cookie

Utilizamos cookies para mejorar tu experiencia de navegación. Al hacer clic en "Aceptar todo", aceptas el uso de cookies.

avatar

🌷‼️ ئەسلەتكىن دەۋەت قانىلى‼️🌷

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:- ‼️﴿ ئەسلەتكىن، ئەسلىتىش مۇئمىنلەرگە پايدىلىق ﴾‼️ زاريات 55-ئايەت قانال تىلىمىزنى بىلىدىغان بارلىق قېرىنداشلار ئۈچۈن بولۇپ،بارلىق مۇھاجىرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

Mostrar más
El país no está especificadoUigur37Religión y espiritualidad86 496
Publicaciones publicitarias
680
Suscriptores
+124 horas
+17 días
+1730 días

Carga de datos en curso...

Tasa de crecimiento de suscriptores

Carga de datos en curso...

Mostrar todo...
ۋاقىتلىق سوئال توپى📜🍁🍃

ھەر كۈنى 30 تال ۋاقىتلىق سوئال يوللايمىز ئىنشائاللاھ. مەقسىتىمىز دىنىمىزنى ئۆگىنىش..

Photo unavailableShow in Telegram
ئەتە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالىسىڭىز روزا تۇتۇشنى قولدىن بەرمەڭ! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: « ئاشۇرا كۈنىدە تۇتقان روزىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھلارنى يوققا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. (مۇسلىم: 1162). ئەتە سەيشەنبە «ئاشۇرا كۈنى» روزا تۇتۇش مۇشۇنداق پەزىلەتلىكتۇر.
Mostrar todo...
وَلَقَدْ صَدَقَكُمُ اللَّهُ وَعْدَهُ إِذْ تَحُسُّونَهُم بِإِذْنِهِ حَتَّى إِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَعَصَيْتُم مِّن بَعْدِ مَا أَرَاكُم مَّا تُحِبُّونَ مِنكُم مَّن يُرِيدُ الدُّنْيَا وَمِنكُم مَّن يُرِيدُ الْآخِرَةَ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِيَبْتَلِيَكُمْ وَلَقَدْ عَفَا عَنكُمْ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ ئاللاھ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار، (پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەندىن قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[152]. سۈرە ئال ئىمران 152 - ئايەت http://qurankerim.com/app
Mostrar todo...
قۇرئان كەرىم ئەپ دېتالى

بۇ دېتال، قۇرئان كەرىم دېتالى ئۆز كاتېگورىيىسىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق دېتال.

ھەر قانداق بىر سېستىما، ھەر قانداق بىر دۆلەت، ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە ياكى ھەر قانداق كىشى بولسۇن ئاللاھ ئۇنى مۇنداق ئىككى نەرسە ئوتتۇرسىدا ئىمتىھان قىلىدۇ؛ پىرىنسىپ ئۈستىدە سابىت تۇرۇش، مەنپەئەت بويىچە تەۋرەپ تۇرۇش. چۈنكى پىرىنسىپ بىر نەرسىگە بىكىتىلگەن بولىدۇ، مەنپەئەت بولسا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە ھەر يانغا سۆرەپ ماڭىدۇ. كىمكى پىرىنسىپلارغا ئەگىشىپ ماڭسا مەنپەئەتلەر ئۇنىڭغا كىچىككەن تەقدىردىمۇ بىر كۈنلەردە كىلىدۇ. ئەمما مەنپەئەتلەرگە ئەگىشىپ پىرىنسىپلارىنى تەرك ئەتكەن كىشى ئۇ مەنپەئەتلىرىنىمۇ زىيان تارتىدۇ، پىرىنسىپلىرىنىمۇ ئاللىبۇرۇن يۇقاتقان بولىدۇ. دۇنيالىقىنىمۇ زىيان تارتىدۇ، ئاخىرەتلىكىمۇ يوقايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «كىمكى ئاللاھنى رازى قىلىمەن دەپ كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغان بولسا ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ، كىشىلەرنىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن رازى قىلدۇرىدۇ. كىمكى كىشىلەرنى رازى قىلىمەن دەپ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرسە ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭمۇ غەزىپىنى ئۇنىڭغا يۈزلەندۈرىدۇ.» قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ۋاقىت پىرىنسىپنى مەنپەئەتتىن يۇقرى بىلەتتى. ساھابىلەر ھىجرەت قىلغاندا ھەممە نەرسىلىرىنى پىرىنسىپىنى دەپ تاشلىغان ئىدى. چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي پىرىنسىپ ساھىبى ئىدى. قۇرەيش خەلقى بولسا قۇرەيشنىڭ بىرلىكى- ئەرەبلەرنى بىرلەشتۈرۈش دىگەن مەنپەئەت ئاساسىدا ئىسلامغا قارشى چىققان ئىدى. بىزنىڭ ھەقىقى ئىمتىتىھانىمىز مانا بۇ نوقتىدا، يەنى پىرىنسىپلىرىمىزدەدۇر. #ئىسلام توردىن كۆچۈرۇلدى
Mostrar todo...
🌹مۇھەررەم ئېيى ۋە ئاشۇرا كۈنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا🌹 #جامائەت نائىب ئەمىرى: ئۇستاز ئابدۇسالام       🔗 تېلىگرام يىڭى قانال ئادرىسىمىز: https://t.me/ustazabdusalam 🔗 ۋاتسئاپ بىرىنچى توپ ئادرىسىمىز : https://chat.whatsapp.com/GUPWzdoO8jg8vNfsHAe9tD 🔗 ۋاتسئاپ ئىككىنچى توپ ئادرىسىمىز : https://chat.whatsapp.com/IwJ7CsaEtSBAHWN9JpnQnA 🔸🔸🔸🔸🔸🔸🔸🔸🔸 🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹 🌷🌷🌷🌷🌷🌷🌷🌷🌷🌷🌷🌷🌷🌷
Mostrar todo...
5_6199415761379787283.mp34.06 MB
ئى ئاللاھ، بىزگە ئاتا قىلغان ھەربىرنىئمەتنىڭ... خۇسۇسەن ئىلىم نىئمىتىنىڭ شۈكرىسىنى ئادا قىلىشقا نىسىپ قىلغىن. ھەقىقەتەن ھەربىر نىئمەتنىڭ شۈكرىسى ئۆز جىنسىدىن بۇلىدۇ، بۈگۈنكىدەك دۇنيا مەنپەئەتى ۋە پۇل _ مال قوغلىشىش ئالدىنغا ئۇرۇنغا قۇيۇلىۋاتقان كۈنلەردە ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئىلىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بارچە نىمەتلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن سەرىپ قىلىش __ ئىخلاس تېپىلسىلا _ كاتتا سالىھ ئەمەلدىندۇر. ئى ئاللاھ ھاياتىمىزغا بەركەت بەرگىن، دەرگاھىڭدا قۇبۇل قىلنىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى بىزگە سۈيۈملۈك كۆرسەتكىن، بىزلەرنى جەننبەت ئەمەللىرىگە يىتەكلىگىن، سىنىڭ تەۋپىقىڭ ۋە ھىدايەت قىلىشىڭ بولمىسا بىز ئاجىز ۋە زىيانكارلاردىن بۇلۇپ قالىمىز. بىزنى ھىدايەتىڭدە سابىت قىلغىن ئامىن.
Mostrar todo...
👍 1
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ . اللە ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن! بالىلار كېسەللىكلىرى دۇختۇرى قېرىندىشىمىز دۇختۇر مۇسئەب 7-ئاينىڭ14-كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن كىيىن سائەت 4تىن 7گىچە ئاقبايراقتا كېسەل كۆرمەكچى، بالىلار دۇختۇرىغا ئېھتىياجلىق قېرىنداشلار شۇ ۋاقىتتا ئاقبايراققا كەلسەڭلار بولىدۇ.
Mostrar todo...
Elige un Plan Diferente

Tu plan actual sólo permite el análisis de 5 canales. Para obtener más, elige otro plan.