ئۇستاز مۇھەممەد قانىلى
رفتن به کانال در Telegram
بۇ قانالغا ئۇستاز مۇھەممەد (تۇبا داموللام)نىڭ دەۋەت ۋە دەرسلىرى يوللىنىدۇ. «ئۇستاز مۇھەممەد قانىلى»مىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى، «ئۇستاز مۇھەممەد دەرىسلىكلىرى» نامدىكى قانىلىمىز تۇيۇقسىز يۇيۇۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىڭى قانالنى ئاچتۇق.
نمایش بیشترکشور مشخص نشده استدسته بندی مشخص نشده است
1 578
مشترکین
اطلاعاتی وجود ندارد24 ساعت
اطلاعاتی وجود ندارد7 روز
اطلاعاتی وجود ندارد30 روز
آرشیو پست ها
🎧 ساڭا گەپ توشۇغان كىشى سېنىڭ گىپىڭنىمۇ باشقىلارغا توشۇيدۇ
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 8:50
💾 سىغىمى 12.2
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ھىجرىيە 32- يىلى ۋاپات بولغان) دىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلىدىغان بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار، دۇنيا سىلەرگە ئەرزىمەس بولۇپ كۆرۈنۈپ، ئاخىرەتنى تاللىغان بولاتتىڭلار».
ئاندىن ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلىدىغان بولساڭلار، ئېگىز دۆڭلەرگە چىقىپ، ئۆزۈڭلارغا يىغلاپ، پەرياد چەككەن بولاتتىڭلار؛ مال-مۈلكۈڭلارنى مۇھاپىزەتسىز قالدۇرۇپ كېتىپ، پەقەت قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان زۆرۈر ئېھتىياجىڭلاردىن باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەسلا قايتىپ كەلمەيتتىڭلار. لېكىن قەلبىڭلاردىن ئاخىرەتنى ئەسلەش يوقۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئىگەللىدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا سىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىڭلار بولۇپ قالدى. سىلەر ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان كىشىلەردەك بولۇپ قالدىڭلار، ھەتتا بەزىلىرىڭلار ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايدىغان ھايۋانلاردىمۇ بەتتەر ھالغا چۈشۈپ قالدىڭلار.
سىلەرگە نېمە بولدىكى، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمەيسىلەر؟ ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۆزئارا قېرىنداش بولۇپ تۇرۇپ بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت قىلمايسىلەر! سىلەرنى ئىچكى دۇنيارىڭلاردىكى ناچارلىق بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىۋەتتى. ئەگەر ياخشىلىق ئۈستىدە جەملەشكەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەن بولاتتىڭلار.
سىلەرگە نېمە بولدىكى، دۇنيا ئىشلىرىدا بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت قىلىشىسىلەر-يۇ، ئەمما ئاخىرەت ئىشلىرىدا بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت قىلمايسىلەر؟! سىلەرنىڭ بىرىڭلار ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەت ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشى كېرەك ئىدى، بۇنداق قىلماسلىقىڭلار پەقەت قەلبىڭلاردىكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىندۇر. ئەگەر سىلەر خۇددى دۇنياغا ئىشەنگەن كەبى ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى ۋە يامانلىقىغا ھەقىقىي ۋە چىن ئىشەنگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاخىرەتنى تاللىغان بولاتتىڭلار. چۈنكى ئاخىرەت سىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەمىلىڭلار ئىدى.
سىلەرگە نېمە بولدىكى، دۇنيانىڭ ئازغىنە بىر نېئمىتىگە ئېرىشسەڭلار خۇشال بولىسىلەر، ئازغىنە بىر نېئمىتىنى يوقىتىپ قويساڭلار قايغۇرىسىلەر! ھەتتا بۇ ئەھۋال چىرايىڭلاردىن بىلىنىپ تۇرىدۇ، تىلىڭلاردا ئاشكارا بولىدۇ، سىلەر ئۇنى مۇسىبەت دەپ ئاتايسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىسىلەر. ھالـبۇكى، ئاراڭلاردىكى كۆپىنچە كىشىلەر دىنىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ۋاز كەچتى، ئەمما بۇ نە چىرايىڭلاردىن بىلىنمەيدۇ، نە تىلىڭلاردا سۆزلەنمەيدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئەھۋالىڭلاردا بىرەر ئۆزگىرىشمۇ بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، مەن ﷲنىڭ سىلەردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمەن».
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
🎧 ھەقىقى دوستلۇقنىڭ ئەمەلى نامايەندىسى قانداق بولىدۇ؟
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 10:55
💾 سىغىمى 15.0
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَفَأَمِنَ الَّذِينَ مَكَرُوا السَّيِّئَاتِ أَنْ يَخْسِفَ اللَّهُ بِهِمُ الْأَرْضَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ۞ أَوْ يَأْخُذَهُمْ فِي تَقَلُّبِهِمْ فَمَا هُمْ بِمُعْجِزِينَ۞ أَوْ يَأْخُذَهُمْ عَلَى تَخَوُّفٍ فَإِنَّ رَبَّكُمْ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ۞ أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى مَا خَلَقَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ يَتَفَيَّأُ ظِلَالُهُ عَنِ الْيَمِينِ وَالشَّمَائِلِ سُجَّدًا لِلَّهِ وَهُمْ دَاخِرُونَ۞ وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ دَابَّةٍ وَالْمَلَائِكَةُ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ۞ يَخَافُونَ رَبَّهُمْ مِنْ فَوْقِهِمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ﴾ «ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ يامان ئىش قىلغانلار ﷲ نىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟ [45]. ياكى ئۆزلىرىنى سەپەر ئۈستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا يولۇقتۇرۇشىدىن قورقمامدۇ؟ (بۇ چاغدا) ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ [46]. ياكى (ﷲ نىڭ) ئۆزلىرىنى قەدەممۇقەدەم جازالىشىدىن قورقمامدۇ؟ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەلۋەتتە مەرھەمەتلىكتۇر، مېھرىباندۇر (شۇڭا سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىدى [47]. ئۇلار ﷲ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرىنىڭ بويسۇنغان ھالدا ﷲ قا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ [48]. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ﷲ قا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار (ﷲ قا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ [49]. ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ». سۈرە نەھل: 44- ئايەتتىن 50- ئايەتكىچە.
ﷲ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَخُلِقَ الْإِنْسَانُ ضَعِيفًا﴾ «ئىنسان (نەپسى خاھىشىغا خىلاپلىق قىلىشتىن) ئاجىز يارىتىلدى»سۈرە نىسا: 28-ئايەت.
ﷲ تائالا ھەقىقەتەنمۇ راست ئىيتقان؛ ئىنسان بۈگۈنكى كۈندە قانچىلىك تەرەققىيات، تېخنىكا، سۈنئىي ئىدراك، بىناكارلىق ۋە راكېتالارغا ئېرىشكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ﷲ تائالانىڭ قۇدرىتى ئالدىدا يەنىلا ناھايىتى ئاجىزدۇر. ئۇ بىرەر يەر تەۋرەشنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ، (پاجىئەلىك) سۇ ئاپىتىنى توختىتالمايدۇ ۋە تەقدىرنى قايتۇرالمايدۇ.
نىپالدا يۈز بەرگەن بۇ ئاپەت بىزگە ئىبرەتتۇر... ئۆيلەر بىر قانچە سېكۇنت ئىچىدىلا ۋەيران بولدى، ئىنسان بولسا ھېچقانداق چارە-ئامالسىز، قۇدرەتسىز بىر چۈمۈلىگە ئوخشاش بولۇپ قالدى. بۇ كۆرۈنۈش سىزگە ﷲ نىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئورنىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ جەرياندا ﷲ تائالانىڭ: ﴿فَكُلًّا أَخَذْنَا بِذَنْبِهِ فَمِنْهُمْ مَنْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِ حَاصِبًا وَمِنْهُمْ مَنْ أَخَذَتْهُ الصَّيْحَةُ وَمِنْهُمْ مَنْ خَسَفْنَا بِهِ الْأَرْضَ وَمِنْهُمْ مَنْ أَغْرَقْنَا وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ﴾ «(بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال ـ مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ﷲ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى» سۈرە ئەنكەبۇت 40- ئايەت. دېگەن سۆزى ۋە يەنە ﷲ تائالانىڭ: ﴿وَمَا نُرْسِلُ بِالْآيَاتِ إِلَّا تَخْوِيفًا﴾ «بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت (بەندىلەرنى) قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز» دېگەن سۆزى يادىمغا كەلدى. سۈرە ئەنكەبۇت 59- ئايەت.
بۇ- ھەممىمىزگە يەتكۈزۈلگەن بىر ئۇچۇردۇر. ئىنسان قانچىلىك ھەددىدىن ئېشىپ، تەكەببۇرلىشىپ، بۇ دۇنيانى ئۆزىنىڭ دەپ ئويلىسۇن، ئۇ يەنىلا ئاجىزدۇر ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە موھتاجدۇر.
ئى ئاللاھ! بىزنى گۇناھلىرىمىز سەۋەبلىك جازالىمىغىن!
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
🎧 ئىنساننىڭ ئۆيىدە ھەقكە ياردەم بىرىدىغان كىشىلەرنىڭ تېپىلىشى بۇ ئىنسان ئۈچۈن نېئمەتتۇر
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 7:46
💾 سىغىمى 10.7
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
🎧 بەزى ئىشلارغا پاراسەت كۆزى بىلەن قاراشنىڭ ئەھمىيىتى
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 6:46
💾 سىغىمى 9.3
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر (ھىجرىيە 158- يىلى ۋاپات بولغان) ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھقا: «مەن سىزنىڭ بۇ كىتابلىرىڭىزنى بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرۈپ، ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىر شەھرىگە بىر نۇسخىدىن ئەۋەتىپ، ئۇلارنى مۇشۇ كىتابتىن باشقىغا چىقىپ كەتمەي ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇماقچى بولۇۋاتىمەن. چۈنكى مەن مەدىنە ئاھالىسىنىڭ نەقىللىرى ۋە ئەمەللىرىنى ئىلىمنىڭ ئەسلى مەنبەسى دەپ قارايمەن» دېگەندە، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ ئۇنىڭغا: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۇنداق قىلماڭ. چۈنكى كىشىلەر تۈرلۈك قاراشلارنى، ھەدىس ۋە نەقىللەرنى ئاڭلاپ، ھەربىر قەۋم ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىلىمگە ئاساسەن ئەمەل قىلغان، پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ساھابىلىرىدىن ۋە باشقىلاردىن كەلگەن ئوخشىمىغان قاراشلارغا بويسۇنغان. كىشىلەرنى ئۆز ئېتىقادىدىن ياندۇرۇش بەسىي مۈشكۈل ئىشتۇر. شۇڭلاشقا كىشىلەرنى ئۆز ھالىغا ۋە ھەربىر يۇرت ئاھالىسىنى ئۆزلىرى تاللىغان ئىش ئۈستىدە قويۇپ قويۇڭ» دېدى. ئاندىن ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر: «ئەگەر سىز مېنىڭ پىكرىمگە قوشۇلغان بولسىڭىز، مەن كىشىلەرنى شۇنىڭغا بۇيرۇغان بولاتتىم» دېدى.
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ئىبنى قەييىم جەۋزى رەھىمەھۇللاھ (ھىجرىيە 751- يىلى ۋاپات بولغان) مۇنداق دېگەن: «قەلبىڭ ﷲ بۇيرۇغان ئىشلارغا باغلانسۇنكى، ﷲ ئۆزى كېپىل بولغان ئىشلاردىن غەم قىلىپ كەتمە. رىزىق بىلەن ئۆمۈر بىر-بىرىگە چېتىشلىق كاپالەتلەندۈرۈلگەن ئىش بولۇپ، ئۆمۈر مەۋجۇدلا بولىدىكەن، رىزىق كېلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ﷲ ئۆز ھېكمىتى بىلەن سېنىڭ بىر يولۇڭنى ئېتىپ قويسا، مېھرىبانلىقى بىلەن ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەتلىك باشقا بىر يولنى ئېچىپ بېرىدۇ.
ھامىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىنىپ بېقىڭ! ئۇنىڭ ئوزۇقى پەقەت بىرلا يولدىن ـــ يەنى كىندىك ئارقىلىق ـــ كېلىدىغان قاندىنلا ئىبارەت. ئۇ ئانىنىڭ قورسىقىدىن چىقىپ دۇنياغا كۆز ئاچقاندا، ئاشۇ يول ئۈزۈلىدۇ-دە، ﷲ ئۇنىڭغا ئىككى يولنى (كۆكرەكنى) ئېچىپ، ئىلگىرىكىدىنمۇ لەززەتلىك، ھەم سىڭىشلىك بولغان ساپ سۈتنى رىزىق قىلىپ بېرىدۇ.
ئېمىش مۇددىتى توشۇپ سۈتتىن ئايرىلغاندا، ئاشۇ ئىككى يول ئۈزۈلىدۇ-دە، ﷲ ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەل بولغان تۆت يولنى ئېچىپ بېرىدۇ: بۇنىڭ ئىككىسى يېمەكلىك، ئىككىسى ئىچىملىكتۇر. يېمەكلىكلەر ـــ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن، ئىچىملىكلەر ـــ سۇ ۋە سۈتلەردىن ھەمدە ئۇلارغا قوشۇلىدىغان مەنپەئەتلىك ۋە شېرىن نەرسىلەردىن ئىبارەتتۇر.
ئەگەر ئۇ ۋاپات بولۇپ، بۇ تۆت يولمۇ ئۈزۈلگەندە، ئەگەر ئۇ سائادەتمەن بەندىلەردىن بولۇپ قالسا، ﷲ تائالا ئۇنىڭغا سەككىز يولنى ـــ يەنى جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ، ئۇ خالىغان دەرۋازىدىن كىرىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇلۇغ ﷲ مۇئمىن بەندىسىدىن دۇنيالىق بىرەر نەرسىنى توسۇپ قويسا، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل ۋە مەنپەئەتلىك بولغىنىنى مەرھەمەت قىلىدۇ. بۇ پەقەت مۇئمىنگىلا خاستۇر. ﷲ تائالا مۇئمىنگە ئەڭ ئالىي ۋە قىممەتلىك نېسىۋىلەرنى بېرىش ئۈچۈن تۆۋەن ۋە ناچار بولغان نېسىۋىنى ئۇنىڭدىن توسۇپ قويىدۇ ۋە بۇنداق تۆۋەن نېسىۋىگە رازى بولمايدۇ.
بەندە ئۆزىگە نېمىنىڭ مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى، پەرۋەردىگارىنىڭ كەرىملىكى، ھېكمىتى ۋە مېھرىبانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىدىن توسۇپ قېلىنغان نەرسە بىلەن ساقلاپ قويۇلغان نەرسىنىڭ پەرقنى بىلەلمەيدۇ. بەلكى ئۇ گەرچە تۆۋەن نەرسە بولسىمۇ، كۆز ئالدىدىكى نەرسىگە ھېرىسمەن كېلىدۇ؛ يۇقىرى ۋە ئالىي بولسىمۇ، كېلەچەكتىكى نەرسىگە قىزىقىشى ئاز بولىدۇ.
ئەگەر بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئادىل بولۇپ، بۇنى ئاڭقىرىپ يەتكەن بولسا، ﷲنىڭ ئۇنىڭدىن دۇنيا ۋە ئۇنىڭ لەززەتلىرىنى توسۇپ قېلىشىدىكى پەزلى-ئېھسانىنىڭ، ئاتا قىلغان باشقا نېئمەتلىرىدىنمۇ كۆپ ۋە كاتتا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولار ئىدى. ﷲ تائالانىڭ توسۇپ قويۇشى (ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى) بېرىش ئۈچۈن، ئىمتىھان قىلىشى پەقەت پاكلاش ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈشى پەقەت تىرىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
ﷲ تائالانىڭ ئىنساننى بۇ دۇنياغا كەلتۈرۈشى پەقەت ﷲنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىشى، ﷲ تەرەپكە يەتكۈزىدىغان ھەق يولغا مېڭىشى ئۈچۈندۇر».
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ئەھمەد ئىبنى ھەرب رەھىمەھۇللاھ (ھىجرىيە 134- يىلى ۋاپات بولغان) مۇنداق دېگەن: «مەن ئاللاھقا 50 يىل ئىبادەت قىلدىم، تاكى ئۈچ نەرسىنى تەرك ئەتمىگۈچە ئىبادەتنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلالمىدىم:
بىرىنچى، ئادەملەرنى رازى قىلىشنى تەرك ئەتتىم، ئاندىن ھەقنى سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇم.
ئىككىنچى، پاسىقلار بىلەن ھەمراھ بولۇشنى تەرك ئەتتىم، ئاندىن ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرى بىلەن ھەمراھ بولۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم.
ئۈچىنچى، دۇنيانىڭ ھالاۋىتىنى تەرك ئەتتىم، ئاندىن ئاخىرەتنىڭ ھالاۋىتىنى تاپتىم».
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ (ھىجرىيە 241- يىلى ۋاپات بولغان) مۇنداق دېگەن: «نامىزىنى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ئادا قىلغان بىر كىشى، نامىزىنى تولۇق ئادا قىلماي زايە قىلغان ۋە نامازنىڭ (تەرتىپلىرىدە) ئىمامنىڭ (ئالدىغا) ئۆتۈپ كەتكەن كىشىنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلسا، ئۇنىڭغا نامازدىكى خاتالىقىنى ۋە (تەرتىپتە) ئىمامنىڭ (ئالدىغا) ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويمىسا، ئۇ كىشىنى توسمىسا ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلمىسا، بۇ چاغدا نامازنى ياخشى ۋە تولۇق ئوقۇغان كىشى نامازنى جايىدا ئادا قىلمىغان كىشىنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولىدۇ. چۈنكى نامازنى ياخشى ۋە تولۇق ئوقۇغان ئادەم ئۇ كىشىنى توسمىدى ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلمىدى.
بىلال ئىبنى سەئد رەھىمەھۇللاھتىن نەقىل قىلىنغان بىر ئەسەردە ئۇ مۇنداق دېگەن: «گۇناھ-مەئسىيەت يوشۇرۇن قىلىنسا، ئۇنىڭ زىيىنى پەقەت قىلغۇچىغىلا بولىدۇ؛ ئەگەر گۇناھ-مەئسىيەت ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقسا ۋە ئۇ ئۆزگەرتىلمىسە، ئۇنىڭ زىيىنى پۈتۈن ئاممىغا بولىدۇ. چۈنكى ئامما گۇناھ-مەئسىيەتنى ئاشكارا قىلغان كىشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئۆزلىرىگە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى تەرك ئەتكەن.
پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دېگەن: «بىلىمسىز كىشىگە (ئىلىم) ئۆگەتمىگەن ئالىمنىڭ ھالىغا ۋاي!»
شۇڭا، بىلىمسىز كىشىگە ئىلىم ئۆگىتىش ئالىم كىشىگە بەلگىلەنگەن پەرز بولۇپ، ئىختىيارىي قىلىدىغان نەپلە ئىش ئەمەس. ناۋادا بۇ نەپلە ئىش بولغان بولسا ئىدى، ئالىم كىشىنىڭ ئىلىم ئۆگەتمەي سۈكۈتتە تۇرغانلىقىغا قارىتا «ھالىغا ۋاي!» دېيىلمىگەن بولاتتى. ئاللاھ تائالا نەپلە ئىشنى تەرك ئەتكەن كىشىنى جازالىمايدۇ، بەلكى پەرزنى تەرك ئەتكەن كىشىنى جازالايدۇ. دېمەك، بىلىمسىز كىشىگە ئىلىم ئۆگىتىش پەرزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىم كىشىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىغا ۋە ئىلىم ئۆگىتىشنى تەرك ئېتىشىگە جازا بەلگىلەنگەن.
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
🎧 باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئەيىب سانالمايدۇ
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 10:11
💾 سىغىمى 14.0
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپات بولغان ۋاقىت: 101 ھىجرىيە) «ئەڭ ئەۋزەل جىھاد قايسى؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ: «نەپسى-خاھىشىڭغا قارشى كۈرەش قىلىشىڭدۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ھەق نەپسى-خاھىشىغا توغرا كەلگەندە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان، نەپسى-خاھىشىغا خىلاپ كەلگەندە ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغان كىشىلەردىن بولمىغىن. ئەگەر شۇنداق كىشىلەردىن بولۇپ قالساڭ، ئەگەشكەن ھەقكە قارىتا ساۋابقا ئېرىشەلمەستىن، ھەقكە قارشى چىققانلىقىڭ ئۈچۈن جازالىنىسەن».
ئەبۇ ھازىم رەھىمەھۇللاھ (ۋاپات بولغان ۋاقىت: 140 ھىجرىيە) مۇنداق دېگەن: «نەپسى-خاھىشىڭغا دۈشمىنىڭگە جەڭ قىلغاندىنمۇ بەكرەك جەڭ قىلغىن».
ئۇ يەنە: «ئىككى خىل ئىش بار بولۇپ، ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساڭ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشىسەن، سۆزۈمنى بەك ئۇزارتىۋەتمەي» دېدى. ئۇنىڭدىن: «ئۇ ئىككىسى قايسى ئىش؟» دەپ سورالغانىدى. ئۇ: «ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى، گەرچە سەن ياقتۇرمىساڭمۇ ئۇنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭ؛ ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشنى، گەرچە سەن ياخشى كۆرسەڭمۇ ئۇنى يامان كۆرۈشۈڭدۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن.
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
سەلەف-سالىھلار ئىلىم بىلەن ئەمەلنى تەڭ ئېلىپ باراتتى. ناۋادا ئۇلار بىرەر ياخشىلىقنى بىلسە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلاتتى؛ بىرەر ھەقنى ئاڭلىسا، ئۇنى تەتبىقلايتتى؛ بىرەر سۆزنى قىلسا، ئۇنى ئىجرا قىلاتتى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَبَشِّرْ عِبَادِ۞ الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ أُولَئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ وَأُولَئِكَ هُمْ أُولُو الْأَلْبَابِ﴾ «سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار الله ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر» سۈرە زۈمەر 17- 18- ئايەت.
ئەبۇ ئابدۇراھمان ئەسسۇلەمىي رەھىمەھۇللاھ (ۋاپات بولغان ۋاقىت: 74 ھىجرىيە) مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ساھابىلىرىدىن بىزگە قۇرئان ئۆگەتكەنلەر سۆزلەپ بەردىكى، ئۇلار پەيغەمبەر ﷺ دىن ئون ئايەتنى ئۆگەنگەندە، ئۇ ئون ئايەتتىكى ئىلىم ۋە ئەمەلنى تولۇق بىلىپ بولمىغىچە كېيىنكى ئون ئايەتكە ئۆتمەيتتى. ئۇلار مۇنداق دېگەن: شۇنداق قىلىپ بىز ئىلىم بىلەن ئەمەلنى بىللە ئۆگەندۇق.
بۇ- ساھابىلەر ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەن تابىئىنلار ماڭغان توغرا يولدۇر، ئۇلار ئىلىم بىلەن ئەمەلنى بىر بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئىككى ئىش دەپ قارايتتى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ۋاپات بولغان ۋاقىت: 32 ھىجرىيە) مۇنداق دېگەن: «ئىلىم ئۆگىنىڭلار، ئەگەر ئۆگەنگەن بولساڭلار ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار».
سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ (ۋاپات بولغان ۋاقىت: 161 ھىجرىيە) مۇنداق دېگەن: «ماڭا پەيغەمبەر ﷺ دىن بىرەر ھەدىس يەتكەن بولسا، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا بىر قېتىم بولسىمۇ ئەمەل قىلماي قويمىدىم».
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ (ۋاپات بولغان ۋاقىت: 795 ھىجرىيە) مۇنداق دېگەن: «يەر يۈزىدە ئىلىم مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، ئىنسانلار ھىدايەت ئۈستىدە بولىدۇ. ئىلىمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئىلىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشىلەرگە باغلىقتۇر. ئەگەر ئىلىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشىلەر كىتىپ قالسا، ئىنسانلار ئازغۇنلۇق ئىچىدە قالىدۇ».
ئىبنى ھەزىم ئەلئەندەلۇسىي رەھىمەھۇللاھ (ۋاپات بولغان ۋاقىت: 456 ھىجرىيە) مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىلىمنى نەقىل قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئىنسانلارغا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۆگىتىپ تۇرىدىغان ئالىملار بولمىغان بولسا ئىدى، ئىسلام پۈتۈنلەي يوقالغان بولاتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار "پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى" دەپ ئاتالغان».
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
🎧 ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ شەرىئەت تېكىستلىرىگە تۇتقان يولى
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 8:57
💾 سىغىمى 12.3
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ھەمدۇن ئەلقەسسار (ۋاپات بولغان ۋاقت 271 ھىجرىيە) رەھىمەھۇللاھتىن سەلەفلەرنىڭ سۆزلىرى نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ سۆزىمىزدىن بەكرەك مەنپەئەتلىك؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: <<چۈنكى ئۇلار ئىسلامنڭ ئىززىتى، نەپسىلەرنى (ئازاپتىن) قۇتقۇزۇش ۋە راھمان تائالانى رازى قىلىش ئۈچۈن سۆز قىلغان.
(ئەمما) بىز بولساق نەپسىمىزنىڭ ئىززىتى، دۇنيا تەلەپ قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ قوبۇللىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سۆز قىلىمىز>> دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئىمام ئەۋزائى (ۋاپات بولغان ۋاقىت 157 ھىجرىيە) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: <<گەرچە ئىنسانلار سەندىن يۈز ئۆرىسىمۇ سەلەفلەرنىڭ ئىش_ئىزلىرىنى لازىم تۇتقىن! كىشىلەر سۆزلىرىنى چىرايلىق بىزەپ كۆرسەتسىمۇ ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىدىن يىراق تۇرغىن! شۇنداق بولغاندا ئىش ئايدىڭلىشىدۇ ۋە سەن توغرا يول ئۈستىدە بولغان بولىسەن>>.
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
🎧 ياخشىلىققا ئاچقۇچ، يامانلىققا قۇلۇپ بولۇشنىڭ پەزىلىتى
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 7:35
💾 سىغىمى 10.4
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ
«ئۇستاز مۇھەممەد قانىلى»مىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى، «ئۇستاز مۇھەممەد دەرىسلىكلىرى» نامدىكى قانىلىمىز تۇيۇقسىز يۇيۇۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىڭى قانالنى ئاچتۇق.
بۇ قانالغا ئۇستاز مۇھەممەد (تۇبا داموللام) نىڭ دەرس _دەۋەتلىرى ۋە باشقا پايدىلىق بولغان مەزمۇنلار يوللىنىپ تۇرىدۇ.
قىرىنداشلارنىڭ قانىلىمىزدىن پايدىلىنىپ قىلىشنى ۋە باشقىلارغا تارقىتىپ قويۇشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
رەسۇلۇللاھ (صلى الله عليه وسلم) مۇنداق دەيدۇ : «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى باشقىلارغا ئەڭ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزگەنلەردۇر» .
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
🎧 دىلى سۇنۇق كىشىلەرگە ياردەم بىرىشنىڭ پەزىلىتى.
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 9.07
💾 سىغىمى 12.5
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
🎧 ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ياخشى ئۈلگىدۇر.
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 13:01
💾 سىغىمى 17.9
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
