، يېتىپ بېرىشقىمۇ كۆپ قالماپتۇ.
- «《إنا لله و إنا إليه راجعون 》بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.
- بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى بىلەمسەن؟
- شۇنداق. بىلىمەن، مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچى.
- قېرىندىشىم! كىم ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلسە، بىلىپ قويسۇنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ. كىمىكى ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەلتۈرۈلىدىغىنىنى بىلسە، بىلىپ قويسۇنكى ئۇ قىلغان – ئەتكەنلىرىدىن سورىلىدۇ. كىمىكى ئۆزىنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىدىن سورىلىدىغانلىقىنى بىلسە، سوئاللارغا جاۋاپ تېپىپ قويسۇن.
ھېلىقى كىشى يېغلامسىراپ ئېيتتى:
- بۇنىڭ چارىسى بارمۇ؟
فۇزەيىل ئىبنى ئىياز :
- بۇ بەك ئاسان. ئۆمرۈڭنىڭ قالغان قىسمىنى ياخشى قىلساڭلا بولدى. ئاللاھ ئىلگىرى قىلغان ئەتكەنلىرىڭنى كەچۈرۈۋېتىدۇ. ئەگەر قېلىپ قالغان ئۆمرۈڭنىمۇ زايە قىلۋەتسەڭ، بۇندىن ئىلگىرى قىلغان ئەتكەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىدىن قوشۇپ سورىلىسەن.
•┈┈┈┈• ✎ 🌙 ✐ •┈┈┈┈•
@mashel2021
1 170
ھاماس قەسسام بىرگادىسىنىڭ باياناتچىسى #ئەبۇ_ئۇبەيدىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

