cookie

Utilizamos cookies para mejorar tu experiencia de navegación. Al hacer clic en "Aceptar todo", aceptas el uso de cookies.

avatar

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻 تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

Mostrar más
El país no está especificadoUigur20Religión y espiritualidad67 898
Publicaciones publicitarias
1 086
Suscriptores
-1824 horas
-167 días
-2030 días

Carga de datos en curso...

Tasa de crecimiento de suscriptores

Carga de datos en curso...

ساۋابتا ئوخشاش بولىسىز ئەبى سەئىد ئەلخۇدۇرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى ، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بەنى لىھيان قەبىلىسىنى پەتىھ قىلىش ئۈچۈن ئەسكىرى قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ قوشۇنغا مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ:« ھەر ئىككى كىشىدىن بىرىڭلار جىھادقا چىقسۇن يەنە بىرى قىلىپ قالسۇن! ئىككىڭلارغا بېرىلىدىغان ساۋاب ئوخشاشتۇر». يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېدى :« ھەر ئىككى كىشىدىن بىر كىشى چىقسۇن » ئاندىن قىلىپ قالغان كىشى ئۈچۈن مۇنداق تەۋسىيە قىلدى: «سىلەرنىڭ قايسىڭلار جىھادقا چىققۇچىنىڭ ئائىلىسى ۋە مال دۇنيالىرىدا ياخشىلىق بىلەن ئورۇن باسار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن چىققۇچىنىڭ ئەجىرىنىڭ يېرىمى بولىدۇ» مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ھەدىس مۇسۇلمانلارغا نۇرغۇنلىغان ياخشىلىق ۋە ئىبادەتنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىرىنچى: مۇسۇلمانلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان جىھاد، ئىلىم ئوقۇش، ياكى ئۇنى تارقىتىش، دىننى يېيىش، قوغداش، زالىمغا قارشى تۇرۇش، ئەزىز ۋەتەننى ئازاد قىلىش دېگەندەك مەنپەئەتى پۈتۈن ئىنسانلارغا بولىدىغان ئىشلاردا ئۇلارنى قوللاش، ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئەجىر -ساۋابقا شېرىك بولۇشنىڭ يولى ئىكەنلىكى. ئىككىنچى: ياخشى ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە بىربرىنى قوللاشنىڭ زۇرۇرلىكى. ئۈچىنچى: مۇجاھىدلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ،مال-دۇنيالىرىغا ياخشى نىيەت بىلەن ئىگە بولۇش، ئۇلارنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىش، غېرىب-مىسكىن تاشلاپ قويماسلىق، ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن كۆڭۈل بولگەندەك، بولسا ئۇنىڭدىن بەكرەك كۆڭۈل بولۇش مۇجاھىدقا ئەجىرىدە شېرىك بولۇشتۇر. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « ياخشىلىق بىلەن» دېگەن سۆزنىڭ تېگىدە كۆپ مەزمۇنلار يوشۇرۇنغاندۇر. ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق، ئاتالمىش« يېتىم ۋە تۇل-ئاياللارغا ئىگە بولۇش» نامى بىلەن ئۇلارنى پۇل تېپىشنىڭ دەسمايىسى قىلماسلىق، ياكى،ئۆزىنىڭ ياخشى نام-ئاتىقىنى ياخشىلاش، ياكى سىياسىي دەسمايە قىلماسلىق، ياكى، ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى ئېلىش كويىدا بولماسلىق دېگەندەك ئىشلار مەقسەت قىلىنغاندۇر. تۆتىنچى: مۇجاھىد ۋە شۇلارغا ئوخشاش دىننىڭ خىزمىتىنى قىلغانلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى،نام-ئېتىبارىنى قوغداشنىڭ زۇرۇرلىكى،چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ خەلقى ۋە دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ياشىغان ئىكەن، خەلق ئۇلارنىڭ ئېتىبارىنى قوغدىشى لازىمدۇر. بەشىنچى: كىشىلەر پەرقلىق ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ ئەمما بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقان بولسا شۇ ئىشنىڭ ئەجىر -مۇكاپاتى، ياكى گۇناھىدا ھەممىسى ئوخشاشتۇر. نىدا دەۋەت مەركىزى https://t.me/dawatlar99
Mostrar todo...
🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻 تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

👍 1
راھىبلار چىرايلىق ياسىنىشنىڭ ئىبادەت قىلىشقا زىيىنى بار دەپ ئويلاپ، ئاق چاچنى بوياپ ئۆزگەرتمەيتتى، لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە، مۇستەقىل بىر خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، تاشقى كۆرۈنۈشتىمۇ كافىرلارغا ئوخشاپ قالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان.(1) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «يەھۇدى، خرىستىئانلار بويىمايدۇ، سىلەر بوياڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(2) چاچ – ساقالنى بوياش مەسىلىسىدە ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ئۈچ ئورۇن بار: بىرى، جىھاد ۋە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قارا قىلىپ بوياشقا بولىدىغانلىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. بۇنىڭ سەۋەبى دۈشمەننى قورقۇتۇش، مۇسۇلمانلارنى كۈچلۈك كۆرسىتىشتۇر.(3) يەنە بىرى، توي قىلىش ئالدىدا ئۆزىنى ياش كۆرسىتىپ باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن، قارا قىلىپ بوياشنىڭ ھاراملىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.(4) بىرەر مەنسەپ ئۈچۈن ئۆزىنى سالاپەتلىك ياكى مويسىپىت كۆرسىتىش ئۈچۈن چېچىنى ئاق بويىۋېلىشمۇ، ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن چېچىنى بويىۋالغانلار توي قىلماقچى بولغىنىدا، چېچىنىڭ رەڭگىنىڭ تەبىئىي ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ قويۇشى لازىم. ھەدىستە: «كىمكى بىزنى ئالدايدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دەپ كەلگەن.(5) ئۈچىنچىسى: چاچنى سېرىق رەڭدە، ياكى خېنىدە، ياكى كەتەم (قارا بىلەن قىزىل ئارىلىقىدا رەڭ چىقىدىغان ئۆسۈملۈك) دە بوياشقا بولىدىغانلىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.(6) يەنە، چاچنى كافىرلارنى، بۇزۇقلارنى دوراپ، شۇلارغا ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن ئادەمگەرچىلىككە تاقىشىدىغان، چاكىنا رەڭلەردە غەلىتە بويىۋېلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىدىمۇ، ئالىملاردا باشقىچە قاراش يوق. چۈنكى، ھەدىستە: «كىمكى بىر قەۋمگە ئەتەي ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلاردىندۇر» دېيىلگەن... https://sajiya.biz https://t.me/dawatlar99
Mostrar todo...
🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻 تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

👍 3
پەرزەنتىڭىز كۆرەلەمدۇ؟؟؟ 1: سىزنىڭ ئەتتىگەن ۋە كەچلىك زىكىر ئوقۇغۇنىڭىزنى پەرزەنتىڭىز كۆرەلەمدۇ؟؟؟ 2: ئىككى ئۈچ كۈندە بولسىمۇ بىر ئولتۇرۇپ بىر پارە قۇرئاننى ئۇقۇغۇنىڭىزنى پەرزەنتىڭىز كۆرەلەمدۇ؟؟ 3: سەھەردە بامداتتىن بۇرۇن قوپۇپ ناماز ئوقۇپ يىغلاپ تۇرۇپ ئاللاھتىن ئۆزىڭىزنى ۋە پەرزەنتىڭىزنى دەۋزاختىن ساقلىشنى تىلىگەنلىكىڭىزنى پەرزەنتىڭىز كۆرەلەمدۇ؟؟؟ 4: پەرزەنتىڭىزنىڭ سالىھ بولۇشنى ئاللاھتىن يىغلاپ تۇرۇپ سورىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىيالامدۇ؟؟؟ 5: پەرىز نامازدىن باشقا نەپلە ناماز ئۆتىگىنىڭىزنى پەرزەنتىڭىز كۆرەلەمدۇ؟؟؟ پەرزەنتىڭىز بۇنى كۆرەلمىگەن بولسا ئاسماندىكى ئاينى قولىغا ئېلىپ بەرسىڭىزمۇ ئۇ يەنىلا بەخىتسىزدۇر... https://t.me/dawatlar99
Mostrar todo...
🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻 تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

👍 1
ياشلىق ۋە ئاياللار پىتنىسى ھەسسان مۇجاھىد بۈگۈنكى كۈندە ، مۇسۇلمان ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان پىتنىلەر ئىچىدە ، ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك قىيىن ۋە خەتەرلىك پىتنە ئاياللار پىتنىسىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «مەندىن كېيىن ئەرلەرگە، ئاياللاردىنمۇ چوڭراق زىيانلىق پىتنىنى قالدۇرمىدىم» [بۇخارى]. مۇسۇلمان ياشلارنىڭ ئاياللارنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر: 1. ئىجتىمائىي تاراتقۇ ، تېلېۋىزىيە قاناللىرى ، يۈرۈشلۈك فىلىملەر ، دىراممىلار ۋە ھەر خىل پروگراممىلاردىكى يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى ۋە فىلىملىرىنى تاماشا قىلىش. 2. ژۇرنال ، گېزىت، ئېلان ۋە شەھەر ئېلان تاختىلىرىدىكى گۈزەل ۋە جەلپكار ئاياللارنىڭ رەسىمىنى كۆرۈش. 3. ھىجابسىز ئاياللارنىڭ بازار ۋە كوچىلاردا ئەركىن سەيلە قىلىپ مېڭىشى. 4. تېلېفون ئارقىلىق ياش قىز- ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى شەرىئەتكە زىت مەخپىي ئالاقىلەر. 5. ساياھەت باغچىسى ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ۋە بايراملاردا ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ پائالىيەت ئۆتكۈزىشى. 6. ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش. 7. مەكتەپ ، ئورگان ، زاۋۇت ، بازار ، مېھمانخانا ۋە قاتناش شىركەتلىرىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشى. 8. ھېسسىياتچان ۋە رومانتىك كىتاب، ھېكايىلەرنى كۆپ ئوقۇش. بۇ پىتنىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك زىيانلىرىدىن: 1. دىندىن چەتنەپ كېتىش: تارىخقا قارايدىغان بولساق ، بىر كىشى كاپىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ، ئاخىرىدا دىنىنى تاشلاپ ، خوتۇن كەينىدىن كەتكەن ئەھۋال يۈز بەرگەن. 2. ئاچچىق تۇرمۇش: سۆيگىنىدىن ئايرىلغان ياشلار ھەمىشە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاچچىق تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىگە دۇچ كېلىدۇ. 3. ئاللاھنڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىش: پىتنىگە پېتىپ قالغان ياشلار توختىماي ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىدۇ. 4. كېسەللىكلەر: ئۇلار پىسخىكا ۋە روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. 5. ئىشسىزلىق: بۇ ياشلار خىيال ۋە قايغۇغا چۆكۈپ ، ئىلىم ۋە خىزمەت ئارزۇسىنى يوقىتىدۇ. 6.ئۇلار ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئۇنتۇيدۇ. 7. كىشىلەرگە ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەپ بىلەن قارايدۇ. 8. ئاتا-ئانىلارغا بويسۇنماسلىق: ئائىلىدە جېدەل-ماجىرا ۋە كېلىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 9. بەختنى ۋەيران قىلىدۇ: ئۇلار قىممەتلىك ۋاقتىنى ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ، ساغلام تۇيغۇسىنى ۋە پۇللىرىنى ئۇششاق پىسخىكىلىق ئارزۇغا ئىسراپ قىلىدۇ. 10. ھەقنى كۆرمەسلىك: ئۇلارنىڭ قەلبى قېتىپ كېتىدۇ، ئىبادەتكە قىزىقمايدۇ ۋە مەخلۇقنى ياخشى كۆرۈپ كۆز- قۇلاقلىرى كۆرمەس ئاڭلىماس بولۇپ كېتىدۇ. ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۇسۇللىرى 1. كۆزنى يۇمۇش: يېرىم يالىڭاچ ئاياللارغا قاراش زىنانىڭ بىر تۈرى ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا قارىماسلى كېرەك. 2. ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىن قورقۇش: ھەرقانداق ئەھۋالدا چوقۇم نامەھرەم ئاياللار بىلەن يالغۇز قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 3. توي قىلىشقا ئالدىراش: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئى ياشلار جامائەسى، ئاراڭلاردىكى ھەرقانداق ئادەم توي قىلىشقا قادىر بولسا توي قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ھارامغا قاراشتىن كۆزنى ساقلايدۇ ۋە ئىپپەت-نومۇسىنى قوغدايدۇ. كىمكى توي قىلىشقا قادىر بولالمىسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا تۇتۇش ئۇنىڭ شەھۋىتىنى كېسىپ تاشلايدۇ » دېگەن ئىدى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]. 4. قىممەتلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش. 5. يات ئاياللارغا ئارلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەر كىشى يات ئايال بىلەن يالغۇز قالمىسۇن ، ئەگەر يالغۇز قالسا شەيتان ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ».[ئەھمەد ۋە تىرمىزى]. ئاللاھ تائالا ياشلىرىمىزنى پىتنە- پاساتلاردىن ساقلىسۇن. مەنبە: [ياشلار ۋە ھازىرقى زامان سىناقلىرى ، 31-بەت] https://t.me/dawatlar99
Mostrar todo...
🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻 تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

👍 6
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بەخىت- سائادەت توغىرسىدا دېگەن يەتتە قائىدىسى: 1- بىر كىشى سېنىڭ ھەققىڭدە قانچىلىك خاتالاشقان بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئۆچ كۆرمىگىن. 2- غەم- قايغۇلىرىڭ چىكىگە يەتسىمۇ ،ئەسلا ئەندىشە قىلما. 3- ئەھۋالىڭ بەك ياخشى بولسىمۇ، ئاددىي ياشىغىن. 4- بالايى- مۇسىبەتلىرىڭ كۆپ بولسىمۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلغىن. 5- كەمبەغەل بىرسى بولساڭمۇ، كۆپ سەدىقە -ئېھسان قىلغىن. 6-يۈرىكىڭدىن قان ئېقىۋاتقان بولسىمۇ، تەبەسسۇم قىلغىن. 7-قېرىنداشلىرىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت دۇئا قىلىپ تۇرغىن. https://t.me/dawatlar99
Mostrar todo...
🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻 تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

👍 1
السلام عليكم ورحمة الله وبركاته نادىر دەۋەتلەر قانىلدىكى ھەممە ئەزىز قېرنداشلار. ئايمىڭلىغا مۇبارەك بولسۇن. مېھرىبان ئاللاھ ئىككىلا دۇنيادا سالامەت خاتىرجەم قىلسۇن امين اجمعين يارب. و تقبل الله طاعتكم وصالح أعمالكم وجزاكم الله خيرا وبارك فيكم https://t.me/dawatlar99
Mostrar todo...
🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻 تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

👍 2
بىز تۆۋەندە بۇ ئۇلۇغ ئايەمگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى: 1. مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەملىرىدە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك 2. ⁠ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇش ھارام 3. ⁠ ھېيت نامىزىنى ئوقۇش 4. ⁠يۇيۇنۇش 5. ⁠روزا ھېيتتا ناشتا قىلىۋېتىپ نامازغا مېڭىش، قۇربان ھېيتتا ناشتا قىلماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ ئاندىن قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بىلەن ناشتا قىلىش مۇستەھەب 6. ⁠ھېيت كۈنىدە تەكبىر ئېيتىش 7. ⁠ ئۆزئارا تەبرىكلىشىش «ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىشىش بۇ ھېيتتا قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى كۆپ. ساھابەلەرمۇ ھېيت كۈنى بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تەبرىكلەشكەن.(17) يەنە بۇ كۈنلەردە سىلە – رەھىم قىلىنىدۇ، كىشىلەر ئۆز – ئارا ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇپ سالاملىشىدۇ. 8. ⁠ ھېيت كۈنىدە چىرايلىق كىيىنىش 9. ⁠ھېيت نامىزىغا بىر يولدىن بېرىپ باشقا يولدىن قايتىش 10. ⁠سەدىقە بېرىشكە بۇيرۇش 11. ⁠ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى – كېيىن نەفلە ناماز ئوقۇلمايدۇ 12. ⁠ قۇربانلىق قىلىش 13. ⁠ھېيتتا ھالال ئويۇن – تاماشا بىلەن كۆڭۈل ئېچىشقا بولىدۇ دىنىمىز ھېيتلارنى شاد – خۇراملىق كەيپىياتى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ شاد – خۇرام بولۇشى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا باغلىق بولۇپ قالماسلىقى، ھالال دائىرىدە كۆڭلىنى ئاچالايدىغان، شادلىنىشى ئۈچۈن ھارامغا موھتاج بولمايدىغان، تائەت دائىرىسىدە ئويناپ، ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ، دۇنيادىمۇ شاد، ئاخىرەتتىمۇ شاد بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. جانابى ئاللاھ دەيدۇ: (ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا ئېرىشىدۇ﴾(13/«رەئد»، 29). ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر! sajiya. https://t.me/dawatlar99
Mostrar todo...
🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻 تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

👍 4
"(سەلەپلەردىن تىلەك)ھاجەتلىرىنى ئاللاھتىن تىلەشكە مەخسۇس ئەراپات كۈنىگە ساقلايدىغانلارنى كۆرگەنمەن" ئىمام ئەۋزائى.. ئەراپات كۈنىدىكى ئەڭ ئەۋزەل زىكىر بولسا : لا إله إلا الله وحده لا شىريك له. له الملك وله الحمد وهو على كل شيء قدير. https://t.me/dawatlar99
Mostrar todo...
🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻 تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

1_5140935377816650856.mp39.03 MB
🤩 1
Elige un Plan Diferente

Tu plan actual sólo permite el análisis de 5 canales. Para obtener más, elige otro plan.