💞 ئەر-ئاياللارغا نەسىھەت💞🏠بەخىتلىك ئائىلە🏠💞
الذهاب إلى القناة على Telegram
﴿ئەڭ ياخشىڭلار ئاياللىرغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلاردۇر﴾ _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. ‼️ دىققەت‼️بۇقانال پەقەت توي قىلغانلارغا مەنسۇپ‼️بويتاقلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ‼️
إظهار المزيدلم يتم تحديد البلدالدين والقيم الروحية57 603
1 011
المشتركون
-224 ساعات
-47 أيام
-330 أيام
أرشيف المشاركات
بۈگۈن كۈندە بىز مۇھاجىرلار غېرىپلىقنى ھەقىقىي چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمىز ،
ھېچقىسى يوق ، ئەقىدىمىز ئىمانىمىزدا سابىت تۇرساق ، ھەق ئۈچۈن غېرىپ بولساقمۇ ، رەببىمىز ھامىنى چىقىش يولى بىرىدۇ ، ئەجرىمىزنى زايا قىلمايدۇ.
بۈگۈن ئۆلىمالار ۋە تەۋھىد بىلەن ياشايمىز دېگەنلەر ھەقىقىي غېرىپلاردۇر.
بىز تەۋھىد بىلەن ياشايمىز ياكى ئىنشائاللاھ تەۋھىد بىلەن شەھىد بولىمىز
https://t.me/iz555
Repost from N/a
ئەگەر بىر قىز بالا ئىلىمسىز، تەربىيەسىز قالسا، ئۇنىڭ قەلبىدە نەپسانىي ھەۋەسلەر ۋە جاھالەت يىلتىز تارتىدۇ. كېيىن ئانا بولغاندا، شۇ ھالەتنى پەرزەنتلىرىگىمۇ مىراس قالدۇرىدۇ. نەتىجىدە، جاھالەت ئاۋۋال ئۆيلىرىمىزگە، ئاندىن پۈتۈن جەمئىيەتكە يېيىلىدۇ.
ئەمما قىز بالا ئىلىم ئۆگەنسە، گوياكى بىز ئۈممەتنىڭ قەلبىگە ئىلىم ۋە پەزىلەتنىڭ ئۇرۇقىنى چاچقان بولىمىز. ئاڭ ۋە مەرىپەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر ئائىلىنىڭ ئۇلىنى سالغان بولىمىز.
شۇڭا، ئايال ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئەر كىشىنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈكرەكتۇر. چۈنكى ئەرنى تەربىيەلەيدىغانمۇ، كەلگۈسى ئەۋلادنى يېتىشتۈرىدىغانمۇ — ئانىدۇر.
— ئىبن بادىس رەھىمەھۇللاھ
https://t.me/+89-HVK7i7jZhYTZk
Repost from مىسران_Misran
بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئەرلەر كۆپ _يۇ، لېكىن ئەركەكلەر قالمىدى.
قىزلار كۆپ_يۇ، لېكىن ئىپپەتلەر قالمىدى.
چوقۇم كۆرۈڭ🌹
🔗مىسران ئۈنچىلىرى
https://t.me/misran_unqiliri
Repost from 💞 ئەر-ئاياللارغا نەسىھەت💞🏠بەخىتلىك ئائىلە🏠💞
⁉️😢 مۇسلىمەلەر بۇ ھەدىستىن قەيەردە 😢⁉️
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام مۇنداق دېگەن:
ئاياللارنىڭ مەسچىتلىرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەڭ ئىچكىركى ئۆيىدۇر.
(صحيح الجامع 3327)
گەرچە ئاياللارنىڭ تولۇق ھىجاپلىنىپ پىتنىدىن ئەمىن بولغان ھالدا مەسچىتكە چىقىشى دۇرۇس بولسىمۇ ئىچكىركى ئۆيى ئەۋزەل بولغان يەردە ، ئۇلارنىڭ زىننەتلىنىپ ، سومكىلارنى ئېسىشىپ بازارلارغا بېرىشى ، ئەرلەرگە سۇۋۇنۇپ ، تىگىشىپ قىلىشقا پەرۋا قىلماسلىقى ، ھاجەتسىز ، ھېچ تارتىنماي يات ئەرلەر بىلەن سۆزلىشىپ يۈرىشى ... ئەجىبا بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟!
https://t.me/ayil6
Repost from 🌷‼️ ئەسلەتكىن دەۋەت قانىلى‼️🌷
نەشىد :🌺 بىزگە كېرەكتۇر شەرىئەت🌺
👆👆👆
ئاللاھ بىزنى بۇ ئەھدىلەردە سادىقلاردىن قىلسۇن ،
ئاللاھ بىزلەرنى راسچىل مۆئمىنلەردىن قىلسۇن.
https://t.me/iz555
🌹ئۆلۈم ھەق، تەييارلىق قىلايلى 🌹
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر».
[ ئەنكەبۇت 57 _ ئايەت ]
‼️🌺 دۇنيا بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى ‼️🌺
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
🌹《 تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى[1ـ2].
سۈرە تەكاسۇر 2 - ئايەت
@iz555
🎧 ھەق ئەھلىگە تۆھمەت قىلىش بىدئەتچى كىشىلەرنىڭ يولىدۇر
🎙 ئۇستاز مۇھەممەد
⏱️ ۋاقتى 13:06
💾 سىغىمى 18
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba
Repost from 💞 ئەر-ئاياللارغا نەسىھەت💞🏠بەخىتلىك ئائىلە🏠💞
🌹بىزگە نىمە بولدى ؟ نىمىشقا بىر بىرىمىزنى مۇنكەردىن توسمايمىز 🌹
ئىلگىرى فىسبوكتا مۇنكەرلەرنى كۆرسە خېلى تۇسىدىغان قېرىنداشلار كۆپ ئىدى.
ھازىر تۇسىدىغانلار ئازلاپ قالدىمۇ ياكى نەسىھەت قۇبۇل قىلمايدىغانلار كۈپۈيۈپ كەتتىمۇ!
مۇزىكا، نامەھرەم ئاياللار ئارلاش چىقىدىغان فىلىملەر،
كۈپۈيۈپ قېلۋاتىدۇ.
ھىجىرەت قىلغانلارنىڭ كۈپۈنچىسنى شۇنداق مۇنكەرلەرنى يامان كۆرىدۇ دەپ بىلىمەن، لىكىن بىزدەك زۇلۇم تارتقان دۆلىتى كاپىرلار تەرپىدىن بېسۋېلىنغان يۇرتلىردىن قوغلانغان مۇسۇلمان خەلىق ئۈچۈن، ھىجىرەتىن كىيىنمۇ مۇنكەرنى داۋام قىلىش ياكى تاشلىماسلىق ۋە ياكى بىر بىرسىمىزنى توسماسلىق بىزنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ توغرىسدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ.
ھەقىقەتەن كىشىلەر ئەگەردە بىرەر مۇنكەرنى كۆرۈپ ئۆزگەرتمىگەن بولسا پات يېقىندا ئاللاھ ئۇلارنى ئۇمۇميۈزلۈك جازالايدۇ.
صحيح الجامع 1974
ئاللاھ بىزلەرنى ئىسلاھ قىلسۇن، ئازابىدىن ساقلسۇن. ئامىن.
ھالبۇكى بۇ كۈنلەردە مۇنكەرنى توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەمبەھىرلەپ كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا نۇرمال قارايدىغان ۋە ئىچى سىقىلمايدىغان ھالەت شەكىلەندى.
(حسبنا الله ونعم الوكيل )
مۇنكەرنى قىلمايلى تارقاتمايلى، بىر بىرمىزنى ھەققە چاقىرايلى!
مۇنكەرنى كۆرسەك تۇسايلى!
ئەي ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار....
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ.
سىلەردىن كىم بىر مۇنكەر ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرىتسۇن، ئەگەر قولى بىلەن ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسا تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر تىلى بىلەن ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسا قەلبىدە نارازى بولسۇن، (مۇنكەر ئىشقا قەلبىدە نارازى بولۇش) ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزلىقىدۇر.
مۇسلىم رىۋايەت قىلغان...
بىزدىن ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار، مۇنكەرنى شۇنداق تۇسىدىكەنتۇق.
بىزچۇ..... ئەھۋالىمىز چاتاق
سۇپيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دىگەن:
ئەگەر مەن بىرەر مۇنكەر ئىشنى كۆرۈپ توسىيالمىسام قان سىيىمەن.
( يەنى، ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىم سىقىلىپ بىئارام بولىمەن).
سير أعلام النبلاء ٧/٢٥٨
مۇسۇلمان بولساق ئۈزىمىزنى تەكشۈرەيلى قېرىنداشلار!
ۋەتەندىكىلەر كاپىرنىڭ زۇلىمىدا، ھارام ۋە مۇنكەرلەرگە زورلاندى، بىزچۇ خالاپ قەلبىمىزدە سىقىنچە يوق قىلامدۇق، تارقىتامدۇق.
ۋەتەننىڭ فىلىملىرى دەپ مۇزىكا ۋە نامەھرەم ئاياللار چىقىدىغان نەرسىلەرنى كۈرىۋەرمەيلى. ھەمبەھىرلەپ تارقىتىۋەمەيلى قېرىنداشلار.
ھەممىنىڭ ھىسابى بار.
شۇ قىلغانلىرىمىز، ئارزۇ ھەۋەسلىرىمىز قالىدۇ، بىزلەر كىتىمىز، ئۇنۇتمايلى قىلغان ئەتكىنىمىز بىز بىلەن بىرگە ھىساپ مەيدانغا ھازىر بۇلىدۇ، مۇكاپات جازاسىنى ئالىمىز.
ئاللاھقا، راسچىل سەمىمى مۇسۇلمانلاردىن بولايلى.
ئاللاھ بىزلەر غەلبە نۇسرىتىگە لايىق كىشلەردىن قىلسۇن، ئازابىدىن ساقلىسۇن. ئامين
( پىسبوكتىن يۆتكەلدى )
@ayil6
ھەممەيلەن ئۇقۇپ چىقىپ، پىكىر قىلىشقا تىگىشلىك تەۋسىيەلىك ئەسەر 👆👆👆
Repost from 🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣
ياۋا كەپتەر
ئەينى يىللىرى سىياسىي يازمىلار تۈرىگە تەۋە قىلىنىپ ، چەكلەنگەن تەۋسىيەلىك ئەسەر .
T.me//kalbimga_hitab
Repost from 🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣
– بىراق ئۇنى قويۇۋەتسەكمۇ بىزگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ-دە.
– ھازىرمۇ بەرىبىر پايدىسى يوق.
– باشتىلا شورپا قىلىۋېتىدىغان گەپكەندۇق.
ئۇ ساڭگىلاپ تۇرغان قانىتىمنى بىر پەس تۈزەشتۈرۈپ، ئاندىن مېنى قويۇپ قويدى. كۆكتە قۇياش كۈچلۈك نۇر چېچىپ تۇراتتى. مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ-قۇۋۋىتىمنى يىغدىم. كۆككە قاراپ ئۇچماقچى بولدۇم. بىراق، قەپەس، سىم تور يەنىلا يولۇمنى توسۇپ تۇراتتى. مەن نەچچە كۈندىن بېرى ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئۇرۇپ ئۇنى بۆسۈپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەنىدى. لېكىن، ۋۇجۇدۇمدا ئازراق كۈچ يىغىلىپ، ئەسلىگە كەلگەن ھامان ئۇنىڭغا تاشلىنىپ باقاتتىم.
مەن بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ سىم تور شۇنداق قۇدرەتلىك ياسالغانىدى. ئۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى جەملەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرتتىكى بارلىق ئەركىنلىكنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولاتتى، بىراق ئۇنىڭغا ھەرگىز ئېرىشكىلى بولمايتتى. قەپەس ئىچىدىكى ھاۋا بىلەن سىرتتىكى ھاۋا ئوخشاش، بىراق ياشاش شەكلى ئوخشىمايتتى. بۇ تورنى توقۇغان ئادەملەرنىڭ نىيىتى شۇنداق قارا ھەم باغرى شۇنچىلىك قاتتىق ئىدى. ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقان بۇ كىچىككىنە جاننىڭ جاسارىتى ئۇلارنى قىلچە تەسىرلەندۈرەلمەيتتى. ئەمدى ئۇلارغا قىلچە پايدام تەگمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ مېنى روھىي قۇللۇققا ئالماقچى بولاتتى. جاندىن باشقا ھېچنېمە قالمىغان بۇ كىچىككىنە جىسمىمنى قىيناش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى بولاتتى. ئەڭ قەبىھ يېرى، ئۇلار مېنى ئۆلەي دەپمۇ ئۆلەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانىدى. ئىچىمدە شۇنداق نىدا قىلاتتىم: «ئەي، ئەركىنلىكنىڭ قاتىلى بولغان رەھىمسىز ئادەم، يا مېنى ئۆلگىلى قوي، يا بولمىسا ئەركىنلىكىمنى بەر!»
تۇيۇقسىز تونۇش بىر ھىد بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. ۋۇجۇدۇمغا بىردىنلا كۈچ يىغىلدى، «ئانا»… مەن ھاياجان ئىچىدە بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئانامنىڭ كۆزلىرى بىر خىل جىددىيلىك بىلەن چاقناپ تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ يۇلۇنغان قانىتىم، ساڭگىلاپ قالغان تۇمشۇقۇم، پۈرلىشىپ ئەسكى كىگىزدەك بولۇپ كەتكەن قاناتلىرىمغا بىر خىل ئېچىنىش ئىچىدە قارىدى.
– ئانا، كەچۈرۈڭ. ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويدۇم. مەن ھەرگىزمۇ سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسكەنمەن، – مەن گۇناھكارلارچە بېشىمنى ئەگدىم. ۋۇجۇدۇم نومۇس كۈچىدىن ئۆرتىنىپ كەتتى. نېمىشقىمۇ ئانام كەلگۈچە ئۆلۈۋالمىغانلىقىمغا ئېچىندىم.
– ياق، سەن ئۆزۈڭ قىلالايدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلدىڭ. ئەمدى ئۇنى ئاخىرىغا چىقار.
– بىراق ئانا، مەن بىر مەھبۇسقا ئايلىنىپ قالدىم. ئاجىزلىقتا شۇ دەرىجىگە يەتتىمكى، ئۆلۈۋالاي دەپمۇ ئۆلۈۋالالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالدىم.
– بۇ مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرۇپتۇ، مەن سېنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم.
– بىراق، مېنىڭ ئەمدى ئەركىنلىككە چىققۇم يوق. مەن ئەمدى بۇ ئەپتىم بىلەن ھەرگىزمۇ سىزنىڭ بالىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەس.
– مەن ساڭا ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىمەن بالام. سەن يەنىلا مېنىڭ باتۇر بالام بولىسەن. سەن ھەرگىزمۇ قۇللارچە ئەمەس، باتۇرلارچە ئۆلۈشۈڭ كېرەك، – ئانام شۇنداق دەپلا بوغۇزىدىكى دانلارنى ياندۇردى، – بۇ زەھەرلىك بۆلجۈرگەن، سەن بۇنى يېسەڭلا ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولىسەن. شۇنداقلا جەمەتىمىزنىڭ ئابرۇيىنىمۇ ساقلاپ قالىسەن. ئىسىڭدە بولسۇن، ئەركىنلىكنى مەڭگۈ ھېسداشلىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن قان ئاققۇزۇش كېرەك. قېنى، تۇمشۇقۇڭنى يېقىن ئەكەل.
مەن ئانامنىڭ قەتئىيلىك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە ئاخىرقى قېتىم تىكىلدىم. ئۇ شۇنچىلىك خاتىرجەم، شۇنچىلىك قەيسەر ئىدى. مەن پۇچىلىنىپ، ساڭگىلاپ قالغان تۇمشۇقۇمنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم. بۇ، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇرۇلغان توسۇقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئەڭ قۇدرەتلىك قورالمىم ئىدى. بىراق، ئۇ رەھىمسىز توسۇقنى چوقۇلاۋېرىپ ئاخىرى سۇنۇپ، مۇشۇنداق ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى.
زەھەرلىك بۆلجۈرگەن ۋۇجۇدۇمدا بىر ئەركىنلىكنىڭ جارچىسى بولۇپ ئورۇنلاشتى. ئاھ، ئاخىرى ئەركىن ئۆلۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم دەپ شادلاندىم. روھۇم بىر خىل ئازادىلىك ئىچىدە يېلىنجاشقا باشلىدى. ئاسمان شۇنچىلىك سۈزۈك، ئەتراپ شۇنچىلىك تىمتاس، دۇنيا يەنىلا گۈزەل ئىدى. بۇلۇڭدىكى بىر توپ كەپتەرلەر ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى.
2004-يىل 24-مارت، مارالبېشى.
T.me//kalbimga_hitab
Repost from 🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣
مەن كەپتەرلەرگە ئەگىشىپ خامانغا چۈشتۈم. بۇ يەردە ھەقىقەتەن كۆمۈلۈپ قالغان بوغدايلار بار ئىكەن، تەمى شۇنداق تاتلىق ئىدى. بۇ يەر بولىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. بۇ جايدا ئادەملەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. باشقا كەپتەرلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرقىغا قاراپ مەنمۇ خاتىرجەم ھالدا قورساق توقلاشقا باشلىدىم. سىرتقى دۇنيا ھەرگىزمۇ ئانام ئېيتقاندەك ئۇنداق خەتەر بىلەن تولغان ئەمەس ئىدى.
خاتىرجەم ھالدا ئالدىمدىكى يوغان بىر تال دانغا بويۇن ئۇزاتتىم. شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلگەن بىر خىل كۈچ كانىيىمنى كېلىپ بوغدى. ناھايىتى تېزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزۈمنى چەتكە ئالماقچى بولدۇم. بىراق، نامەلۇم بىر كۈچ مېنى يەنە شۇنچە تېز يەرگە تارتىپ چۈشتى. ئۆزۈمنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇشقا باشلىدىم. كەپتەرلەر گۈررىدە كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇپ كېتىشتى. ئاخىرى ھالسىزلىنىپ يېتىپ قالدىم. بۇ مەن چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى مەنزىرىگە بەك ئوخشايتتى. «ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىممۇ-نېمە؟» دەپ ئويلىدىم. بىراق، ھازىر يېقىن ئەتراپتا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى.
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا ئىككى ئادەم تۇيۇقسىز يېنىمدا پەيدا بولۇپ قالدى. ئاھ، ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپتىمەن، دېدىم مەن. بىراق، ئۇلار مېنىڭ بوينۇمنى سىقىپ تۇرغان غايەت زور كۈچنى بوشاتتى.
– ياۋا كەپتەركەن… – دېدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشراق بىرسى.
– مەھكەم تۇت، قېچىپ كەتمىسۇن، قانىتىنى بوغۇپ قويايلى. – ئۇلار بىرلىكتە قانىتىمنى بوغۇشلاپ، ئاندىن بوينۇمدىن تۇتۇپ كۆزلىرىمگە قاراشقا باشلىدى.
– ۋاي، بەك ئېسىلكەن، تازا ئامەت كەلدى. – چوڭراقى مېنى قولىغا ئېلىپ قاراپ كەتتى.
– بۇنىڭ بىزگە قىلچە پايدىسى يوق، قويۇۋېتەيلى. قارا، ئۇ ئاللىبۇرۇن تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋاپتۇ. بۇنداق كەپتەرگە ئۇچراپ قالغاندا قويۇۋەتمەي ئامال يوق. ئادەتتە كەپتەرلەرنىڭ باشچىلىرى شۇنداق بولىدۇ.
– ھېچ بولمىسا ئۇنى بىر ئۇۋا كۆپەيتىۋالايلى.
– ئۇ ئەمدى دان يېمەيدۇ، سۇ ئىچمەيدۇ، تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە سەن بىلەن قارشىلىشىدۇ.
– قاراپ تۇرۇپ قويۇۋېتەمدىم؟ – دېدى ياشراق ئادەم.
– ئىختىيارىڭ، بىراق، ھايال ئۆتمەي سۆزۈمنىڭ راستلىقىنى بىلىپ قالىسەن. مەنمۇ مۇشۇنداق بىر كەپتەرنى تۇتۇۋالغان، دەسلەپتە قويۇپ بېرىشكە كۆزۈم قىيمىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى.
– مەن بۇنى چوقۇم كۆندۈرىمەن، – دېدى ئۇ.
«ھەرگىز قولۇڭغا كۆنمەيمەن. بىر ئامالنى قىلىپ چوقۇم قېچىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئانامنىڭ سۆزىنى ئېسىمدە تۇتماي، بۇ كۈنگە قالغىنىمدىن تولىمۇ نومۇس ھېس قىلدىم. كۈچ بىلەن يۇلقۇنۇپ ئۇنىڭ قولىدىن بوشاپ ئۇچۇپ چىقتىم، بىراق ئانچە ئۇزۇن بارمايلا يەرگە گويا بىر پارچە چالمىدەك پوككىدە چۈشتۈم.
– كاساپەت، ھېلىمۇ ياخشى قانىتىڭنى بوغۇپ قويۇپتىمەن. بولمىسا قەيەرلەرگە كېتىپ قالار بولغىيتتىڭ؟ – ئۇ مېنى خالتىدەك بىر نەرسىگە سولاپ نەگىدۇر ئېلىپ باردى. ئاندىن قانىتىمنى مەھكەم قاماللاپ، سىمدىن توقۇلغان بىر تورنىڭ ئىچىگە سولىۋەتتى. تور ئىچىدىكى بىر قانچە كەپتەر گۈررىدە بىر بۇلۇڭغا قىستالدى.
– قارىغاندا ئاچ قالغان ئوخشايسەن، بولمىسا بىر تال داننى دەپ مېنىڭ قىسماقلىرىمدا پالاقلاپ ياتماستىڭ… – ئۇ قەپەسكە بىر سىقىم داننى چېچىپ سۇ قويدى. كەپتەرلەر گۈررىدە يىغىلىپ داننى يېيىشكە باشلىدى.
بىراق، مېنىڭ ئۆچمەنلىكىم شۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىدىكى، مۇمكىن بولسا ھازىرىلا قەپەسكە ئۈسۈپ ئۆلۈۋالغۇم كېلەتتى. بىراق، قانىتىم بەك چىڭ تېڭىۋېتىلگەن بولغاچقا پەقەتلا مىدىرلىيالمىدىم. بېشىمنى ئاران كۆتۈرۈپ، ئەمدىلا تىكلەشكەن قۇياش نۇرىغا قارىدىم. ئاھ، ئۆيدىن ئايرىلىپ بىر كۈن بولماي تۇرۇپلا ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم-ھە! ئانام بۇ ھالىمنى كۆرسە نېمە دەپ ئويلاپ قالار؟ ھالسىز ھالدا پوكىنىمنى يەرگە قويۇپ ياتتىم.
چۈشۈمدە ئانامنى كۆرۈپتىمەن. ئۇ كۆپكۆك ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ مېنى يېنىغا چاقىرىدىكەن. تۇرۇپلا يېنىدا داداممۇ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ قامىتى شۇنداق كۆركەم بولۇپ تولىمۇ ھەۋىسىم كەلدى. ئۇلار مېنى چاقىرغاندەك قىلدى. بەلكىم قۇلىقىمغا شۇنداق ئاڭلانغاندۇ. مەن ئۇلارگە قاراپ ئۇچتۇم. ئۇچقانسېرى ئۇلار مەندىن يىراقلىشاتتى. ئۇچۇشتىن توختىسام ئۇلارمۇ يىراقلاشتىن توختايتتى. ئۇچۇۋېرىپ ئاغزىم قۇرۇپ كەتتى. «ئانا، سۇ…» دەپ ئويغىنىپ كەتتىم. بېشىمدا ھېلىقى ئادەم سۆزلەۋاتاتتى.
– بۇ بەك جاھىل كەپتەركەن، بەش كۈن بولدى ھېچنېمە يېمىدى.
– ئۇنى باققاننىڭ پايدىسى يوق دېمىدىممۇ؟ بۇ ھېلىقى كۈندىكى ياشتا چوڭراق كىشى ئىدى.
– ئەمدى بۇنداق تۇرۇۋەرسە ئۆلۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە بالىلىرىمغا شورپا قىلىپ بېرەي.
– ئۇنىڭدىن قانچىلىك شورپا چىقماقچىدى؟ بەلكىم، ئەمدى يېسەڭ ساڭا زىيان قىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ياخشىسى قويۇۋەت. بۇنداق ئېسىل سورتلۇق كەپتەرنى قاراپ تۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويساق بولمايدۇ.
T.me//kalbimga_hitab
Repost from 🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣
– ئانا، دادام ئۈچۈن باشقا كەپتەرلەردەك پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كەلمەيدۇ؟
– داداڭ بالىلىرىنىڭ قۇل بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇلار داداڭنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى باشقا كەپتەر بىلەن جۈپلەپ ئەۋلاد قالدۇرماقچى بولغان. بىراق داداڭ ھەرگىزمۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن بۇنداق نومۇسلۇق ياشاش مۇھىتىنى قالدۇرۇشقا ۋىجدانى يول قويمىغان. سەن چۈشۈڭدە كۆرگەن كەپتەرلەر دەل بالىلىرىنى قۇللۇققا تاشلاپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان كەپتەرلەرنىڭ ئەۋلادى بالام. ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئادەملەرنىڭ قولىدا روھى قۇللۇقتا ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلۈم مىڭ ئەۋزەل. سەن دەل ئاشۇنداق باتۇر كەپتەرنىڭ پەرزەنتى. سەن مەڭگۈ مۇشۇ روھنى ئۇنتۇپ قالما!
ئانامنىڭ سۆزلىرى روھىمدا ئۇزاققىچە زىلزىلە پەيدا قىلدى. ئۆزۈمنىڭ شۇنداق بىر باتۇر دادىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىمدىن چەكسىز شادلاندىم. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئىنتايىن ئىپتىخارلىق، بەختلىك بىر روھنىڭ تېنىمدە بىردىنلا باش كۆتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پۈتۈن قەلبىم، ۋۇجۇدۇم كۈچ ۋە ئىپتىخارغا تولدى. قەلبىمدىكى بارلىق مۇھەببەت بىلەن ئانامنى مەھكەم قۇچاقلىدىم.
– بارغىن بالام، سېنى ئەلگە، كەپتەرلەر توپىغا بېغىشلىدىم. ئۇلار باشسىز قالمىسۇن. يېقىندىن بېرى ئادەملەر بىزنى ھەر خىل يوللار بىلەن تۇتۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا سەن بىز ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەررەك ماكان تاپ. خوش بالام.
قانىتىم ئانامنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن ھۆللەندى. كۆرگەن چۈشۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر سەپەرنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. ھەرگىز ئادەملەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالمايمەن دەپ ئويلىدىم.
ناھايىتى ئۇزاق ئۇچتۇم. باشتا ئېقىن بويلاپ ئۇچتۇم. كېيىن بىر مەھەللىگە كىرىپ قالدىم. بۇ مەن چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى مەھەللە ئەمەس ئىدى. ھەم ئۇنىڭدەك قورقۇنچلۇقمۇ كۆرۈنمەيتتى. بىراق، مەن شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەپ ناھايىتى ئېگىز ئۇچتۇم. قانىتىمدا يېتەرلىك كۈچ بار ئىدى. قۇلىقىمدا ئەمدى ئادەملەرنىڭ شاۋقۇنى ئەمەس، بەلكى شاماللارنىڭ غۇر-غۇر سوققان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. مەن بۇ ئۇچۇشۇمدا ئۆز نىشانىمدىن بەك يىراقلاپ كەتسەم بولمايتتى. ئەگەر بەك ئۇزاپ كېتىدىغان بولسام، بىزنىڭ كۆچۈشىمىزگە تەسىر يېتەتتى.
راستىنى ئېيتقاندا مەن ئانامنىڭ كۆچۈش توغرىلىق پىكرىگە ئانچە قوشۇلمايتتىم. بىزنىڭ ماكانىمىز ناھايىتى ئېگىز يانباغىر، تىك قىيانىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئۇ يەرگە ئادەملەر تۈگۈل ئۇچار قۇشلارمۇ تەستە قونالايتتى. بىز ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئاشۇ جايدا ماكان تۇتۇپ، بىخەتەر ياشاپ كەلگەن تۇرۇپ، ئەمدىلىكتە كۆچمەكچى بولۇۋاتاتتۇق. ئادەملەرنىڭ ئۇنچىۋالا قۇدرەتلىك بولۇشى ناتايىن. مانا مەن ھازىر ئادەملەرنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتىمەن. ھېچقانداق خەتەرنى سەزمىدىم. بەلكىم ئانام زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك.
كەچ كىرىپ ئەتراپ گۇگۇم قاراڭغۇلۇقى ئىچىگە غەرق بولدى. بىر كۈن ئۇچۇپ ھارغىنلىق يەتكەنىدى. گەرچە ئادەملەر بار بۇ يەرگە قونۇش ئويۇم بولمىسىمۇ، بىراق قاراڭغۇدا نىشاندىن ئادىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئارام ئالمىسام بولمايتتى. جەنۇب، شىمال، غەرب تەرەپلەرنى كۆزىتىپ بولدۇم. بۇ يەرلەردە بىز ياشىغۇدەك بىرەر ياخشى ماكان ئۇچرىمىدى. بەلكىم، بەك ئېگىز ئۇچۇۋەتكەن بولسام كېرەك. ئەتە شەرق تەرەپنى ئايلىنىپ پەس ئۇچۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
كېچە يۇلتۇزلىرى ئۈستۈمدە چاقناپ تۇراتتى. مەن مۇشۇنداق گۈزەللىككە تولغان بىر دۇنيادا ئۇنداق قورقۇنچ ئىچىدە ياشاشنىڭ تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئاستا-ئاستا پەسلەپ بىر دەرەخ ئۈستىگە قوندۇم. ئەتە قانداق مەنزىرە ئىچىدە تۇرىدىغانلىقىم نامەلۇم ئىدى. مەن ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچانلىق قىلىپ، ئېگىز ئۇچۇۋەتكەچكە كۆڭۈلدىكىدەك بىر ماكان تېخى ئۇچراتمىغانىدىم. شۇڭا ئەتە ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىپ پەسىرەك ئۇچۇشنى ئويلىدىم.
مۇڭلۇق بىر ئاۋاز شېرىن ئۇيقۇمنى بۇزۇۋەتتى. ھارغىنلىق ئىچىدە شۇنچە شېرىن ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. بىر توپ كەپتەر ئەتراپىمدا ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ قانىتىدىن مۇڭلۇق ئاۋاز كېلەتتى. مەن ھەيران قالدىم. ئۇلار بەئەينى ماڭا ئوپئوخشاش كەپتەرلەر ئىدى. تۇرۇپ ئۇلار مەن چۈشۈمدە كۆرگەن كەپتەرلەرگىمۇ ئوخشاپ قالاتتى، تۇرۇپ ئوخشىمايتتى. تۈنۈگۈن بىر كۈن ھېچنېمە يېمەي ئۇچقاچقا، ھازىر قورسىقىم ئېچىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلاردىن بۇ يەردە بىخەتەررەك بىر ئوتلايدىغان يەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىماقچى بولدۇم. ئۇلار يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ، بىردىنلا مەھەللە سىرتىغا قاراپ ئۇچۇشقا باشلىدى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.
– نەگە بارىسىلەر؟ – ئارقىدىراق قالغان بىرسىدىن سورىدىم.
– خامانغا.
– ئۇ يەردە نېمە قىلىسىلەر؟
– دان ئىزدەيمىز.
– دان دېگەن سىلەر يەيدىغان نەرسىمۇ؟
ئۇ ماڭا خۇددى يات بىر مەخلۇققا قارىغاندەك غەلىتە چەكچىيىپ قاراپ قويدى:
– سەن ياۋا كەپتەركەنسەندە؟
– شۇنداق، مەن بۆلجۈرگەن سايدىن كەلدىم.
T.me//kalbimga_hitab
Repost from 🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣
ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزمىساق بىزنى ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. يۈر سىرتقا چىقايلى، ساڭا ئەمدى داداڭنىڭ قىسمىتىنى سۆزلەپ بېرىدىغان ۋاقىت كەپ قالغان ئوخشايدۇ.
ئانام مېنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ سىرتقا ئېلىپ چىقتى. ئەتراپ پۈتۈنلەي ياۋا ئوت-چۆپلەر بىلەن تولغان، ھېچقانداق يول ياكى ئىز چۈشمىگەن كەڭرى دالا ئىدى. بۇ دەريا بويىدىكى ئېگىز يارداڭلىقتا ئىدى. بۇ يەردە نەچچە مىڭلىغان كەپتەرلەر ئۇۋا سېلىپ ئەۋلاد قالدۇراتتى. ئاستىمىزدىلا ئېقىپ ئۆتىدىغان سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى بىزگە يېقىملىق ئەللەي ناخشىسى ئوقۇپ بېرەتتى. نەزىرىمدە بۇ يەر جاھاندىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ بىخەتەر ماكان ئىدى. ئەگەر ئادەملەر بولمىغان بولسا، بىز مەڭگۈ مۇشۇ بەختلىك زېمىندا ياشىغان بولاتتۇق. ھەي ئادەملەر، سىلەر زادى…
– مانا بۇ سېنىڭ ماكانىڭ. مانا بۇ ئەجدادلىرىڭ ياشىغان زېمىن. سېنىڭ بوۋاڭ، داداڭ مۇشۇ ماكاننى گۈللەندۈرۈپ، مۇشۇ كەپتەرلەر توپىغا باشچىلىق قىلىپ ئۆتكەن. شۇڭا، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىناۋىتىمىز يۇقىرى. شۇنداقلا زىممىمىزدىكى يۈكىمىزمۇ ئېغىر. مەن سېنى داداڭدەك باتۇر ئەزىمەت بولسۇن دەپ، ھەر كۈنى تاڭ سەھەردىلا ئويغىتىپ، نەچچە يۈز چاقىرىم يەرگە ئاپىرىپ، ئۇچۇشنى مەشىق قىلدۇرىمەن. قاناتلىرىڭنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىمەن. مۇسكۇللىرىڭنى چىڭىتىمەن. ئەقىل-زېھنىڭنى ئۇرغىتىمەن. ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇشنى ئۆگىتىمەن. سەن ھازىر جىسمانىي جەھەتتە خېلى پىشىپ يېتىلدىڭ. ئەمدى ئەقلىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلىشىڭ كېرەك. ئادەملەردىن ھەر ۋاقىت سەگەك بول. ئۇلار يەردە يۈرسىلا بىزگە چېقىلالمايدۇ دەپ ئويلىما. مىلتىق دېگەن نەرسىسى ئارقىلىقلا ئۇلار سېنى نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىن سوللاق ئاتقۇزۇۋېتەلەيدۇ. داداڭنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلەمسەن؟
– ياق، سىز ماڭا تېخى ۋاقتى ئەمەس دەپ، ئېيتىپ بەرمىگەن.
– ئەمدى ۋاقتى كەلدى. مەن نەچچە كۈن ئىلگىرىلا بۇ يەردە بىر قانچە ئادەمنىڭ تىمىسقىلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. دېمەك ئۇلارنىڭ بىزگە كۆزى چۈشتى دېگەن گەپ. شۇڭا ئۇلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن بىز تېخىمۇ بىخەتەر ماكان تاپمىساق بولمايدۇ. داداڭمۇ دەل ئاشۇ ئادەملەرنىڭ قولىدا جېنىدىن ئايرىلغان.
– ئانا، دەپ بېرىڭە، دادام نېمە بولۇپ ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان؟
ئانام بىر پەس جىمىپ قالدى. بەلكىم كۆڭلى بۇزۇلۇۋاتقاندۇ، دەپ ئويلىدىم.
– شۇ كۈنى داداڭ بىر توپ كەپتەرلەرنى باشلاپ بىز ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن. ئادەتتە كەپتەرلەر ھەمىشە ئۆزىمىزگە خەتەر يەتمەيدىغان ئوزۇق-تۈلۈك مول جايلارنى تاللايمىز. داداڭ كەپتەرلەرنىڭ باشچىسى بولغاچقا، بۇ ئېغىر ۋەزىپە تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن. داداڭ شۇ چىقىپ كەتكەنچە بىر قانچە كۈنگىچە كەلمىدى. مەن ئۇنىڭدىن بەكلا ئەنسىرەپ قالدىم. ئادەتتە بىز يېرىم كۈنلۈكتىن ئوشۇق يول بولسا ئۇۋىلىرىمىزنى يۆتكەيتتۇق. داداڭنىڭ ئۇنچە ئۇزۇنغا ئوزۇق ئىزدەپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. يۈرىكىم ئۇنىڭ بىر خەۋپكە ئۇچرىغىنىنى سېزىپ تۇردى. ئۇ چاغدا سەن ۋە ئۇكىلىرىڭ ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققانىدىڭلار. شۇڭا سىلەرنى تاشلاپ داداڭلارنى ئىزدەپ بارالمىدىم. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ، داداڭ بىلەن بىرگە كەتكەن بىر كەپتەر قايتىپ كەلدى. شۇ چاغدىلا قىياسىمنىڭ توغرىلىقىنى، داداڭدىن ئادەملەرنىڭ قۇرغان قىلتىقىغا چۈشۈپ قالغىنىنى بىلدىم. كېيىن ئۇنىڭ ئامان قالغان دوستلىرى بىر-بىرلەپ قايتىپ كەلدى. بىراق، داداڭ شۇ كەتكەنچە كەلمىدى.
مەن ئانامنى يىغلاپ سالامدىكىن دەپ ئويلىدىم. بىراق، ئۇنىڭ كۆزىدە بىر خىل قەيسەرلىك نۇرى چاقناپ تۇراتتى.
– دادام نېمىشقا قايتىپ كېلەلمەپتۇ؟ – مەن تەقەززالىق بىلەن سورىدىم.
– داداڭ دېگەن كەپتەرلەرنىڭ پادىشاھى. ئۇنىڭدا شۇنىڭغا چۈشۈلۈك روھ بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى قوغدىيالمىسا بۇ كەپتەرلەر توپىنى قانداق قوغدايدۇ؟ بىر پادىشاھ باشقىلارنىڭ قۇللۇقى ئاستىدا ياشاپ قانداقمۇ يەنە قايتىپ كېلىپ، بۇ توپقا باشچىلىق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر يولى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قۇللۇقىغا بويسۇنماسلىق. داداڭ ئادەملەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قەپەسكە سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن، بىز ياۋا كەپتەر شاھلار جەمەتىنىڭ ئادىتى بويىچە تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋاپتۇ. ئۇ بىر دەقىقە بولسىمۇ، قەپەستە ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەپتۇ. قەپەس ئۇنىڭ قىزىل قېنى بىلەن بويۇلۇپتۇ. داداڭ ئادەملەر سېلىپ بەرگەن دان-سۇنى ئىچمەي-يېمەي توپتۇغرا بىر ھەپتە ياشاپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ قولىدا باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بوپتۇ. مانا بۇ بىزدىكى ھەقىقىي ئەركىنلىك روھى ئوغلۇم. سەنمۇ داداڭغا ئوخشاش مەڭگۈ ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى بول.
T.me//kalbimga_hitab
Repost from 🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣
– ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى بەك بوغۇۋاپسىز، – دېدىم مەن، – ئۇنىڭغا تېخىمۇ كەڭرەك ئىمكانىيەت بېرىڭ. ئۇ ئۆز ئەركى بويىچە ياشىسۇن. – مەن قېرى كەپتەرنىڭ سۆزىگە سۆز قىستۇرۇشنى خالىمىساممۇ، بىراق سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋەرگۈم كەلمىدى. بۇنداق تەڭسىز مۇھىت مېنىڭچە كەپتەرلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھرىبانلىقىنى يوقىلىش خەۋپىگە باشلاپ باراتتى.
– ھەي، سىز بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزنى چۈشەنمەيسىز. ئىگىمىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويساق بولمايدۇ. ئەگەر بىرەرسىمىز ئۇنىڭ بەلگىلىگەن دائىرىسىدىن ھالقىپ يوقاپ كەتسەك، ئۇ ھەممىمىزنى قەپەس ئىچىگە سولىۋېتىدۇ. نەچچە ئايغىچە سىرتقا چىقالمايدىغان گەپ. ئۇ چاغدا ھازىرقى مۇشۇ كىچىككىنە قونداقتىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.
قەپەسنىڭ زادى قانداق نەرسىلىكىگە پەقەت ئەقلىم يەتمىدى. كەپتەرلەر ئۇنىڭگە سولىنىپ قېلىشتىن ھەم ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىدىكەن. كەپتەرلەرنىڭ ئەڭ چۈشىنىكسىزى ئادەملەر ئارىسىدىكى كەپتەرلەركەن دەپ ئويلىدىم. بۇ ئويۇمنى بوۋايغا بىلدۈرگۈم كەمدى. بىراق دېدىممۇ-دېمىدىممۇ ھازىر ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. بەلكىم بىر ئېغىزمۇ رەددىيە ياكى ماقۇللۇق سۆزى بىلدۈرمىدىم.
– سىلەر چوڭلار اجىزلارنىڭ رىزقىنى يەۋالىدىكەنسىلەر، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ قارشىلىقىنى چەكلەيدىكەنسىلەر، ئۇنى توغرا ئىشتەك چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدىكەنسىلەر. بۇنداق مۇھىت قانداقمۇ كەپتەر بالىلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە، ياشىشىغا ماس كەلسۇن؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ قانداق ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە بىخۇدلىشىپ كېتىپسىلەر، رەزىللىكتە ئادەملەرگە يېتىشىۋالغىلى تۇرۇپسىلەر، – دېدىم مەن.
– ئادەملەرگە تىل تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇلار بولمىسا بىزنىڭ بۈگۈنىمىزمۇ بولمايدۇ. تەتۈر تەشۋىقلىرىڭىزنى باشقا يەرگە بېرىپ قىلىڭ، – دېدى بوۋاي زەردە بىلەن.
مەن بوۋاينىڭ ياخشى كۆڭلۈم ئۈچۈن بۇنچە زەردە قىلغىنىنى چۈشەندىم. بەلكىم ئۇ مەقسىتىمنى چۈشەنمەي قالغان بولسا يەنە چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەكتۇ.
– سىلەردە مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسە يوقكەن. ئۆز ئەۋلادلىرىڭلارنى قاراپ تۇرۇپ ئوتقا ئىتتىرىدىكەنسىلەر… – سۆزۈمنىڭ داۋامىنى تېخى تەسىرلىك چۈشۈرىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق، شۇ ئارىدا تاراق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پۇتۇم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئۇچۇش ئۈچۈن قانات قاققان بولساممۇ، قانىتىم بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالدى. كەپتەرلەر پۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى. ئاندىن ئەتراپىمدا ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدى.
– ھا، ھا، ھا! ئەركىن ياشىغۇچى، ئاخىرى قەپەسكە چۈشىدىغان بولدۇڭ. سېنىڭ يەنە چوڭ سۆزلىگەنلىكىڭنى بىر كۆرەي!
ئۆزۈمنىڭ قىلتاققا چۈشۈپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم. مەن بىردىنلا بوۋاينىڭ مېنى ئەتىگەندىن بېرى گەپكە تۇتۇپ، ئىگىسىنىڭ تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن ئالداپ تۇرغىنىنى چۈشەندىم. قەلبىم چەكسىز ئازابقا تولدى. ماڭا كەلگەن بۇ خەتەر ئادەملەردىن ئەمەس، بەلكى كىچىككىنە مەنپەئەتكە ئالدانغان ئۆز قېرىنداشلىرىمدىن كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئادەملەرگە ماسلىشىپ مېنى تۇتۇپ بېرىشى پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى ھەم مېنى بەك ئېچىندۈردى. خىيالىمدا «ھەرگىزمۇ ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىق كېرەك» دېگەن ئىدىيە چاقماق تېزلىكىدە چاقناپ ئۆتتى. ئىككى پۇتۇمنى ئۇزىۋېتەلىسەملا مەن يەنە ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيتتىم. شۇڭا بار كۈچۈم بىلەن ئىككى تەرەپكە پالاقلىشىشقا باشلىدىم.
– بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، نېمە بولدى ساڭا؟ – كۆزۈمنى ئاچسام ئانام بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ. خۇداغا شۈكرى، ساقكەنمەن دەپ ئويلىدىم. ئىككى پۇتۇمنى سىيلاپ باقسام ھېچنېمە بولماپتۇ.
– سېنى قارا بېسىپ قاپتۇ، – دېدى ئانام.
– بەك قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەن، – دېدىم ئانامنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ۋە چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم.
– سەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭنىڭ قىسمەتلىرىنى كۆرۈپسەن ئوغلۇم. ئادەملەر كۈنسېرى بىزنىڭ ياشاش مۇھىتىمىزغا قىستاپ كىرمەكتە. ئۇلار بىزنىڭ ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن زېمىنىمىزدىن بىزنى قوغلاپ چىقارماقچى، يەرلىرىمىزنى تارتىۋالماقچى. ئەۋلادلىرىمىزنىڭ نەسلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاشۇنداق ئۆز نەسلىنى تونۇمايدىغان قىلىپ شالغۇت سورتلارغا ئايلاندۇرماقچى. بەلكىم ئۇزاققا قالماي بۇ يەرلەرگە ئېگىز بىنالار، زاۋۇتلار سېلىنىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا كېرەكسىز سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ئىس-تۈتەكلەر ئارىسىدا بىزنىڭ بۇ گۈزەل مۇھىتىمىز بۇلغىنىدۇ. شەھەر ئارىسىدا قىپقالغان دەريالىرىمىزدا ھازىرقىدەك شەربەت سۇلار ئەمەس، بەلكى يۇندا ئاقىدىغان بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بەك قورقۇنچلۇق ئوغلۇم. سەن بۇنى سەزمەيلا قالىسەن. ئەۋلادلىرىڭ سەن ياشىغان پاكىز مۇھىتنى كۆرەلمەيدۇ. تۇغۇلۇپلا جاھان مۇشۇنداق ئوخشايدۇ، دەيدۇ. ئامالسىز ئۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇلار بىزنى كۈنسېرى قىستاپ كەلمەكتە. ھەتتا ناھايىتى يېقىنلاپ قالدى. بىز ئەمدى باشقا بىر چىقىش يولى تاپمىساق بولمايدۇ.
T.me//kalbimga_hitab
Repost from 🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣
سىلەر ئالدى بىلەن روھىڭلاردىكى ئاشۇ قۇللۇقنى يوقىتىشىڭلار كېرەك. ئەڭ مۇھىمى سىلەر روھنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋېلىڭلار. سىز نېمىشقا مەن بىلەن بېرىپ ئانامدىن سوراپ كۆرمەيسىز؟ – دېدىم مەن يېشى چوڭ كەپتەرگە ھېسداشلىق قىلىپ. مەن بوۋاينىڭ بىلىۋېلىشىنى ئىزدىدىممۇ ياكى ئۆزۈم بىلىۋېلىشنى ئويلىدىممۇ تازا ئېنىق ئەمەس ئىدى. بەلكىم ھەر ئىككى خىل ھېسسىيات ۋۇجۇدۇمدا تەڭ قۇتراۋاتقاندۇ.
– بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى. شۇنداق بىخەتەر قەپىسىم تۇرۇپ، روھ ئىزدەپ نەگە بارىمەن. يەنە كېلىپ مەن روھنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسەم، ئۇنى تاپساممۇ نېمە پايدىسى؟ قارا، روھ بولمىسا نېمە بوپتۇ، يەنىلا مۇشۇ قەپىستە بىخەتەر ياشاۋالغىلى بولىدىكەنغۇ. يەنە كېلىپ ھېچنېمىگە ئەس قاتمايدىغان روھ دېگەن ئۇ نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش نەقەدەر جاپالىق.
يېشى چوڭ كەپتەرنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ كەتتىم. ئۇنۇڭ دېگىنى بىر تۇرۇپ توغرىدەك، بىر تۇرۇپ خاتادەكمۇ قىلاتتى. ئەمما ھېچقانداق ياشاش ئېتىقادى ۋە روھى بولمىغان بىر كەپتەر بىلەن روھ توغرىلىق سۆزلىشىش ماڭا نومۇسلۇق ئىشتەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بېرىپ بۇ مەسىلىنى ئانامدىن سوراپ باقاي، دەپ ئويلىدىم.
بىر توپ كەپتەرلەر يېنىمىزغا كېلىپ قوندى. ئاندىن ئۆزئارا گۇگۇلاشتى. ئۇلارنىڭ بەزى سۆزلىرىنى پەقەت ئۇقمىدىم. بەلكىم ئۆز تىلىدا سۆزلەشسە كېرەك. ئادەتتە بىز تەرەپلەرگىمۇ بەزىدە مۇشۇنداق ياقا يۇرتلۇقلار كېلىپ قالاتتى. ئۇلار كىملەر؟ يېشى چوڭ كەپتەرنىڭ دوستىمۇ ياكى جەمەتىمۇ بىلمىدىم. مەن بىلەن سۆزلەشمەكچىمۇ ياكى ئۆزئارا پاراڭلىشىۋاتامدۇ پەقەتلا ئۇقمىدىم.
– ياخشىمۇ سەن قوزام، – يېشى چوڭ كەپتەر يېنىدىكى كىچىك بىر كەپتەرنىڭ پەيلىرىنى چوقۇلاپ ئەركىلىتىپ قويدى.
– ياخشى ئەمەس، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى. نېمىشقا ئانام ئەمدى دان بەرمەيدۇ؟ – ئۇ دان ياكى قوناق دېگەندەك بىر ئىسىمنى ئېيتتى. بەلكىم تېرىق ياكى كەندىر دېگەندۇ. ئىشقىلىپ مەن بىلمەيدىغان ياتلا ئىسىم ئىدى. ھەي، ئادەملەر باشقۇرغان كەپتەرلەر قىزىقكەن، يەيدىغان نەرسىلەرگىمۇ ھەر خىل ئىسىم قويۇپ يۈرىيدىكەن، دەپ ھەيران قالدۇم.
– ئاناڭ ئەمدى يېڭى ئۇكىلىرىڭنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن قۇۋۋەت توپلىمىسا بولمايدۇ. ئادەم كېلىپ دان سېلىپ بەرگۈچە ساقلا، بولامدۇ؟
– ياق، ساقلىيالمايمەن. دالاغا بېرىپ ئۆزۈم دان تېپىپ يەپ كېلىمەن.
– ئوبدان قوزام، گېپىمنى ئاڭلا. ئۇ يەرگە بارساڭ بەك خەتەرلىك. سېنى ئەسكى ئادەملەر تۇتۇپ يەپ كېتىدۇ. بارما بولامدۇ؟!
كىچىك كەپتەر دومسىيىپ جىم بولۇپ قالدى. قارىغاندا بۇ توپتىكىلەر مۇشۇ قېرى كەپتەرنىڭ گېپىنى بەكرەك ئاڭلايدىغاندەك قىلاتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ يەپ كېتىدىغان ئاشۇ ئادەملەر بىلەن يەنە بىرگە ياشىشىنى پەقەتلا كاللامغا سىغدۇرالمىدىم. بەلكىم مەن يېيىش دېگەن سۆزنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندىمەن. بەلكىم بۇ «ياخشى قارا» دېگەن سۆزدەك بىر سۆز بولۇشىمۇ ئېھتىمال. ياكى بۇ چەت تىلدىن كىرگەن سۆز بولسا مەن مەنىسىنى خاتا ئىستېمال قىلىۋالغان بولۇشۇم مۇمكىن. بىراق بۇ مېنىڭ ئويۇمچە ھەممە كەپتەر بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم سۆز ئىدى. ئاناممۇ ھەمىشە ماڭا ئادەملەرنىڭ توتۇۋېلىشىدىن، يەپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەشنى جېكىلەيتتى. بىراق، ھازىر بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بۇ يەردە باشقىچىگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك قىلاتتى. چۈنكى، ئۇلار ئادەملەرنىڭ يېيىشىدىن ھەزەر ئەيلىسە ھەرگىز يەنە ئادەملەر بىلەن بىرگە تۇرمايتتى. قانىتىغا تايىنىپ خالىغان يەرگە ئۇچۇپ كەتسە بولۇۋېرەتتى. بىراق ئۇلار قانىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك. بەلكىم ياشاپ كۆنۈپ قالغان قەپەستىن ئايرىلىشىنى خالىماسلىقىمۇ مۇمكىن.
– ئۇنداقتا بىزنىڭ ئىگىمىز ياخشىمۇ؟ – كىچىك كەپتەر قېرى كەپتەردىن سوئال سوراشقا باشلىدى.
– ئەلۋەتتە ياخشى.
– بىراق، ئۇمۇ بىزنى باشقا ئادەملەردەك خالىسا تۇتۇپ يەيدىغۇ؟
– بۇ دېگەن ئوخشىمايدۇ. ئۇ بىزنى قەپەس ئىچىدە باققاندىكىن تۇتۇپ يېسە ھەقلىق. بۇنىڭغا ھېچقايسىمىز قارشىلىق قىلساق بولمايدۇ.
مەن ئاخىرى يېيىش دېگەن سۆزنىڭ ئىستېمال مەنىسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى، باياتىن ئارتۇقچە گۇمان قىلىپ يۈرگىنىمنى چۈشەندىم.
– بىراق ئىگىمىز بەرگەن دانلارنى چوڭلار يەۋېلىپ ماڭا ئاشمىسا، مەن قانداق قىلىمەن؟ مەن كۈنسېرى ئورۇقلاپ، ياشاشقا ئامالسىز قېلىۋاتىمەن.
– سەنمۇ ئاستا-ئاستا شۇنداق چوڭ بولىسەن. چوڭلاردىن قانداق يېيىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىسەن. يېيىشكە تېگىشلىك نەرسىنى ھەرگىز باشقىلارغا بەرمەيدىغان بولىسەن. بىز ياشىغان مۇھىت مۇشۇنداق ئوغلۇم.
– بىراق، بوۋا…
– بولدى قوزام، جىق سۆزلەپ كەتتىڭ، كەپتەر دېگەن قانائەتچان بولۇشى كېرەك، ئارتۇقچە نەرسىلەرنى تالاشماسلىق لازىم. بىلدىڭمۇ؟
T.me//kalbimga_hitab
